ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسىي پېلوسى خىتاينىڭ قارشىلىقىغا قارىماي تەيۋەننى زىيارەت قىلدى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.08.02
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسىي پېلوسى خىتاينىڭ قارشىلىقىغا قارىماي تەيۋەننى زىيارەت قىلدى تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسېف ۋۇ(Joseph Wu) ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسىي پېلوسى(Nancy Pelosi) نى قارشى قىزغىن كۈتۈۋالدى. 2022-يىلى 2-ئاۋغۇست، تەيبېي، تەيۋەن.
REUTERS

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسىي پېلوسى 2-ئاۋغۇست كەچقۇرۇندا تەيۋەنگە بېرىپ، زىيارىتىنى باشلىۋەتكەن. ئۇ تەيۋەنگە چۈشكەندە بايانات بېرىپ، ئامېرىكانىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ مەقسەت-نىشانىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى نەنسىي پېلوسى ئىمزاسىدا بىر ماقالە ئېلان قىلغان.

نەنسىي پېلوسى خانىم بۇ ماقالىسىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە بولغان بېسىمنى كۈچەيتكەنلىكى، ھەربىي ئايروپىلان ۋە پاراخوتلىرىنى ئىشقا سېلىپ تەيۋەنگە تەھدىت سېلىپ ئۇنى يۇتۇۋېلىشقا قەستلىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن؛ ئاندىن ئامېرىكانىڭ رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىغىنىغا ئوخشاش، تەيۋەننىڭمۇ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتيەسىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نەنسىي پېلوسى خانىم بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى خىتايغا بېرىپ، تيەنئەنمېن مەيدانىدا خىتاينىڭ قەتلىئامىغا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈرگەن ھەم دېموكراتىيەنى مەڭگۈ ياقلايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى نەنسىي پېلوسىدەك كۈچلۈك بىر رەھبەرنىڭ ئەلۋەتتە خىتاينىڭ تەھدىتلىرىدىن قورقۇپ قالماي، تەيۋەننى زىيارەت قىلىشقا جاسارەت كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نەنسىي پېلوسى خانىم باياناتنامىسىدە بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ 1979-يىل خىتاي بىلەن تۈزگەن «تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنى» غا، شۇنداقلا «ئامېرىكا-خىتاي بىرلەشمە باياناتى» دىكى ماددىلارغا خىلاپ ئەمەسلىكىنى، تەيۋەن مەسىلىسىنى بىر دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەل قىلىشىغا ۋە ھازىرقى ھالەتنى بۇزۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نەنسىي پېلوسى خانىم تەيۋەننى زىيارەت قىلىشنىڭ پەقەت ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى سىنگاپور، مالايسىيا، كورېيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىشنىڭ ئىچىدىكى بىر دىپلوماتىك پائالىيەت ئىكەنلىكىنى، تەيۋەن بىلەن ئورتاق تەرەققىيات، ھىندى-تىنچ ئوكياننىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئەركىن رايون بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشىدىغانلىقى بىلدۈرگەن.

ئۇ بۇ يەردە خىتايغا ئوچۇق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە ياردەم بېرىشى بۇ ئارالدا ياشاۋاتقان 23 مىليون خەلق، شۇنداقلا خىتاينىڭ بېسىم ۋە تەھدىتلىرىگە ئۇچراۋاتقان مىليونلىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ مۇھىم» دېگەن.

سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى «نەنسىي پېلوسى خانىمنىڭ بۇ قېتىم تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىپ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەنلىكىنىڭ بەلگىسى» دەپ چۈشەندۈردى.

نەنسىي پېلوسى خانىم يەنە مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى خوڭكوڭدىكى ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى باستۇردى؛ ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش› دېگەنلىرىنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتتى؛ تىبەتتە تىبەت خەلقىنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، ئېتىقادى ۋە كىملىكىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنى ئۇزۇن يىل ئېلىپ باردى؛ شىنجاڭدا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا».

نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نەنسىي پېلوسى خانىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ھەر قاچان جىددىي قاراپ كەلگەن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىممۇ تەيۋەننى زىيارەت قىلىۋاتقان ھالقىلىق ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىپ، ھەر دائىم ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكى ھەققىدە خىتايغا كۈچلۈك سىگنال بەرگەن.

نەنسىي پېلوسى بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ دۇنيانىڭ دېموكراتىيە ياكى مۇستەبىتلىكنىڭ ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللاشقا دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە، دېموكراتىيەگە تەھدىت سېلىشىغا قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى، رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان، دۇنيا مالىمانچىلىققا پېتىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە ئامېرىكانىڭ ھېچقانداق زوراۋان، ئۆكتەم كۈچكە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە «تەيۋەننى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق تەيۋەننىڭ ئەركىنلىكىنى، دېموكراتىيەنى قوغداشقا بەرگەن ۋەدىمىزدە تۇرغىنىمىزدىن پەخىرلىنىمىز» دېگەن.

نەنسىي پېلوسى خانىم 2-ئاۋغۇست كۈنى تەيۋەنگە چۈشكەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتنامە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن تۈزگەن تەيۋەن توغرۇلۇق كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. سىاسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇنىڭغا باھا بېرىپ، خىتاينىڭ نەچچە كۈندىن قىلىۋاتقان تەھدىتلىرىنىڭ قۇرۇق داۋراڭ ۋە پوپوزىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.