قازاقىستانلىق گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوف يېقىندا فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئۆتكەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە تەنھەرىكەتنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ياغاچ ئاتتا ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى بويىچە 15.433 نومۇر بىلەن ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلەپ، كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. بىرىنچى ئورۇننى 15.533 نومۇر بىلەن ئىرېلاندىيەلىك رىس ماك لېناگان، ئۈچىنچى ئورۇننى 15.300 نومۇر بىلەن ئامېرىكالىق ستىۋېن نېدوروشىك ئىگىلىدى.
قاز تاگ، قازاق ئاخبارات بىيۇروسى، زاكون قازاقىستان قاتارلىق ئىناۋەتلىك ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى نارىمان قۇربانوفنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە گىمناستىكا بويىچە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ قازاقىستان تارىخىدا تەنھەرىكەتنىڭ بۇ تۈرى بويىچە قولغا كەلگەن تۇنجى مۇكاپات ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. مەزكۇر مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان گىمناستىكىسىنىڭ تارىخىدا 2024-يىل 3-ئاۋغۇستقىچە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچى بولمىغانىدى. مانا ئەمدى مۇنداق ئادەم بار بولدى. ئۇ بولسىمۇ، نارىمان قۇربانوفتۇر. نارىمان ئالتە يېشىدىن تەنھەرىكەتنىڭ مۇشۇ تۈرى بىلەن شۇغۇللانغان.

بىز ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ كۈمۈش مېدال ساھىبى، گىمناستىكا بويىچە خەلقئارا تەنھەرىكەت ماھىرى نارىمان قۇربانوف بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى تۈگەپ، بىر نەچچە كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ، مەن تېخىلا ئۆزۈمگە كېلەلمەيۋاتىمەن ۋە ئالغان مېدالىمنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ ئۈلگۈرەلمەيۋاتىمەن. مېنىڭ پۈتكۈل ئېلىمىزنىڭ ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى مۇخلىسلىرىم ۋە تەنھەرىكەتكە قىزىققۇچىلار مېنى پەقەت تەبرىكلەپلا قالماي، بەلكى ئۇلارغا خۇشاللىق بېغىشلىغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ. مەن، ئەلۋەتتە، ھازىر ئىنتايىن بەختلىكمەن. شۇنىڭدەك بۇ غەلىبىنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغلۇقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتىمەن. مېنىڭ ئۇتۇقۇمنى ئاتا-ئانام ۋە يېقىنلىرىم كۆرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولدى. بولۇپمۇ دائىم يېنىمدا بولغان دادام بۇ بەختكە خۇشال بولۇپ، ئۆزىنى يەتتىنچى ئاسماندا يۈرگەندەك سېزىپ يۈرىدۇ. تۇغقانلىرىمنىڭ بارلىقى مېنى تەبرىكلەپ، شادلانماقتا».

نارىماننىڭ دادىسى ھۈسەنجان قۇربانوف ئۆز ئوغلىنى 6 يېشىدىن 15 ياشقا كىرگىچە ئۆگەتكەن بولۇپ، مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك بىرگە بولغان.
نارىماننىڭ بۇ قېتىمقى ئۇتۇقى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنى قاتتىق خۇشال قىلدى ۋە ھاياجانلاندۇردى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ياش ئاكتىپلىرىنىڭ بىرى باھار رەجەپوۋا خانىم مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى بىز داڭلىق گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوفنىڭ پارىژدا ئۆتىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغانلىقى توغرىلىق خەۋەرنى ئاڭلاپ، قاتتىق خۇشال بولغان ئىدۇق. پۈتكۈل قازاقىستان خەلقى، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ نارىماننىڭ بۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتلىق ئورۇن ئىگىلەيدىغانلىقىنى كۈتتى ۋە شۇنىڭغا ئىشەندى. مانا، نارىمان كۈمۈش مېدال ئالدى ۋە بارلىقىمىزنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاقلىدى. ھازىر كۆپلىگەن ئىجتىمائىي تورلاردا مۇشۇ توغرىلىق گەپ بولۇۋاتىدۇ. قازاقىستاننىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ بۇنى خەۋەرلەپ، ھەتتا قازاقىستان گىمناستىكا تارىخىدا مۇنداق ئۇتۇقنىڭ ئىلگىرى بولمىغانلىقىنى، نارىمان قۇربانوفنىڭ بۇنىڭغا دەسلەپ يول ئاچقانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ. راست، نارىماننىڭ ئىسمى 2018-يىلدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە پات-پاتلا تىلغا ئېلىنىپ كەلدى، پۈتكۈل ئېلىمىز بويىچە تونۇلدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى، ئۇنىڭ ئىرادىسى بىز، ياشلار ئۈچۈن چوڭ ئۈلگە بولۇپ قالىدۇ دېسەم، ئاشۇرۇپ ئېيتقان بولمايمەن. مەن نارىمان قۇربانوفقا، ئۇنىڭ ئۇستازلىرى، يەنى دادىسى ھۈسەنجان قۇربانوفقا، شۇنداقلا ماھمۇت ئىسكەندەروفقا ۋە باشقىمۇ ئۇنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىگۈچىلەرگە ئۆزۈمنىڭ شەخسىي رەھمىتىنى ئېيتقۇم كېلىدۇ. نارىمانغا يەنىمۇ چوڭ ئۇتۇقلار تىلەيمەن».

