ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يىتىپ كېتىشى ۋە شۇنىڭدەك خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئېلىپ كېتىلىشىدەك ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كرىزىسنىڭ زور بىر مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىغا 20 يىلدىن ئاشتى.
2011-يىلى 4-ئايدا خىتاي دائىرىلىرى«شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق ئۇيغۇر سەرگەردان بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىمىز» دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، بۇ مەسىلە ھېلىھەم ئېغىر، ئۇيغۇر بالىلار داۋاملىق يىتىپ كەتمەكتە،بەزىلىرىنىڭ ھەتتا ئايلار، يىللارغا قەدەر ئىز-دېرىكى يوق. شۇلارنىڭ بىرى 10 ئاي ئىلگىرى ئۆيىنىڭ ئىشىك ئالدىدىن يىتىپ كەتكەن سۈرىيە ئەسقەت. ئادەم ئىزدەش ئېلانلىرى ئارقىلىق بۇ 7 ياشلىق ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئوماق سېيماسى ھەممىگە تونۇشلۇق بولۇپ قالدى. ئەپسۇسكى ئۇنىڭدىن ھېچ خەۋەر يوق، سادا يوق. سۈرىيەنىڭ ئانىسى ئىلنۇر «ئاپا دەپ چاقىرغان ئاۋازنى ئاڭلىمىغىنىمغا 10 ئاي بوپتۇ، پەقەت مۇشۇ ئاۋازنى ئاڭلاش ئۈچۈنلا ياشاۋاتىمەن...» دەيدۇ.
نۆۋەتتە، يىتىپ كەتكەن بالىلارنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېلىش يولىدىكى بىر پىدائىيغا ئايلانغان ئىلنۇر خانىم، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ يىتىپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ ھېلىھەم ئېغىرلىقى ھەققىدە توختالدى.
ئاتا-ئانىسىنىڭ بىر تال ئەتىۋارلىق ئوماق قىزى سۈرىيە 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت ئىككى ئەتراپىدا ئۆيى ئەتراپىدا تۇيۇقسىز ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى، مانا ھازىر ئۇ يىتىپ كەتكىنىگە 10 ئايدىن ئېشىپ كەتتى، بۇ جەرياندا سۈرىيەنىڭ ئاپىسى ئىلنۇر، دادىسى ئەسقەت قىزىنى ئىزدەشنى بىر كۈنمۇ توختاتمىدى. ئۇلارنىڭ ئازابىنى قىياس قىلالىساقمۇ ھەقىقىي ھېس قىلىش تەس، ئۇلار ھېلىھەم قىزىنىڭ مۇشۇ تاپتا قەيەردە ئىكەنلىكىنى، ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەر. ساقچى دائىرىلىرى سۈرىيەنىڭ يىتىپ كەتكەن ئۆيىنىڭ ئەتراپىنى بىر مەزگىللىك ئىزدەش ئارقىلىق ئۇنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغانلىق ئېھتىمالى يوق دېگەن يەكۈننى چىقاردى، دېمەك ئۇ يىتىپ كەتتى ياكى ئالداپ كېتىلگەنلىكى جەزملەشتى دېيىشكە بولىدۇ.
نۆۋەتتە سۈرىيەنى ئىزدەش دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق دېلو قاتارىغا كىردى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەن، ھېسداشلىق قىلغان ئامما بىرلىكتە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ھەمكارلىشىپ سۈرىيەنى ئىزدىمەكتە، ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە يېرىنى ئىزدەپ چىقتى، ھەتتا خىتاي ئۆلكىلىرىگىچە باردى. ئەمما.... بۇ ئوماق قىزچاق يەنىلا تېپىلمىدى. سۈرىيەنىڭ ئانىسى ئىلنۇر خانىم جەسۇرلۇق بىلەن ئازابىنى يېڭىپ، پۇچىلانغان قەلبىنى ئۆزىگە ئوخشاش بەختسىزلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە ياردەم قىلىشقا ئاتىماقتا.
ئۇ قىزىنى ئىزدەش جەريانىدا يىتىپ كەتكەن بالىلارنى ئۆيگە قايتۇرۇش ئۈچۈن بىر پىدائىيغا ئايلاندى، شۇنداقلا ئۇيغۇر بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىشىگە دائىر مەسىلىلەردە ئۆز ئەمەلىيىتىدىن نۇرغۇن چۈشەنچە ۋە تەجرىبىلەرگە ئىگە بولدى. بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلنۇر خانىم قىزىدىن ئۈمىدلىك بىر ئۇچۇرغا ئىگە بولالماي كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، قىزىنى ئىزدەش داۋامىدا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدا 20 نەچچە بالىنىڭ ھازىرغىچە خەۋىرى يوقلۇقى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ يىتىپ كەتكىنىگە 10 نەچچە يىللار بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىشى-ئائىلىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىنىڭ ناچارلىقى، بالىلارغا ئۆزىنى قوغداش تەربىيىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى، ئەڭ مۇھىمى، دۆلەتنىڭ بالىلارنى قوغداش ۋە قۇتقۇزۇش سىستېمىسىدىكى بوشلۇق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئېغىر بىر ئىجتىمائىي مەسىلە. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى 1990-يىللاردا ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدا ھەر يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتايغا سەرگەردان بولۇپ بارىدىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ 3 مىڭدىن 6 مىڭغىچە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن بولسا، يېقىنقى 10 يىلدا بۇ سان 10 ھەسسە ئۆرلىگەن. يەنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى قورۇمىغا يەتمىگەن سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ سانى 50 مىڭ ئەتراپىدا دەپ تەخمىنلەنمەكتە. 2014-يىلى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ خىتايدىكى سەرگەردان بالىلار ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە سەرگەردان بولۇپ بارغان بالىلارنىڭ 93% ئىنى ئۇيغۇر بالىلار ئىگىلەيدىكەن. ئىلنۇرنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە دائىرىلەر بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەزى بىر قىسىم يېڭى تەدبىرلەرنى ئېلىشقا باشلىغان. گەرچە دائىرىلەر 2011-يىلىدىن 2014-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ كېتىلگەن 3000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بالىلارنى ئائىلىسىگە قايتۇرغان بولسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇن ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئىز-دېرىكى يوق، بالىلارنىڭ يىتىپ كېتىشى داۋاملىق يۈز بەرمەكتە. تېپىلىش نىسبىتى يوقاپ كېتىشكە قارىغاندا يەنىلا تۆۋەن.
ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق، مۇخبىرىمىز بىلەن ئىلنۇر خانىمنىڭ سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلغايسىز.