ئۈرۈمچىلىك ئانا: زەھەر ۋە ئەيدىز ۋەزىيىتى قىزىمنى چەتئەلگە چىقىرىۋېتىشىمگە سەۋەب بولدى
2018.02.06
يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ پاسپورت سىياسىتىنى بوشاتقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بەزى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن يالغۇز پەرزەنتلىرىنىمۇ چەتئەللەرگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەنلىكى مەلۇم.
ھازىر قىزى بىلەن تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان گۈلباھار خانىم، ئىككى يىل ئاۋۋال، 13 ياشلىق قىزىنى مىسىرغا ئوقۇشقا يولغا سالغان بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ بۇ قارارنى ئېلىشىغا، ئۈرۈمچىنىڭ كۈنسايىن يامانلىشىۋاتقان زەھەر ۋە ئەيدىز ۋەزىيىتى سەۋەب بولغان ئىكەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەلۇم مەھەللە كومىتېتىنىڭ سابىق مەمۇرىي خادىمى، يېقىندا تۈركىيەگە كەلگەن بىر خانىمنىڭ بايانلىرىمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەيدىز ۋە زەھەرلىك چېكىملىكنى كونترول قىلىشتا ئەمەلىي تەدبىر ئالمايۋاتقانلىقىنى يورۇتۇپ بەردى.
گۈلباھار خانىم 2017-يىلى، 5-ئايدا بىر يىل بۇرۇن ئوقۇشقا ئەۋەتكەن قىزى گۈلمىرەنى يوقلاش ئۈچۈن مىسىرغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئېرىنىڭ «قايتىپ كەلمەڭلار» دەپ ئۈندىداردا قالدۇرغان ئۇچۇرىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلىدۇ. ۋەتىنىگە قايتالماي، يە نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغان بۇ مەزگىلدە يەنە ئارقىدىنلا، خىتاي دائىرىلىرى بىلەن مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا قاھىرەدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان تۇتقۇن ھەرىكىتى باشلىنىدۇ. تۇتقۇن قىلىش باشلىنىپ ئىككىنچى كۈنى يەنى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، گۈلباھار خانىم قىزىنى ئېلىپ، باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن تۈركىيەگە كېلىۋالىدۇ.
15 ياشلىق قىزى بىلەن تۈركىيەدە تۇرۇپ قېلىشقا يول مېڭىۋاتقان بۇ ئانا، مىسىر ۋەقەسى سەۋەبلىك تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 3-، 4-ئايلاردا چەتئەللەرگە چىققان ئۇيغۇرلارنى نىشانلىق تەقىبلەش سىياسىتى تۈپەيلى ۋەتىنىگە قايتالماي ئائىلىسى پارچىلانغان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ئىستانبۇلدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گۈلباھار خانىم، ئۆزى ياشىغان ئۈرۈمچى شوربۇلاق رايونىدا كۆرگەنلىرى ئارقىلىق، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئۇنىڭغا باغلانغان ھالدا مەيدانغا كەلگەن، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.
گۈلباھارنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ، ئۈرۈمچىدە بىر قەدەر تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيەسىدە ھايات كەچۈرگەن ۋە تاشبۇلاق رايونىدىكى تاشبۇلاق دوختۇرخانىسى يېنىدا يېقىنقى يىللاردا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان، ئاساسلىقى تۆۋەن كىرىمدىكى ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرغان، ئېتىبار ئۆيلەر مەھەللىسىدە ياشىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مەھەللىگە كۆچۈرۈپ كېلىنگەنلەرنىڭ ئىچىدە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغان كىشى ۋە ئائىلىلەرمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، قورۇ ئالدىدىكى باغچە مەخسۇس زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ پائالىيەت سورۇنىغا ئايلاندۇرۇلغان.
