يىگانە مۇقام كارۋىنى-شۆھرەت تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىك كۈيلىرى (2)

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2022-04-07
Share
shohret-tursun-muqam.jpg ئاۋسترالىيەدىن خەلقئاراغا تارقىتىلىدىغان ئاساسلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بولغان SBS دە تارقىتىلغان شۆھرەت تۇرسۇن قاتارلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ مۇقام ئورۇنلاۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2020-يىلى ئىيۇن.
world news

ئۇيغۇر دىيارىدا نامى چىقىشقا باشلىغان سەنئەتكار شۆھرەت تۇرسۇن ئائىلىسى بىلەن 1999-يىلى ئاۋسترالىيەگە كۆچۈپ كەلگەندە، ئۇ بۇ يېڭى قىتئەدە، يەنى بىر ناتونۇش تۇپراقتا باشقا مۇساپىرلاردىن ھېچ پەرقسىز ئادەتتىكى بىر كۆچمەن ئىدى، خالاس.

ئۇ ئاۋسترالىيەگە يېڭى كەلگەن ۋاقىتلىرىدا تىل بىلمەيتتى، ھېچكىمنى تونۇمايتتى، ھېچكىممۇ ئۇنى تونىمايتتى. ئۇ ئائىلىنىڭ تۆۋرىكى، بىر ئاتا ۋە بىر ئەر بولۇش سۈپىتى بىلەن يەلكىسىدىكى تۇرمۇش يۈكىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قىلمىغان ئىشى قالمىدى، بۇ ئەتىۋارلىق سەنئەتكارنىڭ دۇتار تۇتقان قوللىرى گاھىدا بولقا-مىخ تۇتسا، گاھىدا پاتقاقلارغا مىلەندى، گاھىدا ياغاچ-تاش ۋە كېسەكلەرنى كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.

شۇنداق قىلىپ، سەنئەت ساھەسىدىكى بۇ چولپان مۇساپىرچىلىقتا ئاددىي ئىنسانلار باشتىن كەچۈرىدىغان بارلىق كەچمىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، ھەتتا بىناكارلىق كەسپىنىمۇ بىلىدىغان ماھىر بىر ئۇستا بولۇپ قالدى. شۆھرەت تۇرسۇن چەت ئەلدە قايتىدىن سەنئەتكار ۋە مۇزىكانت بولۇپ تونۇلۇشتا ئۇزۇن مەزگىللىك ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگەن بولسىمۇ، ئۇ ئەركىنلىك ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىنىڭ ھېچ بىرىدىن ۋايسىمىدى.

يۇقۇرى ئاۋازلىق ناخشىچى ۋە كۆپ تىللىق كۈيچى

شۆھرەت تۇرسۇن ئەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدە قايتا گۈللىنىش بولغان 1980-ۋە 1990-يىللاردا جامائەتكە تونۇلغان غۇللۇق كەسپىي ئارتىسلارنىڭ بىرى ئىدى.

ئۇ ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپلا قالماي، بەلكى يەنە سېھىرلىك ئاۋازى بىلەن ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى، ئاممىباپ ناخشىلار، ھەتتا ئۆزبېك، تاتار، قازاق ۋە ياپونچە ناخشىلارنىمۇ ئېيتالايدىغان كۆپ قىرلىق ناخشىچى ئىدى. ئۇ ھەر قانداق مىللەتنىڭ مىللىي سەنئىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلەتتى ۋە ھۆرمەت قىلاتتى، ئۇلارنى قىزىقىپ ئۆگىنەتتى. بۇ ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنڭ سىرى بولسا كېرەك. ئۇ ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە ھەتتا ياپون كلاسسىك ناخشىلىرىنىمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەنگەن ئىدى. ئۇيغۇر مۇزىكىلرىنى ياپونىيە خەلقىگە تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ياپونچە ناخشىلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئېيتىپ، ئۇيغۇر ناخشا ئىجادىيىتىگە يېڭىلىق ئېلىپ كىرگەن ئىدى.

