ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى Netflix نىڭ خىتاي يازغۇچى بىلەن ھەمكارلىشىش مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.09.29
netflix-logo.jpg «ئاقما مۇلازىمەت» سۆزى كۆرۈنۈپ تۇرغان كومپيۇتېر ئېكرانى ئالدىدىكى كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىگە قويۇلغان، Netflix بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن ئەقلىي تېلېفوننىڭ كۆرۈنۈشى. 2020-يىلى 24-مارت.
REUTERS

«ئەركىن مەشئەل» تورىنىڭ 23-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى Netflix شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلغان بىر خىتاي يازغۇچى بىلەن ھەمكارلىشىپ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلىمەكچى بولغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن مارشا بلەكبۇرن (Marsha Blackburn) بىلەن رىك سكوت (Rick Scott) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىرلىشىپ، ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ تاراتقۇ ۋە فىلىم ئىشلەش شىركەتلىرىدىن بولغان Netflix نىڭ خىتاي يازغۇچى ليۇ سىشىن يازغان «ئۈچ گەۋدە» ناملىق ئۈچ قىسىملىق فانتازىيەلىك رومانغا ئاساسەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى ئىشلەش پىلانىنى تەنقىدلىگەن ھەمدە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان. چۈنكى ليۇ سىشىن 2019-يىل «نيو-يوركلۇقلار» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرغانلىقىنى ئاقلىغانىكەن.

كېڭەش پالاتا ئەزالىرى Netflix شىركىتىگە يازغان بىرلەشمە مەكتۇپىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر رايونىدا قەبىھ جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتىدۇ. ئەمما ئېچىنىشلىقى شۇكى، كۆپلىگەن ئامېرىكا شىركەتلىرى بۇ جىنايەتكە ئاكتىپلىق ياكى سۈكۈت بىلەن ماسلىشىپ، ئۇنىڭ خۇددى نورمال ئىشتەك داۋاملىشىشىغا يول قويۇۋاتىدۇ ياكى بۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراۋاتىدۇ. بۇ قېتىم ليۇ ئەپەندىنىڭ ئەسىرىنى تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلەش قارارى ئەنە شۇ قەبىھ جىنايەتنى نورمال كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقتۇر.»

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى 3-سېنتەبىر ئۆز تور بېتىدە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، Netflix نى خىتاي يازغۇچى ليۇ سىشىن بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا چاقىرغان ھەمدە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا مەكتۇپ سۇنۇپ، بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلغانىكەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ: «Netflix شىركىتىنىڭ خىتاينى ئاقلاۋاتقان بىر ئادەم بىلەن ھەمكارلىشىپ، 200 مىليون دوللارلىق فىلىم ئىشلىمەكچى بولغىنىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، Netflix بۇ جىنايەتكە شېرىك بولماسلىقى كېرەك،» دېدى. ئاندىن ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال ئاخبارات ئېلان قىلغانلىقى، ئارقىدىن ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا بۇ مەسىلىنى ئىنكاس قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا دەرھال جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

«ئەركىن مەشئەل» تورىدا ئېيتىلىشىچە، Netflix بۇ خىتاي يازغۇچىنىڭ فانتازىيەلىك رومانىنى تېلېۋىزىيە فىلىمىنى ئىشلەشكە «تەخت ئويۇنى» ناملىق داڭلىق تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ سىنارىستى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىسىنى تەكلىپ قىلغان. Netflix نىڭ خىتاي يازغۇچى ليۇ سىشىن بىلەن ھەمكارلىشىشى ھوللىۋودنىڭمۇ نېمىشقا غايەت زور خىتاي بازىرىنى كۆزلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئەشەددىي زۇلۇم سېلىشىغا كۆز يۇمغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن. دىسنېي شىركىتىمۇ يېقىندا ئىشلىگەن «مۇلەن» ناملىق فىلىمنى ئۇيغۇر رايونىدا سۈرەتكە ئالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتقان بولۇپ، بۇ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا بىۋاسىتە قاتناشقانلارمۇ بار ئىكەن.

ليۇ سىشىن «نيۇ-يوركلۇقلار» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنى كۆپ تەرەپتىن ئاقلىغان. مۇخبىر ئۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمىشقا مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ قويغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق تەھدىتى پەيدا قىلغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا ياردەم بېرىپ ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

روشەن ئابباس سۆزىدە يەنە غەربتىكى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەدىن پايدىلىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن قوللايدىغان شەخس ۋە شىركەتلەرنى سەگەكلىك بىلەن بايقاپ، ئۇلارنى تارتىپ چىقىپ پاش قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشىنى توسۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىملىق ھەرىكىتىنىڭ ئەنە شۇنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كېڭەش پالاتا ئەزلىرى يەنە مەكتۇپىدا بۇ خىل ھەمكارلىقنىڭ Netflix نى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش جىنايىتىگە چېتىشلىق قىلىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە Netflix نىڭ ليۇ سىشىننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ماختايدىغان باشقا سۆزلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىدىن خەۋىرى بار-يوقلۇقىنى سورىغان. ئۇلار مەكتۇپىدا مۇنداق يازغان: «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىستېمىلىق قىرغىنچىلىق جىنايىتى توغرۇلۇق ئەستايىدىل ئويلىنىۋاتقان بۇ مەزگىلدە بىز Netflix نىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خەتەرلىك تەشۋىقاتچىسى بولغان بىر ئادەم بىلەن سودا قىلماقچى بولغىنىغا كۈچلۈك دىققەت قىلىۋاتىمىز. ئۇيغۇر رايونىدا قەبىھ جىنايەتلەر يۈز بېرىۋاتقاندا بۇ يەردە شىركەتلەرنىڭ خۇشاللىق بىلەن ھەمكارلىشىش مەسىلىسى يوق، بەلكى جىنايەتكە شېرىك بولۇش مەسىلىسى بار.»

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو روبىيو 23-سېنتەبىر ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا بۇ مەسىلە توغرىلىق كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ: «Netflix شىركىتى خىتاي يازغۇچى ليۇ سىشىننىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇتۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق سەھنە ھازىرلاپ بەرگەن. ھالبۇكى، ليۇ سىشىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئاشكارا قوللىغان بىرى،» دېگەن.

«ئاخىرقى چەك» (deadline.com) تورىنىڭ 25-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، Netflix شىركىتى يۇقىرىقى بەش سېناتورنىڭ تەنقىدىنى چىرايلىقچە، ئەمما ئېنىق رەت قىلغان. بۇ شىركەت ئۇلارغا يازغان جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېگەن: «ئالدى بىلەن شۇنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەككى، Netflix شىركىتى خىتايغا ھېچقانداق مۇلازىمەت قىلمايدۇ. ليۇ ئەپەندى ئۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى بولسىمۇ، سېنارىيە ئاپتورى ئەمەس. ليۇ ئەپەندىنىڭ گەپلىرى Netflix نىڭ قارىشى ياكى فىلىم ئىشلىگۈچىنىڭ قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ گەپلىرى بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى ياكى تېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. بىز ئۇنىڭ كىتابى ياكى بۇ فىلىم بىلەن ئالاقىسى بولمىغان پىكىرلىرىگە قوشۇلمايمىز.»

Netflix شىركىتى 1997-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، توردا كۆپ خىل تىلدا فىلىم تارقىتىش ۋە فىلىم ئىشلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. 2020-يىل بۇ شىركەتنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ئابونتى 193 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، ئامېرىكادىلا 73 مىليون ئابونتى بار ئىكەن. ئەمما خىتايدا بۇ شىركەتنىڭ مۇلازىمىتى چەكلەنگەن بولۇپ، Netflix شىركىتى بۇ قېتىم سېناتورلارنىڭ تەنقىدىنى رەت قىلىشتا بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.