2014-يىلى خىتاينىڭ زۇلۇملىرى سەۋەبلىك يۇرتىنى تەرك ئەتكەن 300 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي چېگرالىرى ئارقىلىق شەرقىي-جەنۇبي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە سەپەر قىلغانلىقى ۋە ئۇ يەردە ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز رىيازەتلەرنى چەككەنلىكى ھەممىگە مەلۇم.
ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى پاجىئەلىك كەچمىشلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەت تارىخىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن109 نەپىرىنىڭ تايلاند ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇشى ئۆز دەۋرىدە خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. ئۇلاردىن50 نەچچە نەپىرىنىڭ ھېلىھەم تايلاند تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقانلىقى، ئائىلىسىنىڭ پارچىلىنىپ ئىزتىراپ چېكىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئەينى چاغدا-8 بالىسىغا ئېغىرئاياغ ھالدا ئېرى ۋە بالىلىرى بىلەن تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان پاتىمە تۈركىيەنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ بالىلىرى بىلەن قەيسىرىگە يەرلەشكەن ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان پاتىمە 8 پەرزەنتى بىلەن قىيىنچىلىق ۋە ھىجران ئازابىدا قىينىلىپ، غۇربەتتىكى پىغانلىق6 يىلنى بىر كۈن، بىر كۈندىن ساناپ ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان سۆھبەت پروگراممىسىدىن ئۇيغۇر ئانا پاتىمەنىڭ مۇساپىرەتتىكى ئېيتىلمىغان ھېكايىلىرىنى ئاڭلايسىلەر.
0:00 / 0:00