«ئۇيغۇر يىغىلىشى» گۇرۇپپىسى ۋاشىنگتون شەھىرىدە نامايىش قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-05-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
3-ماي «ئۇيغۇر يىغىلىشى» گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 3-ماي. ۋاشىنگتون، ئامېرىكا.
3-ماي «ئۇيغۇر يىغىلىشى» گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 3-ماي. ۋاشىنگتون، ئامېرىكا.
RFA/Eziz

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يىلدا چاقىرىپ كېلىۋاتقان «ئىقتىسادىي جازا ئىجراسى ۋە ۋەدىلەر» تېمىسىدىكى يىغىننىڭ 12-قېتىملىقى 2-ماي كۈنىدىن باشلاپ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى گراند خايېت مېھمانسارىيىدا چاقىرىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاساسلىقى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ۋەكىللەر يەر شارى مىقياسىدا سودا ساھەسىگە چېتىشلىق جازا ئىشلىرىنىڭ ئىجرا بولۇشى ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. ئەمما بۇ يىلقى يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى، يەنى 3-ماي كۈنى چۈشتە «ئۇيغۇر يىغىلىشى» گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىن مەيدانى ئالدىدا نامايىش قىلىشى يىغىن ئەھلى زادىلا كۈتمىگەن بىر ھادىسە بولۇپ قالدى.

ئامېرىكادىكى بىر قىسىم يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار قۇرۇپ چىققان «ئۇيغۇر يىغىلىشى» گۇرۇپپىسى ئەتىگەن سائەت 11 دىلا مېھمان ساراي ئالدىغا كېلىپ بولغان بولۇپ، ئۇلار مەخسۇس بۇيرۇتقان «ئۇيغۇرلار ئەركىنلىككە چىقسۇن!» دېگەن چوڭ پلاكات يىراقتىنلا كۆزگە تاشلىناتتى. بۇ قېتىمقى نامايىشتا مېھمانخانىنىڭ ئورنى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شوئار توۋلانمىدى. ئەكسىچە نۆۋەتتە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يولسىزلىق بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى دۈشمەن قاتارىدا يوق قىلىش كويىدا بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى مېھمانخانىغا كىرىپ-چىقىۋاتقان كىشىلەرگە، شۇنداقلا ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە تارقىتىلدى. بۇ قېتىملىق نامايىشقا كەلگەنلەر كۆتۈرۈۋالغان تەشۋىقات تاختىلىرىدىكى «ئەركىنلىكنىڭ بەدىلى نېمە؟»، «ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىۋاتقان شەخسلەرگە جازا بېرىشنى قوللايلى!» دېگەندەك مەزمۇندىكى شوئارلار، بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قوللىرىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ رەڭلىك سۈرەتلىرى بولسا سۈكۈت ئىچىدە كىشىلەرگە بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتىنى نامايان قىلماقتا ئىدى.

بىر ئارىلىقتا بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى، نيۇيورك شەھىرىدىكى يېشىۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى يوسېف رۇس بىلەن بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ تەشكىللىنىشى ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ يىل فېۋرالدا نيۇيورك شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش يۈزىسىدىن بىر قېتىم مۇشۇنداق نامايىش تەشكىللىگەنلىكىنى تىلغا ئالغاچ، بۈگۈن يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى قىلىشىدا يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىقتىسادىي جازا قوللىنىشقا دەۋەت قىلىش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى: 

«ھازىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نۆۋەتتە ئاز دېگەندىمۇ 800 مىڭدىن ئىككى مىليونغىچە ئۇيغۇرنىڭ ناھەق ھالدا قاماققا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىر ئامېرىكا پۇقراسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، بولۇپمۇ ئۇلارنى زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشقا دەۋەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتۇق. بۇ جەھەتتە ئامېرىكا قىلالايدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇللارنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىشتا غوللۇق رول ئويناۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا بېرىشتۇر. ئارقىمىزدىكى مۇشۇ مېھمانسارايدا ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياۋى ئىقتىسادىي مۇئامىلە ئىشلىرىدا ئىقتىسادىي جازا چارىسىنى قوللىنىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئارىسىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى جازالىرىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل خېلى كۆپ ئەمەلدارلىرى بار. شۇڭا بىز ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، بولۇپمۇ ئۇلارغا ‹ئامېرىكا خەلقى ئەركىنلىك ۋە ئادالەت ئۈچۈن مۇشۇ خىلدىكى نىشانلىق جازالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ئەرزىيدۇ، دەپ قارايدۇ› دېگەن ئۇچۇرنى يەتكۈزمەكچىمىز.»

بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىگەن «ئۇيغۇر يىغىلىشى» گۇرۇپپىسىنىڭ پىدائىيلىرى كىشىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، ئۇلارنىڭ ھازىر قانداق پاجىئەلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، ئىنسانلارنىڭ ئادالەتنى ياقلاش تەبىئىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشى ھەققىدە قىسقا ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ چۈشەنچە بېرەتتى. شۇنداقلا كىشىلەرنى ئۆزلىرى بىلىدىغان ھۆكۈمەت خادىملىرىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈرۈشكە چاقىرىپ، شۇنداق قىلىشنى خالايدىغان كىشىلەرنىڭ ئىمزاسىنى توپلىماقتا ئىدى. بىز بۇ پىداكار ياشلاردىن كوربىي بىلەن سۆزلەشكىنىمىزدە ئەمدىلەتىن 20 ئاشقان بۇ قىزچاق ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىغا تۈرتكە بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

«بىز ھەرقاچان تېخىمۇ كۆپ قوللاشلارنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتىمىز. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ قانداقتۇر بىرەر شەخسنى ماقۇل كەلتۈرۈش بىلەنلا ھەل بولۇپ كېتىدىغان ئايرىم بىر ئىش ئەمەس. چۈنكى بۇ غايەت زور كۆلەمدىكى قوللاش ۋە ھەمكارلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. نۆۋەتتە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى، لاگېرلارغا مىليونلاپ ئادەمنى قامىۋېلىش دېگەندەك مەسىلىلەرگە قانچە كۆپ ئادەم كۆڭۈل بۆلسە بىز شۇنچە ئادەمنى ئەتراپىمىزغا توپلاپ، كىشىلەرنى بۇ ئىشتا ئەمىلى بىر ھەرىكەت قىلىشقا دەۋەت قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. چۈنكى بۇ ئىشلار ھەققىدە ئاددىيلا سۆزلەپ قويۇش ياكى ئىشقىلىپ بىرەرى بۇنىڭ چارىسىنى قىلىدىغۇ، دەپ بىغەملىك قىلىشنىڭ ۋاقتى ئۆتتى. شۇڭا بىز مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ‹بىز بۇنىڭ چارىسىنى قىلىۋاتىمىز، بىز بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز› دېگەن ئۇچۇرنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈۋاتىمىز. بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈشىنى، جازالاش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارلارنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى، سودا ساھەسىدىكى چولپانلارنىڭ بۇ مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، دەپ قارايمىز. بىز ئۇلارغا ‹بىز بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز. شۇڭا شۇنچە مۇھىم بولغان بۇ مەسىلىدە باشقىلارمۇ بىزگە ئوخشاش قولىدىن كەلگەن بىر ئىشلارنى قىلىشى لازىم› دېگەننى بىلدۈرمەكچى بولۇۋاتىمىز.»

بۈگۈنكى پائالىيەتكە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتىمۇ قاتناشتى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق ھەقىقەتنىڭ ئېگىلسىمۇ سۇنمايدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىندى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت