ئۈرۈمچىدە قۇرۇلماقچى بولغان ئەخلەتتىن توك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى نارازىلىققا ئۇچرىدى
2013.08.16
دائىرىلەر يېقىندا ئۈرۈمچى يامالىق تېغى كەينىدىكى غەربىي تاغ رايونىدا ئەخلەتتىن توك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇشنى قارار قىلغان. قۇرۇلۇشنىڭ بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئىش باشلايدىغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، غەربىي تاغ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە نارازىلىق ئىنكاسى يېزىش، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىغا توپلىنىپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرىدە بولدى.
چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپلەپ قۇرۇلۇۋاتقان مۇھىتنى بۇلغايدىغان زاۋۇت-شىركەتلەرنىڭ رايون خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب ئىكەنلىگىنى ئىلگىرى سۈردى.
رادىئومىز ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىغا بىر توپ خىتاي پۇقرالىرى توپلانغان بولۇپ، ئۇلار شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ غەربىدىكى غەربىي تاغ رايونىدا 10-ئايدا قۇرۇلۇش باشلاش بەلگىلەنگەن « ئۈرۈمچىدىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىدىن توك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى » قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىغا توپلانغان بۇ خىتاي پۇقرالىرى ئون نەچچە كىشى بولۇپ، ئارىدىن بىرەيلەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدىن چىققان بىر خىزمەتچى خادىمغا سۆز قىلىپ « بىز شىسەن رايونىدا ئەخلەتتىن توك چىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇشقا نارازىلىق بىلدۈرىمىز. شەھەرلىك ھۆكۈمەت 10-ئايدا بۇ رايوندا باشلىماقچى بولغان قۇرۇلۇشىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك » دېگەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا يۈز بەرگەن خىتاي پۇقرالىرى توپلىنىپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋەقەسى ھەققىدە ئۆزى كۆرگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلغان بۇ كىشى بايانىدا يەنە، ئەينى چاغدا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىدا نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن بۇ خىتاي پۇقرالىرى ئالدىغا، شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن ئادەم چىققان بولسىمۇ، ئەمما نەق مەيدانغا ھېچقانداق ساقچىنىڭ كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈدى.
ئۈرۈمچىدە ئەخلەتتىن توك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرى ۋە ئۇيغۇربىز قاتارلىق چەتئەللەردىكى تور بېكەتلىرىدىمۇ خەۋەر، ئىنكاسلار بېرىلمەكتە. ئۇيغۇربىز تورىنىڭ 15-ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەۋىرىدە « ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ئۈرۈمچىدە ئەخلەتتىن توك ئىشلەپچىقىرىش زازۇتى قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ يازغان ئىنكاسلىرىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ تاشلانغان » لىقى خەۋەر قىلىندى.
چەتئەللەردىكى سىياسى ئانالىزچىلاردىن ئامېرىكىدىكى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بوشۈن قاتارلىق خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدە ئۈرۈمچىدە ئەخلەتتىن توك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇش ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ۋە ئۈرۈمچىدىكى ختاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى ئوقۇغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىل مۇھىتنى بۇلغايدىغان زاۋۇتلارنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.(ئاۋاز)
ئېلشات ئەپەندى بايانىدا يەنە، ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان بۇ قۇرۇلۇشقا نىسپەتەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىدا توپلىنىپ نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا،دائىرىلەرنىڭ « سۆھبەتلىشىش» پوزىتسىيىسىدە بولغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، ئەگەر بۇ خىل نارازىلىق ھەرىكىتىنى رايوندىكى ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارغان بولسا، ئاقىۋىتىنىڭ باشقىچە بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە توختالدى.(ئاۋاز)
ئۇيغۇربىز تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى غەربىي تاغ رايونىدا قۇرۇش پىلانلانغان ئەخلەتتىن توك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇلۇشىغا 1.8 مىليارد سوم مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان بولۇپ، ئەخلەتتىن توك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى ئۈرۈمچى شەھەر مەركىزىدىن 16 كلومېتىر، يامالىق تېغىدىن 6 كلومېتىر، غەربىي تاغ رايونىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇرۇشلۇق رايوندىن 5.2 كلومېتىر يىراقلىقتىكى جايغا قۇرۇش پىلانلانغان. بۇ يىل 5-ئايدا بۇ قۇرۇلۇش لايىھىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى تەرىپىدىنمۇ تەستىقلانغان بولۇپ، ئەگەر بۇ زاۋۇت پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە، ھەر كۈنى تەخمىنەن 3600 توننا ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىنىپ، كېرەكسىز ئەخلەتلەردىن توك ھاسىل قىلىنىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئەخلەتتىن توك چىقىرىش زاۋۇتى ھەققىدىكى نارازىلىق ئىنكاسلىرى خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ،بۇ ئىنكاسلاردا « ئۈرۈمچى غەربىي تاغ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق 100 مىڭ ئاھالىنىڭ پاكىزە مۇھىتتا ياشاش ئارزۇسى ئىپادىلىنىپ، دائىرىلەردىن بۇ خىل مۇھىتنى بۇلغايدىغان قۇرۇلۇش پىلانىنى دەرھال توختىتىش » تەلەپ قىلىنغان. ئەمما بۇ خىل ئىنكاسلار تور ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقى بايقالماقتا.
ئۆتكەن ئايدا خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ، جىجياڭ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە قۇرۇلماقچى بولغان ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى، خىمىيىلىك زاۋۇت قاتارلىقلار نەچچە مىڭلىغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى سەۋەبلىك قۇرۇلۇشتىن توختىغان بولۇپ، ئېلشات ئەپەندى ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنىڭ غەربىي رايوندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقى ۋە تور بېكەتكلىرىدىكى نارازىلىق ئىنكاسلىرى سەۋەبىدىنلا مۇھىت بۇلغاش دەرىجىسى ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما زور پايدا ئېلىنىدىغان بۇ خىل قۇرۇلۇشلارنى توختاتمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.(ئاۋاز)
ئېلشات ئەپەندى مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، نۆۋەتتە ساقچىلار ئارقىلىق ئۈرۈمچى شەھىرى كونترول قىلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىدە قۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئەخلەتتىن توك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئېھتىمالىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، غەربىي تاغ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاز ساندىكى خىتاي پۇقرالىرى باشلىغان بۇ نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ كېڭىيەلمەيدىغانلىقىنى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقى سەۋەبلىكلا بۇنداق چوڭ پايدا ئالىدىغان قۇرۇلۇشنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بىكار قىلىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.