قەشقەر كېرەمباغدىكى بىر بىنادا بىخەتەرلىك ۋەقەسى چىقىپ بىر تۈركۈم ئاھالىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

بۈگۈن ئاڭلىغۇچىرىمىزدىن بىرى رادىئومىزغا ئىنكاس يوللاپ، قەشقەر كېرەمباغدا بىر ۋەقە چىقىپ، 40-50 چە كىشىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، كېرەمباغدا 15 كۈننىڭ ئالدىدا خىتاي شىركىتى قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر بىنانىڭ بىخەتەرلىكىدىن چاتاق چىقىپ، تەۋەلىكتىكى بىر تۈركۈم ئاھالىلەرنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ئاشكارىلاندى. ياۋاغ ساقچىخانا خادىمىنىڭ پاش قىلىشىچە، كېرەمباغدا قۇرۇلۇشى داۋام قىلىۋاتقان بىر بىنا بوران تەسىرىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن؛ ساقچىخانا باشلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە بولسا، بوراننىڭ تەسىرى بىلەن قۇرۇلۇشنىڭ بىر قىسىم ماتېرىياللىرى ئۇچۇپ چۈشۈپ 10 كىشى زەخىملەنگەن. مەلۇمات بېرىش داۋامىدا باشتىن-ئاخىر ۋەقەنى كىچىكلىتىشكە تىرىشقان بۇ ساقچىخانا باشلىقى مەزكۇر قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ نامىنى ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى.

خادىم: ياۋاغ ساقچىخانىسى!
مۇخبىر: بۈگۈن ۋەقە يۈز بەرگەن يەر سىلەرنىڭ تەۋەلىكتىمۇ؟
خادىم: قايسى ۋەقەنى دەيسىز؟

مۇخبىر: كېرەمباغدا يۈز بەرگەنچۇ؟
خادىم: 15 كۈننىڭ ئالدىدا بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ۋەقەنى دەمسىز؟

مۇخبىر: ھە شۇ. شۇ ۋەقەدە قانچە كىشى ئۆلدى، قانچە كىشى يارىلاندى؟
خادىم: ئۇ كۈنى شۇ بوران چىقىپ بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئەھۋالنى بىلىمەن، قالغىنىنى جاۋداۋيۈەندىن سوراپ باقسىڭىز.

مۇخبىر: ئۇنداقتا سىزنىڭ بىلىشىڭىزچە، يېقىنقى 15-20 كۈن ئىچىدە كېرەمباغدا شۇ بىنا ئۆرۈلۈشتىن باشقا ۋەقە يۈز بەرمىدى، شۇنداقمۇ؟
خادىم: شۇنداق.

مۇخبىر: بىرەر چۆللۈك، يا سايلىقتا «تېررور» گۇماندارلىرىغا قارىتا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلمىدىمۇ؟
خادىم: ياق، مېنىڭ ئۇنىڭدىن خەۋىرىم يوق.

مۇخبىر: ساقچىخانا باشلىقى قەيسەرمۇ؟
خادىم: ھە، مەن شۇ.

مۇخبىر: سىلەرنىڭ تەۋەلىكتە تۈنۈگۈن بۈگۈن ئىچىدە بىرەر ۋەقە يۈز بەردىمۇ؟
خادىم: ياق، ھېچقانداق ۋەقە يۈز بەرمىدى.

مۇخبىر: بىنا ئۆرۈلۈش ۋەقەسىچۇ؟
خادىم: ياق، ياق، يۈز بەرمىدى.

مۇخبىر: 15 كۈننىڭ ئالدىدا كېرەمباغدا بىنا ئۆرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرمىدىمۇ؟
خادىم: ھە، يۈز بەرگەن. ئۇنىڭدا زىيانغا ئۇچرىغانلارنىڭ ھەممىسىگە تۆلەم بېرىلىپ، رازى قىلىنىپ تۈگەپ بولغان ئىش.

مۇخبىر: شۇ بىنا ئۆرۈلۈش ۋەقەسىدە قانچە ئادەم ئۆلۈپ، قانچە ئادەم يارىلاندى؟
خادىم: ياق، بىنا ئۆرۈلگەن ئىش ئەمەس، بوراندا مۇنداق تاش-پاش دېگەندەك نەرسىلەر ئۇچۇپ چۈشۈپ ئانچە-مۇنچە سۈرۈپ زەخىملەندۈرۈپ قويغان ئىش بار. بۇ ھەقتە ۋېيشىڭدا تارقالغان گەپلەرنىڭ ھەممىسى پىتنە-پاسات.

ۇخبىر: قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان شىركەت قايسى شىركەتكەن.
خادىم: ئۇنى مەن ئۇقمايمەن، بۇ ئىشنى شەھەرلىك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئېنىقلىغان.

