3-مارتتا قاتار پايتەختى دوخادا تاماملانغان گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىنىڭ نۆۋەتتىكى باسقۇچىدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋەكىلى نارىمان قۇربانوف ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. ئۇ ياغاچ ئاتتا ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى بويىچە ماھارىتىنى نامايان قىلىپ، بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىدى.
نارىمان قۇربانوفنىڭ بۇ ئۇتۇقى توغرىلىق قازاقىستاننىڭ «قازاقاخبارات»، «قازتاگ»، «تېڭرىنيۇس» قاتارلىق ئەڭ ئىناۋەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋەر قىلغان. ئۇلاردا ئېيتىلىشىچە، بۇ مۇسابىقىگە قازاقىستان كوماندىسىدىن تۆت نەپەر تەنھەرىكەتچى قاتناشقان. نارىمان قۇربانوف ئىلگىرىمۇ بىر نەچچە دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، قازاقىستاننىڭ شەنىنى قوغدىغانىدى.
خەۋەرلەردىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى گېرمانىيەنىڭ كوتباس شەھىرىدە ئۆتكەن دۇنيا مۇسابىقىسىدە نارىمان قۇربانوف مىس مېدالغا ئېرىشكەن.
بىز ھازىر ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا ئۆتىدىغان گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىنىڭ نۆۋەتتىكى باسقۇچىغا تەييارلىنىۋاتقان خەلقئارا تەنھەرىكەت ماھىرى نارىمان قۇربانوف بىلەن ئالاقىلەشتۇق.
ئۇ دوخادا ئۆتكەن مۇسابىقىگە 48 مەملىكەتتىن 60 قا يېقىن تەنھەرىكەتچىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، ئۇنىڭغا قاتتىق تەييارلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «يىلنىڭ بېشىدىن تارتىپ بىزنىڭ كوماندا ئالمۇتا شەھىرىدە ئۈچ قېتىم چوڭ يىغىلىشتا بولدى. ئۇ يەردە بارلىقى ئالدىن-ئالا پىلانلانغاندەك بولدى. فېۋرالنىڭ ئايىغىدا گېرمانىيەگە بېرىپ، مىس مېدال يېڭىۋالدىم. ئۇ يەردە تەجرىبە توپلاپ، چوڭ ئىشەنچ بىلەن دوخادىكى مۇسابىقىدە بىرىنچى ئورۇننى يېڭىۋالدىم. تەييارلىق جەريانىدا ھېچ قانداق بىر ئېغىرچىلىق كۆرمىدىم. مەشىقلىنىش ئۈچۈنمۇ بارلىق شارائىتلار يارىتىلدى. ترېنېرلار، دوختۇرلار ۋە باشقىلار دائىم يېنىمىزدا بولدى. مېنى خۇشال قىلغىنى شۇ. مېنىڭ بىلەن بىللە بارغان مىلات كارىمى، ئىلياس ئەزىزوف ۋە دىمىترىي پوتانىن ئەمدى تېخى ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئۇلار بىر نەچچە قېتىم ئالدىنقى قاتارلاردا بولدى. بولۇپمۇ ئىلياس ئەزىزوف ئالتىنچى ئورۇننى ئىگىلىدى. بۇمۇ ياخشى كۆرسەتكۈچ».
