نەفىسە ئوغۇز: «خىتاي ئەلچىخانىسى تاغام ئالىم ئابدۇكېرىمنىڭ جىنايىتى ھەققىدە ئىسپات بېرىشنى رەت قىلىپ كەلدى»
2024.09.17
تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق نەفىسە ئوغۇزنىڭ تاغىسى ئالىم ئابدۇكېرىم ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقى بىلەن ئالىم ئابدۇكېرىم دېلوسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قايتا كۈنتەرتىپكە كەلدى.
ئۈرۈمچىدىكى «خالىس خەلقئارا سودا شىركىتى» نىڭ كومپيۇتېر ئىنژېنېرى ئالىم ئابدۇكېرىم 2017 -يىلى 8-ئاينىڭ 27 كۈنى ئۈرۈمچىدىكى باخۇلياڭ ساقچىخانىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. رادىيومىز ئۆتكەن يىلى ئالىم ئابدۇكېرىمنىڭ «قانۇنسىز ئۇچۇرلارنى كۆرۈش»، «قالايمىقان كىشىلەر بىلەن تېلېفونلىشىش» ۋە «قانۇنسىز دىنىي زاتلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇش» دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن تۇتۇلۇپ، كورلا تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەنىدى.
نەفىسە ئوغۇز غەيرىي رەسمىي مەنبەلەردىن تاغىسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. ئۆتكەن يىلى ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى نەفىسەگە تېلېفون قىلىپ، تاغىسى ئالىم ئابدۇكېرىمنىڭ تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقىنى يەتكۈزگەن، ئەمما ئۇنىڭ كېسىلىش سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمەستىن، كېسىم مۇددىتىنىڭ «ئون نەچچە يىل» ئىكەنلىكى ۋە ئۆزلىرىنى قايتا ئىزدىمەسلىكنى ئېيتىپ تېلېفوننى قوپاللىق بىلەن قويۇۋەتكەن.
نەفىسە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنياغا «خۇشال ئۇيغۇر» تەشۋىقاتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقاندا، تاغىسىنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئارقىلىق خىتاينىڭ يالغانچىلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، ئۇ خىتاينىڭ ئىچىدە ئىشلىتىلىدىغان دوۋيىن قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلايدىكەن. ئۇ يېقىندا كۆرگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ناخشا-مۇزىكا بىلەنلا ياشايدىغان «خۇشال ئۇيغۇر» تەشۋىقاتىنىڭ ئەكسىچە، لاگېر-تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار يەنىلا كۆپ ئىكەن.
نەفىسە زۇمرەت خانىمنىڭ سۆزىنى تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىدا كېسەل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ مەكتەپلەردە ئۇلارنى تەربىيەلەۋاتىمىز، دەپتۇ. مېنىڭ تاغام كومپيۇتېر ئىنژېنېرى ئىدى».
ئۇ يەنە خەلقئارالىق يىغىنلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى دىپلوماتلىرىنىڭ «ئۇيغۇرلار راھەت، خۇشال ياشاۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنىڭ تولىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
زۇمرەت داۋۇت خانىم ئاخىرىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ، «ۋەتەنگە باردۇق» دېگەندەك ناملار بىلەن خىتاينىڭ «خۇشال ئۇيغۇر» تەشۋىقاتىغا يانتاياق بولۇۋاتقانلىقنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ياش كومپيۇتېر ئىنژېنېرى ئالىم ئابدۇكېرىم تۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئائىلىۋى شىركىتى بولغان «خالىس تاشقى سودا چەكلىك شىركىتى» مۇ تاقىلىپ قالغان. نەفىسەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ تاغىسى ئالىم ئابدۇكېرىم ھازىر كورلادىكى بىڭتۈەن 2-دىۋىزىيەسىنىڭ تۈرمىسىدە 3153-نومۇرلۇق مەھبۇس سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئىزچىل سوت ھۆكمىنى تەمىنلەشنى رەت قىلغان.