ئەيدىز پائالىيەتچى خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر ئەيدىز يۇقۇمدار ۋە بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.12.01
xitayda-eydiz.jpg ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئەيدىزدىن ساقلىنىش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكتە. 2014-يىلى 1-دېكابىر، جېجياڭ.
Imaginechina

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بېرىنخارد شۋاتلەندېر، 1‏-دېكابىر «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» خىتاينىڭ «جۇڭگو گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى كونترول قىلىش، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا ئۈنۈملۈك ياردەم قىلىش ئۈچۈن كۆپ ئىشلارنى قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

برېنخارت شۋاتلەندېر بۇ سۆزلەرنى خىتاي دۆلەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ستاتىستىكىسىغا قارىتىپ ئېيتقان بولۇپ، خىتاي دۆلەتلىك پىلانلىق كومىتېتى يەكشەنبە كۈنى، خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 497 مىڭغا يېتىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر كومىتېتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا 1985‏-يىلى تۇنجى ئەيدىز بايقالغان 30 يىلدىن بۇيان 154 مىڭ ئادەم بۇ كېسەلدە ئۆلگەن.

يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتتىكى يۇقۇمدارلار ئەڭ كۆپ تارقالغان رايونلار خىتاينىڭ يۈننەن، خېنەن ئۆلكىلىرىنى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كونترول مەركىزىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇسى خىتاي ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 60 دەن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلار ۋە بىمارلار نىسبىتى خىتاي ئەيدىز يۇقۇمدارلار بىمارلار ئومۇمىي سانىنىڭ ئاز كەم 9% نى ئىگىلىگەن.

برېىنخارت شۋاتلەندېر «جۇڭگو گېزىتى» دىكى ماقالىسىدە، «ئېھتىمال ئەڭ مۇھىمى بىز ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنى، ئۆز-ئارا جىنسىي ئالاقە قىلىدىغان ئەركەكلەرنى، پاھىشىلەرنى ۋە زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغۇچىلارنى خورلاش ۋە كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىشىمىز زۆرۈر» دېگەن.

بېيجىڭدىكى «ئەيجىشىڭ» ناملىق ئەيدىز كېسەللىكلەر تەتقىتات ئورنىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ۋەن يەنخەي ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تىزىمغا ئېلىنمىغان يۇقۇمدارلارنى قوشقاندا ئەمەلىيەتتىكى سان خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغاندىن كۆپ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندىمۇ، يۇقۇملۇق شىنجاڭدا ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئەيدىز كېسەللىك مەسىلىسى جۇڭگودا نىسبەتەن ئېغىر. ئۇ قانداق دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ۋە شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇملۇق سانى خېلى كۆپ. جۇڭگودا يۈننەن، خېنەن ئۆلكىلىرى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئېغىر يۇقۇملۇق رايونى. بىراق نوپۇس نۇقتىسىدىن قارىغاندا شىنجاڭنىڭ نوپۇسى ئۇنچىلىك كۆپ ئەمەس. ئۇ يەردە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار 50 مىڭغا يېقىن. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سان ئۇنىڭ نوپۇسىغا نىسبەتەن كۆپ ئەمەس. بىراق شىنجاڭغا نىسبەتەن 50 مىڭ بەك كۆپ. بۇ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى رايونلارغا نىسبەتەن ئەڭ ئېغىر ئەھۋال.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتىدا، رايوننىڭ ئەيدىز خىزمىتى زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، ئەيدىزگە قارشى «بايقاش، باشقۇرۇش ۋە داۋالاش» تورى شەكىللەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق ۋەن يەنخەي ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئەيدىز خىزمىتىدە يەنىلا زور توسقۇنلۇق بار. ئۇيغۇر ئىلىدا سالامەتلىك مەسىلىسى بىلەن سىياسىي مەسىلە ئارىلىشىپ كەتكەچكە، خەلقنىڭ سالامەتلىك مەسىلىسىگە سەل قارىلىپ كەلگەن.

ئۇ، ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ يەردە نۇرغۇن ئامىللار بار. بۇنىڭ بىرى، بۇ يەر چېگرا رايون. چېگرا رايونلار زەھەرلىك چېكىملىك تەسىرىگە بىر قەدەر ئېغىر ئۇچرايدۇ. يەنە بىر سەۋەب، ئۇ مەدەنىيەت، تىل جەھەتلەردە كۆپ قۇتۇپلۇق رايون. شۇڭا، كۆپ مىللەتلىك، پەرقلىق دىنىي ئېتىقاد، مەدەنىيەتكە ئىگە بىر رايوندا ئاممىۋى سالامەتلىك خىزمىتىنى قانداق ئىشلەش ھۆكۈمەت ئۈچۈن بىر خىرىس. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن سىرت شىنجاڭدا يەنە بىر سىياسىي ئاۋارىچىلىك بار. بۇ سىياسىي ئاۋارىچىلىك كۆپ ھاللاردا خەلقنىڭ سالامەتلىك مەسىلىسىگە سەل قاراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. سالامەتلىك مەسىلىسى بىلەن سىياسىي مەسىلە ئارىلىشىپ كەتكەچكە، خەلقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئۇنتۇلۇپ كەلدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىدا يېقىندىن بۇيان ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى نىسبەتەن تۇراقلىشىپ، تارقىلىش سۈرئىتى ئاستىلىغان، ئاق تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئەيدىزگە گرىپدار بولۇش نىسبىتى ئازىيىشقا باشلىغان بولسىمۇ، بىراق كېسەللىك ئەھۋالى بەزى رايونلاردا يەنىلا ئېغىر بولۇپ، جىنسىي يول ئاساسلىق تارقىلىش قانىلىغا ئايلانغان.

جىنسىي يول ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالىدىغانلارنىڭ نىسبىتى 52% كە چىققان. يۇقۇمدارلارنىڭ 36% نى زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرىدىغانلار ئىگىلىگەن.

ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى خورلاش ئەھۋالى خىتايدىكى دوختۇرخانا، خىزمەت ئورنى، ئىجتىمائىي سورۇن ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ھادىسە. ۋەن يەنخەي ئەپەندى، بۇنىڭ، بىمارلارنى تىزىملاپ، دىاگنوز قويۇپ ۋە داۋالاپ، ئەيدىزنى كونترول قىلىشقا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئىچىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئۇيغۇر ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئەھۋالى بەك ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئېغىر كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ۋە ھېچقانداق تېببىي ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ۋەن يەنخەي مۇنداق دېدى: ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئەھۋالى بەك ئېچىنىشلىق. ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى بەك يۇقىرى. ئۇلار ئاساسەن زەھەر ياكى جىنسىي مەسىلىلەرگە چېتىشلىق ئىشلارنى قىلغانلار. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرىگە كېلىپ ئىش تېپىشى ئاسان ئەمەس. تىل، مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرق ئۇلارغا پايدىسىز. يۇقۇمدارلارنىڭ كۆپ قىسمى زەھەرلىك چېكىملىك ياكى باشقا قانۇنسىز ئىشلار بىلەن جاھاندارچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلار. ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ھېچقانداق تېببىي مۇلازىمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۇلار كەمسىتىشكە ئۇچرايدۇ. سىياسىي ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ كەتكەن پەيتلەردە قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ.

ۋەن يەنخەينىڭ كۆرسىتىشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئۇيغۇر ئەيدىز بىمارلىرىغا چوقۇم ياردەم قولىنى سوزۇشى كېرەك. ئۇلارغا مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، يەرلىك يۇقۇمدارلار ياكى بىمارلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان ھەر خىل داۋالاش ئىمكانلىرىنى يارىتىپ بېرىشى زۆرۈر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.