بىز تەنھەرىكەت مۇخلىسلىرىدىن بىرى، پېشقەدەم ئۇستاز تۇرسۇن سادىروف بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆز ۋاقتىدا قازاقىستاندىن داڭلىق ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ يېتىلىپ چىقىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى ۋە قازاقىستاننى دۇنياغا تونۇتقانلىقى بىزگە ياخشى مەلۇم. مەسىلەن، توسالغۇلۇقلار بىلەن 110 مېتىر مۇساپىگە يۈگۈرۈش بويىچە چېمپىيون ئاتالغان ئارمىيە ھوشۇروفنىڭ بۇ رېكورتىنى قازاقىستاندا بىرمۇ تەنھەرىكەتچى يېڭىلالمىغان. شۇنداقلا بوكس بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىككى مەرتەم چېمپىيونى ئابدۇرېشىت ئابدراخمانوف خەلقئارا تەنھەرىكەت ماھىرى دېگەن ئاتاقنى ئالغان تۇنجى قازاقىستانلىق بوكسچىدۇر. مانا بۈگۈن بىز يەنە بىر خۇشاللىقنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇۋاتىمىز. ياش گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوف يېقىندا پارىژدا ئۆتكەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك سەككىز تەنھەرىكەتچىنىڭ ئىچىدىن ئىككىنچى ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، كۈمۈش مېدال بىلەن مۇكاپاتلاندى. بۇمۇ قازاقىستان ئۈچۈن چوڭ يېڭىلىق بولدى. چۈنكى نارىمان قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئىچىدىن گىمناستىكا بويىچە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ كۈمۈش مېدالىنى يېڭىۋالغان تۇنژا تەنھەرىكەتچى. بۇ، ئەلۋەتتە، ئېلىمىز ئۈچۈن، خەلقىمىز ئۈچۈن چوڭ ئابرۇي. ھازىر قازاقىستاندا تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە دۇنيا مۇسابىقىلىرىدە چوڭ ئۇتۇقلار قازىنىۋاتقان ياشلىرىمىز كۆپلەپ سانىلىدۇ. مەن نارىماننىڭ قازاقىستاننىڭ كۆك بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىققىنىنى كۆرۈپ، ئاڭلاپ، قاتتىق خۇرسەن بولدۇم ۋە ئۇنىڭغا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى، تىرېنېرلىرىغا ئاپىرىن دېدىم. قازاقىستان تەنھەرىكىتىنى دۇنياغا تونۇتۇۋاتقان نارىمان ئوخشاش ياشلىرىمىزغا مەن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈپ، چوڭ ئۇتۇقلار تىلەيمەن».
ئىگىلىشىمىزچە، نارىمان قۇربانوف 2018-يىلى كانادانىڭ مونرېئال شەھىرىدە ئۆتكەن گىمناستىكا بويىچە مۇسابىقىدە دۇنيا مۇسابىقىسى بويىچە يېڭىلىق ياراتقان ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا خەلقئارا گىمناستىكا فېدېراتسىيەسى ئۇنىڭ تېخنىكىسىغا ‹قۇربانوف› ياكى ئىنگلىزچە ‹the kurbanov› دەپ نام بېرىلگەن ئىدى.