ئامېرىكادىكى Netroots Nation نىڭ 2022-يىللىق يىغىنىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلغان

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2022.08.19
Rushan-Abbas-Netroots-Nation'da-doklat-bermekte-1 روشەن ئابباس Netroots Nations ئورگىنىنىڭ يىللىق يىغىنىدا دوكلات بەرمەكتە. 2002-يىلى ئاۋغۇست، ئامېرىكا.
RFA

ئامېرىكادىكى Netroots Nation دېموكراتىيە ۋە تەرەقىياتنى تەشەببۇس قىلىدىغان، پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمايدىغان بىر ئاممىۋى ئورگان بولۇپ، مەزكۇر ئورگاننىڭ 2022-يىللىق يىغىنى ئامېرىكانىڭ پېنسىلۋانىيە شىتاتىغا قاراشلىق پېتىرسبۇرگ شەھرىدە ئېچىلغان. بۇ يىغىنغا 3000 غا يېقىن ئادەم قاتناشقان. يىغىن 18-ئاۋغۇستتىن 20-ئاۋغۇستقىچە 3 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى  «ئۇيغۇر ھەركىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم، بۇ يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدە دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان.

روشەن ئابباس خانىم پېتىرسبۇرگ شەھرىدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 18-ئاغۇست، يەنى يىغىننىڭ 1-كۈنىدىكى «كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكانىڭ تاشقىي سىياسىتىنىڭ ئاساسى بولۇشى كېرەك» دېگەن مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمىدە دوكلات بېرىشكە ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرى، بولۇپمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى قىيىن ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ دوكلاتىدا يەنە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ كونكىرېت ئىپادىلىرى بولغان لاگېرلارغا قاماش، مەجبۇرى ئەمگەك، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىش، ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ قۇل ئىشچى قىلىش، خىتايلار بىلەن نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلاش، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەش، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىپ خىتايچە ئۇسلۇبتا تەربىيەلەش قاتارلىقلار ھەققىدىمۇ دەلىل-پاكىتلارنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئۇ دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇھىم بىر مەسىلە سۈپىتىدە نەزەرگە ئېلىشنى تەكىتلىگەن.   

روشەن ئابباس Netroots Nations ئورگىنىنىڭ يىللىق يىغىنىدا دوكلات بەرمەكتە. 2002-يىلى ئاۋغۇست، ئامېرىكا.

روشەن ئابباس خانىم يەنە مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان Netroots Nation  ناملىق ئورگان ۋە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدىمۇ قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.

مەزكۇر ئورگانتنىڭ تور بېكىتىدىمۇ ئورگاننىڭ خاراكتېرى ۋە پائالىيەتلىرى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، Netroots Nation ناملىق بۇ ئورگان پايدا-مەنپەئەت قوغلاشمايدىغان، دېموكراتىيە ۋە تەرەققىياتنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر ئاممىۋىي ئورگان ئىكەن.

مەزكۇر ئورگان 2006-يىلدىن بۇيان ھەر يىلى نەچچە مىڭ كىشى قاتناشقان زور كۆلەملىك يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەن ئىكەن. بۇ ئورگان ھەققىدىكى تور ئۇچۇرلىرىدا دېيىلىشىچە، يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان بۇ ئورگاننىڭ بۇ خىلدىكى چوڭ يىغىنلىرىغا ئامېرىكادىكى سوتچىلار، ئادۋوكاتلار، سىياسى پارتىيە ۋە تەشكىلاتلار ۋە سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ساھە كىشىلىرى قاتنىشىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.