ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلوسى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.07.29
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلوسى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلوسى(Nancy Pelosi) ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن كۆرۈشتى. 2022-يىلى 28-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى يامانلىشىۋاتقان، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە بېرىش-بارماسلىقى قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، نەنسى پېلوسى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ تەيۋەن مەسىلىسىدىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن قوغداش كۈرىشىدە داۋاملىق ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

روشەن ئابباس خانىم بىلەن ئابدۇلھەكىم ئىدرىس رادىيومىزغا بەرگەن زىيارىتىدە بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئۇچرىشىش خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن جوۋ بايدېن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بىر كۈنگە، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە بارماسلىقىنى تەلەپ قىلىپ تەھدىت سېلىۋاتقان كۈنلەرگە توغرا كەلگەن بولۇپ، نەنسى پېلوسى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئامېرىكانىڭ مۇھىم ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشتى. 2022-يىلى 28-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.

روشەن ئابباس خانىم بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، نەنسى پېلوسى بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە يېڭى قانۇنلارنىڭ تۈزۈلۈشى، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان زىيانكەشلىكىدىن قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. ئۇلار يەنە دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغان. نەنسى پېلوسى خانىم خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى قوغداش مەسىلىسىنى يالغۇز ئامېرىكانىڭ ئىرادىسى ۋە ئامېرىكانىڭ قانۇنى بىلەنلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ئىرادىسى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ھەل قىلىش پىكرىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئامېرىكانىڭ مۇھىم ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشتى. 2022-يىلى 28-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.

ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا نەنسى پېلوسىغا يېقىندا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ داۋاملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئېلىپ بېرىشقا يوليورۇق بەرگەنلىكى، 7-ئاينىڭ 31-كۈنى دۇنيانىڭ 10 نەچچە شەھرىدىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. نەنسى پېلوسى خانىممۇ بۇ ئىشتا مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئامېرىكانىڭ مۇھىم ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشتى. 2022-يىلى 28-ئىيۇل، ۋاشىنگتون.

ئىگىلىشىمىزچە، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم قاتارلىقلارمۇ بۇ ئىككى كۈندە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن جەيمېس مەكگاۋرېنن، تام سوزى، جېنىفېر ۋېكستون قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان مەسىلىلىرى ۋە كەلگۈسىدە قىلىدىغان ئىشلار ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەن. ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى سۆھبەت ئۇلىنىشىدىن تەپسىلىي مەزمۇننى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.