مۇخبىر: ئۇنداقتا، بۇ ئىشقا قانۇن ئورگانلىرى ئارىلاشمىدىڭلار، پەقەت كەسپىي تارماقلار قول تىقتىمۇ؟
خادىم: شۇنداق، تەبىئىي ئاپەت بولغاچقا بىز ئارىلاشمىدۇق.

مۇخبىر: ۋەقە چىققان بىنا نېمە بىناتى؟
خادىم: كېرەمباغ دوختۇرخانىسىنىڭ كېسەللىكلەر ياتاق بىناسى ئىدى.

مۇخبىر: قانچە قەۋەتلىك بىنا ئىدى؟
خادىم: 20 قەۋەتلىك، 10 نەچچە قەۋىتى پۈتۈپ بولغان.

مۇخبىر: ئاممىنىڭ ۋەقەگە قارىتا نارازىلىق ئىنكاسلىرى بارمۇ؟
خادىم: ياق، نېمىگە بولسۇن، كىچىككىنە ئىشلار تۇرسا. ھەممىسى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئېلىپ رازى قىلدۇق.

مۇخبىر: زەخىملەنگەن قانچە كىشى ؟
خادىم: 8-10 كىشى، يېنىك زەخىملەنگەن، تېرىسى سۈرۈلۈپ كەتكەن، كىيىمى يىرتىلىپ كەتكەن دېگەندەك.

مۇخبىر: بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ كىيىمى يىرتىلىپ كەتكەن دېسەك، يۇمۇردەك بىر گەپ بولىدۇ. ئېنىق زەخىملەنگەن ئادەم قانچە؟
خادىم: 10

مۇخبىر: زەخمىلەنگەنلەر ئۇيغۇرمۇ، خەنمۇ؟
خادىم: ئارىلاش.

مۇخبىر: بىرەر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بېرىپ قالسا، تىزىملىكنى كۆرسىتىپ بېرەلەمسىز؟
خادىم: بېرەلەيمەن.

مۇخبىر: ئۇنداقتا، ۋەقەگە سىز ئارىلاشتىڭىز دېگەن گەپ؟
خادىم: شۇنداق.

مۇخبىر: باشتا سىز بۇ ئىشنى كەسپىي تارماقلار قىلدى، بىز ئارىلاشمىدۇق دېگەنتىڭىزغۇ؟
خادىم: بەزى تەرەپلىرىگە بىز، بەزى تەرەپلىرىگە كەسپىي تارماقلار ئارىلاشتى دېمەكچىمەن.

مۇخبىر: شۇ قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بېرىۋاتقان شىركەت قايسى شىركەت ئىكەن؟
خادىم: ئۇنى مەن بىلەيمەن.

مۇخبىر: خىزمەت ئىشلەش داۋامىدا مۇشۇ زىياندا مەسئۇلىيىتى بولغان شىركەت قايسىلىقىنى سوراپ باقمىدىڭىزمۇ؟ بۇنى سوراش ئېسىڭىزغا كەلمىدىمۇ؟
خادىم: ياق، بىلىمەن. دەپ بېرەلمەيمەن.

مۇخبىر: دەپ بېرەلمىگىنىڭىزگە قارىغاندا، بۇنىڭ نازۇك بىر مەسىلىگە تاقىلىدىغان مەسىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئېچىۋېتىش سىياسىتى دېگەندەك تەرەپلىرىمۇ بارمۇ؟
خادىم: ياق، ئۇنداق ئەمەس، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. بۇنى تېلېفوندا دېيىشكە بولمايدۇ.

مۇخبىر: دېمەك، باشقا مەلۇماتلارنى تېلېفوندا دېيىشكە بولىدۇ، پەقەت ۋەقەگە سەۋەب بولغان شىركەتنىڭ ئىسمىنى تېلېفوندا دېيىشكە بولمايدۇ، شۇنداقمۇ؟
خادىم: ھە....

يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، قەشقەردە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي شىركىتى، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى، يەنى ئاھالىلەرنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە پەرۋا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، بىنا پۈتمەي تۇرۇپ قۇرۇلۇشتىن چاتاق چىققان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىكى، قەشقەردىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ۋە نارازىلىق پەيدا قىلغان. بۇ نارازىلىق قەشقەردىكى ئالاقىدار خىتاي دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان. يۇقىرىقى ساقچىخانا باشلىقىنىڭ زىددىيەتلىك بايانلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان شىركەتنى تىلغا ئالالماسلىقى، ۋەقەنىڭ ئەسلى كۆلىمى ۋە زىيىنىنىڭ ئۇ ئاشكارىلىغاندىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىشارەت بەرمەكتە.