تۇرپان كارىزلىرىنىڭ قۇرۇپ كېتىش سەۋەبلىرى ئاشكارىلانماقتا
2017.04.20
نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان تۇرپان-قومۇل ئويمانلىقىنى سۇغۇرۇپ كەلگەن كارىزلار نېمە ئۈچۈن يېقىنقى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك جەرياندا قۇرۇپ كېتىشكە يۈز تۇتتى؟
1950-يىللاردا تۇرپان ئويمانلىقىدا سۈيى بۇلدۇقلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان كارىزلاردىن بىر مىڭ نەچچە يۈزى بار بولسا، بۈگۈنكى كۈندە سۇ چىقىدىغان كارىزلارنىڭ ئەمەلىي سانى قانداقلارچە 50 كىمۇ يەتمەي قالدى؟
تۇرپان دىيارىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرى بۇ سوئاللارغا ئەڭ بىۋاسىتە ۋە ئەڭ ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن جاۋاب بېرىدۇ، ئەلۋەتتە.
پىچان ناھىيەسى چىقتىم يېزىلىق ساقچىخانىسىنىڭ بىر نەپەر نۆۋەتچى خادىمى چىقتىم تەۋەسىدىكى كارىزلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدە كىلىماتنىڭ ئىسسىپ كېتىشى ۋە ھاۋادىكى نەملىكنىڭ قۇرۇپ كېتىشى بىر سەۋەب بولسا، رايوندا قالايمىقان نېفىت قېزىشنىڭ يەنە بىر ئاساسلىق سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۇرپان شەھىرىنىڭ چاتقال يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر ئۇيغۇر نۆۋەتچى ساقچى ئىلگىرى چاتقالدىكى يۈزدىن ئارتۇق كارىزدىن بۈگۈن سۈيى بارلىرىنىڭ 10 غىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما كارىزلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
تۇرپاننىڭ قاراغوجا ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر نۆۋەتچى ساقچى ئۆزىنىڭ كارىزلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە بولغان قاتتىق ئېچىنىشىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كۆرگەن-بىلگەنلىرىگە ئاساسەن تۇرپان كارىزلىرىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدىكى مۇنداق 3 چوڭ سەۋەبنى ئوتتۇرىغا قويدى:
«مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، تەۋەلىكتىكى كارىزلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدە نېفىت قېزىش ئىشى 20 دىن 30 پىرسەنتكىچە، بۇرۇۋاي قۇدۇقلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى 60 پىرسەنتكىچە، كىلىماتنىڭ ئىسسىپ، ھۆل-يېغىننىڭ ئازىيىپ كېتىشى 15-20 پىرسەنت ئەتراپىدا سەۋەب بولغان.»
تۇرپاننىڭ ئايدىڭكۆل يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر نۆۋەتچى خادىم ئايدىڭكۆلدىكى كارىزلارنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى:
«كارىزلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدە بۇرۇۋاي قۇدۇقلارنىڭ كۆپلەپ قېزىلىشى ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۇھىم سەۋەب بولدى. چۈنكى بۇرۇۋاي قۇدۇقلاردىن كېچە-كۈندۈز سۇ تارتىش نەتىجىسىدە يەر ئاستى سۇ يۈزى يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلەپ كەتتى. ئۇندىن باشقا، تۇرپان ئويمانلىقىدا نېفىت كولاشنىڭمۇ بىۋاسىتە تەسىرى بار دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ئايدىڭكۆل يېزىسىنىڭ ئۈستىدە نېفىتلىك ئېچىلدى. نېفىت قۇدۇقلىرىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى يەر ئاستى سۈيىنىڭ قاتلىمىنى تېخىمۇ چۆكتۈرۈۋەتتى. يېقىندىن بۇيان كىشىلەر ھەتتا بەزى نېفىت قۇدۇقلىرىنىڭ سۇ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن توختاپ قالغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا.»
ئۇ، يەنە تۇرپاندىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بولسۇن ياكى «كارىز قوغداش جەمئىيىتى» بولسۇن، ئۇلارنىڭ كارىزلارنى قوغداش ۋە ساقلاپ قېلىش جەھەتتىكى خىزمەتلىرىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، گەرچە دائىرىلەر بۇ جەھەتتە مەلۇم تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەر ئاستى سۇ قاتلىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمىغاچقا كارىزلارنى ساقلاپ قېلىش ئىشىدا ھېچقانچە ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىغان.
ئايدىڭكۆل ساقچىخانىسىدىكى مەزكۇر نۆۋەتچى خادىم تۇرپاندىكى يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كارىز سۇلىرىنىڭ قۇرۇشىغا ئەگىشىپ، تەدرىجىي ھالدا دېھقانچىلىق ۋە ئۈزۈمچىلىك ئىگىلىكىدىن ۋاز كېچىپ، سۇ تەلەپ قىلمايدىغان باقمىچىلىق ياكى كىچىك تىپتىكى ئائىلە سودا-سېتىق ئىگىلىكىگە كۆچۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
قاراغوجا ساقچىخانىسىدىكى نۆۋەتچى ساقچى كارىزلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدە «چوڭ مەنپەئەتنى كۆزلەپ كىچىك مەنپەئەتنى قۇربان قىلىش، يەنى بۇرۇۋاي قۇدۇقلارغا ھەسسىلەپ مەبلەغ سېلىپ، كارىزلارنى تاشلاپ قويۇشتەك» سىياسەت خاراكتېرلىك ئامىللارنىڭمۇ رول ئوينىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئايدىڭكۆل ساقچىخانىسىدىكى نۆۋەتچى خادىم ئاخىرىدا يەنە كارىزلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشى يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىدىكى سۇ تالىشىش ماجىرالىرىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، بەزىدە ساقچىخانىلارنىڭمۇ بۇنداق «سۇ ماجىرا» لىرىنى بېسىقتۇرۇشقا ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.