تالانتلىق سازەندە ۋە ئىجادىيەتچى

كۆپ قىرلىق سەنئەتكار شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى يەنە دۇتار، تەمبۇر، ساتار، گىتار قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلارنى يوقىرى ماھارەت چالالادىغان ماھىر سازەندە ئىدى. دۇتتار ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكا ئەسۋابى ئىدى. ئۇ ئوخشىمىغان سەھنىلەردە ئويۇن قويۇش جەريانىدا ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەڭ ئاساسلىق ئۇيغۇر سازلىرىدىن بولغان دۇتتارنىڭ ئولتۇرۇپ ئورۇنلاشتەك چەكلىمىسى تۈپەيلى دۇنيا سەھنىلىرىدە ئوركستېرلارغا قېتىلىپ ئورۇنداشتا قىيىنچىلىق تۇغۇلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى خەلقئارالاشتۇرۇش چۈشىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بايقىغان ئىدى. شۇندىن كېيىن ئۇ دۇتارنى ئېلىكترونلۇق تەڭشىكى بار، ئۆرە تۇرۇپمۇ چالغىلى بولىدىغان بولىدىغان چالغۇغا ئۆزگەرتىشتە مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئىدى.

بۇنى شۆھرەت تۇرسۇننىڭ مۇزىكا ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك يەنە بىر تۆھپىسى دېيىشكە بولاتتى.

بىز شۆھرەت ئەپەندىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ ۋەتەندىن ئۆز قولىدا كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىققان، ئۆزىگە 30 يىلدىن ئارتۇق ھەمرا بولغان قەدىناس دۇتارىنى تونۇشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. بۇ دۇتار شۆھرەت تۇرسۇننىڭ مۇھاجىرەتتىكى يىگانە مۇزىكا كارۋىنىنىڭ كۈيلىرىگە جۆر بولۇپ، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنى ۋە قىتئەلەرنى بىللە كەزگەن ئىدى.

بۇ ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋىي دۇتار بىلەن ئىسلاھ قىلىنغان يېڭى ئېلىكترونلۇق دۇتار، خۇددى ۋەتەندىكى ئەل سۆيگەن مۇقامچى شۆھرەت تۇرسۇن بىلەن، چەت ئەلدە ئەركىنلىك كۈيچىسىگە ئايلانغان يېڭى شۆھرەت تۇرسۇنغا ئوخشاش، بىر مۇقامنىڭ ئىككى ۋارىيانتى بولۇپ قالغان ئىدى. ھەر ئىككىسى بىر-بىرىدىن ئۆزگىچە ۋە بىر بىرىدىن ياڭراق ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ يىلتىزى بىر، روھى ئۇيغۇرغا خاس ئىدى!

كۆپ قىرلىق ماھىر ئاكتىيور

ئەمەلىيەتتە شۆھرەت تۇرسۇن سەنئەتنىڭ ئاشۇنداق كۆپ خىل ئامىللىرىنى ئۆزىدە جۇغلىغان ۋە مۇجەسسەملەشتۈرگەن كەسپىي ئاكتيور ئىدى. 2005-يىلدىن باشلاپ «فوكس» ئىستۇدىيەسىنىڭ ياردىمىدە قايتا كەسپىي ئاكتىيورلۇقىنى جارى قىلدۇرۇش پۇرستىى ئۇنىڭغا قۇچاق ئاچتى. كىنو ۋە ئېلانلاردىمۇ ئوخشىمىغان ئوبرازلارنى يارىتىپ رول ئېلىش، ئۇنىڭغا خوشاللىق ئاتا قىلغانلىقىنى ئۇنىڭ ھاياجان بىلەن چۈشەندۈرۈشلىرىن بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئاۋسترالىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «شەرق-غەرب 101» تە ۋە «قورساق ئاستىدا» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ھەمدە «تويوتا» ماشىنا ئېلانىدا رول ئالغان ئىدى. ئۇ يەنە ئانجىلىنا جۇلى، خۇگ جەكمان قاتارلىق بىر قىسىم داڭلىق ھوللىۋود كىنو چولپانلىرى بىلەن بىللە رول ئالغان ۋە ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەن. ئىدى