گۈلباھار خانىمنىڭ 6-قەۋەتتىكى ئۆيىنىڭ دېرىزىسى دەل بۇ باغچىغا قاراپ تۇرغاچقا، دائىم دېگۈدەك زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ تۈرلۈك ناشايان ئىشلىرى، ئۇرۇش-جېدەللىرىگە شاھىت بولۇپ تۇرغان. ھەتتا قىزىمۇ مەھەللىدىكى باشقا بالىلار بىلەن ئوخشاش بۇ خىل مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ چوڭ بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىز ۋە زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەشتە ئەمەلىي چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىشنىڭ ئورنىغا، قەستەن قويۇپ بېرىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك مەھەللىدە زەھەر چەككۈچىلەر، ئەيدىز يۇقتۇرۇۋالغانلار كۈندىن-كۈنگە كۆپەيگەن. بۇ خىل قورقۇنچلۇق مەنزىرە شۇنداقلا يەنە قىزىنىڭ قوش تىل مەكتەپتە كەمسىتىشكە ئۇچراپ تۇرۇشىدەك بىر بىنورمال مۇھىتتا، قىزىنىڭ ساق سالامەت ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆزى يەتمىگەن. ئاخىرى ئېرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ 13 ياشتىكى گۈلمىرەنى، بارلىق ئىقتىسادىنى يىغىپ 2015-يىلنىڭ ئاخىرىدا مىسىرغا يولغا سالغان ئىكەن.
بۇ جەرياندا گۈلباھار ئۆزى ۋە قىزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى شۇنچە ئېغىر بېسىقلىق بىلەن سۆزلەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمدى ئىككىنچى ۋەتىنىگە قايتالمايدىغانلىقىنى، ئېرىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقىنى ئويلىغىنىدا كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىدى.
ئۆيىدىن كىچىك ئايرىلغاننىڭ ئۈستىگە، مىسىر ۋە تۈركىيەدىكى تارتقان سورۇقچىلىقلار 15 ياشلىق گۈلمىرەنى ئۆزىنىڭ يېشىدىكى بالىلارغا قارىغاندا، قەيسەر ۋە تەمكىن قىلىپ يېتىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ ئانىسىغا بىر مەھەل تەسەللى بەرگەندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭدىن تاشبۇلاق مەھەللىسىدىكى زەھەر چېكىدىغان كىشىلەردىن، ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان جىنايى ئىش ھەرىكەتلەردىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ قورققان ياكى قورقمىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ «ئەمەلىيەتتە مەن قورقمىغان ئىدىم، چۈنكى كىچىكىمدىن ئۇنداق ئىشلارنى كۆرۈپ كۆنۈپ كەتكەن» دېگەن جاۋابى ئۈرۈمچىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىز ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرگەن بۇ ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس ئىكەن. بۇ 15 ياشلىق قىز، بېشىدىن ئۆتكەنلەرگە ئۆكۈنمەيدۇ، ئازابلانمايدۇ. ئۇنىڭ ئۇنتۇلمايدىغىنى ئۈرۈمچى 60-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەمسىتىشى ئىكەن.
ئۇ كەلگۈسىدىنمۇ ئەنسىرىمەيدۇ، ئۇنىڭ ئەندىشىسى 60 ياشقا كىرىپ قالغان دادىسىنىڭ يالغۇز قالغانلىقى، ئۇنى ئازابلايدىغىنى «دادام تىرىكمىدۇ؟ ئۆلۈكمىدۇ؟» دېگەن سوئال ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئەيدىزگە دائىر ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان سانلىق مەلۇماتلار كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى، خىتاي بويىچە ئەيدىز كېسىلى ئەڭ ئېغىر جايلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىۋاتقان ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە. ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى زەھەرلىك چېكىملىك چەككەنلەر ئارىسىدىمۇ ئېغىر بولۇپ كەلدى.
ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارقىلىشىنى كونترول قىلىش خىزمەتلىرىگە قاتناشقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم مەھەللە كومىتېتىنىڭ سابىق مەمۇرىي كادىرى پەرىدە خانىم يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن تۈركىيە چىققان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەت جەريانىدا كۆرگەنلىرىگە ئاساسەن، ئەيدىز كېسىلى شۇنداقلا زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ، ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ھۆكۈمەتنىڭ «سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى باش ئورۇنغا قويۇپ زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش ئىشلىرىغا جىددىي ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى» دىن دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.