كەنت كادىرى: «ئىلگىرى بىرقانچە مېتىرلا كولىنىدىغان قۇدۇقلار ھازىر 90 مېتىردىن 120 مېتىرغىچە چوڭقۇرلاشتى»
2017.02.16
سۇ - تارىختىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا ئەڭ جىددىي، ئەڭ زۆرۈر ۋە سەل قاراشقا ئەسلا بولمايدىغان مۇھىم مەسىلە بولۇپ كەلگەن.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى بوستانلىقلار ۋە بۇ بوستانلىقلارنى ئاساسىي سەھنە قىلغان ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق بوشلۇقى پەقەت سۇ بولغانلىقى ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغان. ئەپسۇسكى، يېقىنقى يېرىم ئەسىردىن بۇيان، بولۇپمۇ خىتاينىڭ «غەربنى ئېچىش» ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، سۇ مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تارىخنىڭ ھەرقانداق دەۋرىگە قارىغاندا ئەڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق مەلۇم ناھىيەدىكى بىر نەپەر كەنت كادىرى ئۆز تەۋەسىدىكى سۇ مەسىلىسى بويىچە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «يۇرتىمىزدا سۇ قىسلىقى مەسىلىسى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ھەقىقەتەنمۇ روشەن كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئىلگىرىكى يىللاردا 3 مېتىر قۇدۇق كولاپلا پاكىزە ئىچىملىك سۇغا ئېرىشەتتۇق. ھازىر باسماق قۇدۇقلار 30 نەچچە مېتىر كولىنىدىغان بولدى. دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىدىغان كۆپ مىقداردىكى سۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە توكلۇق قۇدۇقلارنى 90 مېتىردىن 120 مېتىرغىچە كولىغاندا، ئاندىن سۇ مەنبەسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. مانا بۇ يېقىنقى بىرقانچە يىلدا كۆرۈلۈۋاتقان ئەھۋال.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇنداق بولۇشىغا، بىرىنچىدىن، بوز يەرلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېچىلىشى، ئىككىنچىدىن، قىشتا قار ياغمىغانلىقى ئۈچۈن دەريا-ئېقىنلارغا ئېقىپ كېلىدىغان سۇلارنىڭ ئازايغانلىقى ۋە يەر ئاستىغا سىڭىدىغان سۇنىڭ بولماسلىقى، ئۈچىنچىدىن، نوپۇسنىڭ كۆپىيىپ سۇغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق ئارتىپ كەتكەنلىكى سەۋەب بولماقتا. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن باشقىمۇ سەۋەبلەر بار، ئەمما بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ھۆكۈمەت بىلىدۇ، مەن بۇ يەردە بۇنىڭدىن ئارتۇق چۈشەنچە بېرەلمەيمەن.»
سۇ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇمۇل ۋە تۇرپان ۋىلايەتلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سۇ كرىزىسى ئەڭ ئېغىر رايونلارنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ يەردە چوڭراق دەريا ئېقىنلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن يەرلىك ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخ جەريانىدا كارىزدىن ئىبارەت بۇ يەر ئاستى سۇ يولى سىستېمىسىنى ئىجاد قىلىپ، سۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ كەلگەن.
ئەپسۇسكى، 1950-يىللاردىن بۇيان قۇمۇل ۋە تۇرپان ئويمانلىقىدىكى كارىزلار تەدرىجىي قۇرۇپ، نۆۋەتتە پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ھەتتا قۇمۇل-تۇرپان ۋىلايەتلىرىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ئىلگىرى سۇ مەسىلىسى ھېس قىلىنمىغان بولسا، ھازىر كانچىلىق ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ پىلانسىز كېڭىيىشى نەتىجىسىدە ئېقىن سۇلارنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر يەرلىك كادىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شۇنداق، تاغدىن ئېقىپ كېلىدىغان سۇ مەنبەسى يىلدىن-يىلغا ئازىيىپ كەتتى. بۇنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبىنى ھازىرچە كانچىلىق ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ پىلانسىز رەۋىشتە ئېچىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېيىشكە بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىكى بۇزۇلۇشمۇ بۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. مەسىلەن، بىزنىڭ يۇرتتىن يېقىندا غايەت زور كۆمۈر كانى بايقىلىپ، ئىچكىرىدىن كەلگەن ئۈچ شىركەت كۆمۈرنىڭ كۆپ قىسمىنى توختىماي ئىچكىرىگە توشۇۋاتىدۇ. قالغان قىسمىنى كۆيدۈرۈپ، ھەر خىل خىمىيەلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارماقتا. كۆمۈركان قېزىلغاندىن بۇيان بۇ يەردىكى تەبىئىي توغراقلىقنىڭ دائىرىسىمۇ بارغانسېرى تارىيىپ ماڭماقتا. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىلگىرى سۇ مەسىلىسى ئەسلا ھېس قىلىنمىغان بۇ يۇرتلاردا ھازىر سۇ قىسلىقى كۆرۈلمەكتە.»
يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كەڭ كۆلەمدە نوپۇس كۆچۈرۈشنى جىددىيلەشتۈرۈشى ۋە بايلىق مەنبەلىرىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن رەۋىشتە تالان-تاراج قىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بىلەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن خەلقئارا ئىقتىساد ئىلمى مۇتەخەسسىسى، دوكتور پەرھات بىلگىن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ، خىتاينىڭ 1950-يىللاردىن ھازىرغىچە داۋاملاشقان نوپۇس كۆچۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى سۇ ۋە مۇھىت كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ رايونغا نوپۇس يەرلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن.