تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پېنسىيەگە چىققان ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى ۋە تونۇلغان تاتار پروفېسسور، تارىخ پەنلىرى دوكتورى نادىر دۆلەت ئەپەندى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئەتىگەن كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتتى.
تۈركىيەدىكى تونۇلغان تارىخچى ۋە تۈركولوگلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، «ھۆرمەتلىك نادىر دەۋلەت ئەپەندى ئالەمدىن ئالەمدىن ئۆتتى، پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركىي خەلقلەر مۇھىم بىر تەتقىقاتچى ۋە ئىلىم ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالدى»، دەپ يېزىشتى.
نادىر دەۋلەت ئەپەندى 1972-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئەركىن ياۋروپا رادىيوسىنىڭ تاتار تىلى بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. ئۇ، ئوتتۇرا مەكتەپ يىللىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قىزىقىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلگەن. تۈركىيەنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا قاتناشقان يىغىنلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى گېزىت ۋە ژۇرناللاردا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپ ساندا ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.
تۈركىيەدە ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە زور ئابرۇيغا ئىگە بولغان نادىر دەۋلەت ئەپەندى 1944-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى خىتاينىڭ شېنياڭ شەھىرىدە بىر تاتار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ 1989-يىلى يازغان «زامانىۋى تۈرك دۇنياسى» ناملىق كىتابى خىتاي ھۆكۈمىتى نەشر قىلىپ تارقاتقان «پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم» ناملىق كىتابتا نەقىل كۆرسىتىلگەن. خىتاي ئۇنى ئۇيغۇر رايونىدا پانتۈركىزمنى تەرغىب قىلغۇچى دەپ ئەيىبلىگەن. پېشقەدەم ئۇيغۇر پائالىيەتچى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى مەرھۇمنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى توغرىسىدا توختالدى.
نادىر دەۋلەت ئەپەندى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن 12 يىل ئامېرىكىنىڭ ميۇنخېندىكى ئازادلىق رادىيوسىدا بىرگە ئىشلىگەن بولۇپ، ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى مەرھۇم نادىر دەۋلەت بىلەن تونۇشۇش جەريانى توغرىسىدا بىزگە بەرگەن يازما مەلۇماتىدا مۇنداق يازغان: «مەرھۇم نادىر دەۋلەت مېنىڭ ياخشى دوستۇم ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن 1974-يىلى ئامېرىكانىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە قۇرغان ئازادلىق راديوسىنىڭ تاتارچە-باشقىرتچە بۆلۈمىدە ئىشلەشكە باشلىغان كۈندىن باشلاپ تونۇشىمەن. ئۇ، ئۆزى خىتاينىڭ شېنياڭ شەھىرىدە بىر تاتار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولغاچقا، خىتاينىڭ سىياسىتىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بارغان مىللىي مۇستەقىللىق كۆرۈشىنى ياخشى بىلەتتى. كېيىنچە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىمۇ ياخشى بىلەتتى. ئۇ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا مەرھۇم دادام ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ دوكلاتلىرىغا ئاكتىپ قاتناشقان. 1984-يىلى گېرمانىيەدىن تۈركىيەگە قايتىپ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىشلەشكە باشلىغاندىن كېيىن يازغان بارلىق ئەسەرلىرىدە، ماقالىلىرىدە ۋە قاتناشقان يىغىنلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسىنى تىلغا ئالغان، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى زور».
ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مەرھۇم نادىر دەۋلەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپ ساندا ماقالە يازغانلىقىنى، بەزى كىتابلىرىدىمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئورۇن بەرگەنلىكىنى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.
مەرھۇم نادىر دەۋلەتنىڭ «رۇسيەدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى» ناملىق كىتابى 1985-يىلى تۈركىيە مىللىي كۈلتۈر ۋەخپى تەرىپىدىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.