ياڭراق ئاۋازى ۋە ئارمانلىرى بىلەن ناخشىنىڭ ئۆزىگە ئايلانغان سەنئەتكار

كۆپ قىرلىق سەنئەتكار شۆھرەت تۇرسۇن بىلەن بىللە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدە خىزمەت قىلغان، ئەلسۆيەر ئارتىسلارنىڭ كۆپىنچىسى بۈگۈن غايىپ. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى لاگېرلارغا ياكى تۈرمىلەرگە قامالدى. ئۇلاردىن داڭلىق ئېتوت ئارتىسى ۋە ئاكتيور ئادىل مىجىت، مۇقام ۋارىسىرىدىن سەنۇبەر تۇرسۇن قاتارلىقلارنىڭ لاگېرغا بىر مەزگىل سولىنىپ، كېيىنچە قويۇپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى چەكلەپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان بۈگۈنكى كۈندە، شۆھرەت ئەپەندى كەسپداشلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىدىن يۈرىكىنىڭ پارە-پارە بولغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ قارىلىۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ بىرى، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ يوقىتىشقا قاراپ يۈزلىنىشىدۇر. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى بۇ يىل 22-فېۋرال ئ‍ۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام جەمئىيىتى»، ئۇيغۇر كەسپىي مەكتەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 160 ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى نۆۋەتتە «جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكىنى ئېتىراپ قىلىش» دېگەن نامدا داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا خاس بارلىق مىللىي ئالاھىدىلىكلەر بىر-بىرلەپ يوقىتىلماقتىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بولسا بىر قىسىم مۇقام كۈيلىرىنىڭ خىتايچە تېكىست ئاساسىدا خىتايچە ئورۇندىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

شۆھرەت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ۋەتەندىكى چاغلىرىدا گەرچە ھازىرقىدەك شىددەتلىك بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر سەنئىتىنى خىتايلاشتۇرۇشقا ئالىقاچان ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىكەن. شۆھرەت تۇرسۇن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دراما ئۆمىكىدە خىزمەت قىلىۋاتقان چاغلاردىمۇ، مۇقام تېكىستلىرىنى خىتايچە ئېيتىش توغرىلىق تەشەببۇسلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، بۇ خىل بېسىملار ئۇنىڭ ھەممىدىن ۋاز كېچىپ چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى گەرچە يېقىنقى يىللاردا دۇنيانى ئايلىنىپ كونسېرت بېرىشتەك نۇرغۇن پىلانلارنى قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بەختكە قارشى دۇنيا مىقياسىدا يامرىغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يېتەلمىگەن، ئەمما ئۇ بۇ پىلانلىرىدىن ھېلىھەم ۋاز كەچمىگەن. ئۇ ئاۋامغا ئويۇن قويۇشنى ۋە ئۇلارغا مۇزىكا ئارقىلىق ئىلھام بېرىشنى يۇقۇم مەزگىلىدىمۇ ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ئۇ ئىنسانلارنىڭ بۇ قىيىن كۈنلەردىن ئۆتۈپ كېتىشى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ياڭراق ئاۋازى بىلەن سېھىرلىك مۇقام كۈيلىرىنى ئورۇنداپ، ئىنسانلارغا ئېستېتىك زوق ۋە ئىلھام بېرىپ كەلمەكتە.

ئۇ يەنە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا ۋە مۇقاملىرىنى سىستېمىلىق ئۈگىتىشكىمۇ ۋاقىت ئاجراتقان بولۇپ، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىدىن ئوقۇغۇچىلىرى بار ئىكەن.

شۆھرەت تۇرسۇن ئاۋازى، ۋۇجۇدى، ھەسرىتى ۋە ئارمانلىرى يۇغۇرۇلغان ناخشىلىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ قاتتىق زەربىسىدە جان تالىشىۋاتقان ئېغىر پەيتلەردە، ئۇلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ كەلمەكتە. ئۇ يەنە ئۆز ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى تېخىمۇ باتۇر بولۇشقا، بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، بۇ قىيىن كۈنلەرنى ئاتلىتىشقا، ئۆز كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاشقا چاقىرماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت