ب د ت نىڭ نيۇ-يوركتىكى باش شىتابى ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2023.09.21
uaa-newyork-namayish-2023 ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى باش شىتابىنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈۋاتقان كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 21-سېنتەبىر، نيۇ-يورك
X/@Uyghur_American

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى باش شىتابىدا ئېچىلىۋاتقان 78-نۆۋەتلىك يىللىق ئومۇمى يىغىنى 19-سېنتەبىر كۈنىدىن 26-سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى خەن جېڭ مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان.

21-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى باش شىتابىنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى تەشكىللىگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم، نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم يېغىن ئېچىلىۋاتقان ب د ت باش شىتابى ئەتراپىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالاھىدە قاتتىق بولۇپ، ئۇلار ب د ت بىناسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمىغان. شۇنداق بولسىمۇ، نامايىش ئۈچۈن توپلانغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خادىملىرى، تىبەت ۋە باشقا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى ب د ت بىناسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى يولدا تۇرۇپ، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچلىقىنى توختات»، «ب د ت، خىتاينىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈش قىل!» دېگەن شوئارلارنى توۋلاپ، نامايىشنى داۋام قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ ب د ت 78-نۆۋەتلىك يىللىق ئومۇمىي يىغىنى ھەققىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ يىغىن جەريانىدا ب د ت باش كاتىپى ئانتونيو گۇتتېرېس ۋە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچراشقان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە ئۇلارنىڭ يەنە ب د ت دەك مۇھىم بىر ئورۇندا ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئۇ، يەنە ب د ت نىڭ ھېچبولمىغاندا خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن ئۆزلىرى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.