«كېنتاۋر» قابىلىيەتلىك تەنھەرىكەتچىلەرگە ياردەم قىلىش جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ پرېزىدېنتى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ترېنېرى، نارىمان قۇربانوفنىڭ ئۇستازى مەخمۇت ئىسكەندەروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەن ئويلايمەنكى، كۆپلىگەن گىمناستىكا ھەۋەسكارلىرى ئۇنى ياخشى بىلىدۇ. ئۇ پەقەت ئۇيغۇر يۇلتۇزىلا ئەمەس، ئۇ ھەم قازاقىستاننىڭ مەشھۇر تەنھەرىكەتچىسى ۋە گىمناستىكىچىسى. ئۇ ھەم قازاقىستاننىڭ پەخرى. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ نەچچە قېتىم قازاقىستاننىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، تەجرىبىلىك گىمناستىكىچى دەرىجىسىگە يەتتى. ھازىر بارلىقىمىز ئۇنىڭ ئۇتۇقىدىن خۇشال بولۇۋاتىمىز. بۇ يەردە ئۇنىڭ دادىسى، گىمناستىكا بويىچە قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ترېنېر، قازاقىستان كوماندىسىنىڭ ترېنېر ھۈسەنجان قۇربانوفنىڭ چوڭ تۆھپىسى بار. ھازىر نارىماننى ئاساسەن شۇ مەشىقلەندۈرۈۋاتىدۇ. دوخادا ئۆتكەن مۇسابىقىگە دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەنھەرىكەتچىلىرى يىغىلدى. بۇ قېتىم نارىمان دۇنيا چېمپىيونى ئىرلاندىيەلىك رىس ماك لېناگانندىن ۋە تەيۋەنلىك شاو يۇ ياندىن ئوزۇپ چىقتى. بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويغان ئەمدىكى ئەڭ بىرىنچى نىشانىمىز-ئۇيغۇر پەرزەندىنىڭ 2024-يىلى بولىدىغان ئولىمپىك ئويۇنىغا قاتنىشىپ، خەلقىمىزنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشتۇر. ئۇنىڭ ئۈچۈن نارىمان بارلىق دۇنيا مۇسابىقىسى باسقۇچلىرىدىن ئۆتۈپ، دۇنيا چېمپىيونى دېگەن دەرىجىگە يېتىشى ۋە ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە يوللانما ئېلىشى كېرەك. بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەر قانداق بىر ۋەكىلىنىڭ ئارمىنى».
مەخمۇت ئىسكەندەروف نارىمان قۇربانوفقا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا چوڭ ئۇتۇقلار تىلىدى.
قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بەختىنۇر سادىقوۋا خانىم مۇنداق دېدى: «قېرىندىشىمىز نارىمان قۇربانوفنىڭ گېرمانىيەدىكى دۇنيا مۇسابىقىسىدە مىس مېدالىغا، ئاندىن قاتار مەملىكىتىدە ئۆتكەن دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكىنى بىزنى، بولۇپمۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى قاتتىق خۇشال قىلدى. نارىمان مۇشۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە قېتىم دۇنيا مۇسابىقىلىرىدە چېمپىيون ئاتالدى. بۇ ھەر قانداق تەنھەرىكەتچىنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ. راست، تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرى ئارقا-ئارقىدىن چىقىۋاتىدۇ. ئۇلار، بىرىنچىدىن، قازاقىستان بايرىقىنى ئېگىزگە كۆتۈرۈپ لەپىلدەتسە، ئىككىنچىدىن، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىنى دۇنياغا تونۇتۇۋاتىدۇ. مەن نارىمان قۇربانوفنىڭ قانچىلىك تىرىشچان، قانچىلىك ۋەتەنپەرۋەر، يەنى ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئابرۇيى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان پەرزەند ئېكەنلىكىگە كۆزۈم يېتىۋاتىدۇ. مۇشۇ يېقىنقى كۈنلەردە ئۇ باكۇدىكى دۇنيا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن. مەن پۈتكۈل قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى نامىدىن نارىمانغا چىن دىلىمدىن چوڭ ئۇتۇقلار تىلەيمەن!»
ئىگىلىشىمىزچە، نارىمان قۇربانوف 2018-يىلى كانادادا ئۆتكەن دۇنيا گىمناستىكا مۇسابىقىسىدە «ياغاچ ئاتتا موللاق ئېتىش» ھەرىكەت ئۇسۇلى بىلەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجە كۆرسىتىپ، خەلقئارا گىمناستىكا فېدېراتسىيەسى ئۇنىڭ بۇ ھەرىكەت شەكلىگە «قۇربانوفچە ھەرىكەت» دەپ نام بەرگەن.