تۇتقۇندىكى پېنسىيونېر نىياز ناسىرنىڭ لاگېردىن جەسىتى چىققان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.12.17
تۇتقۇندىكى پېنسىيونېر نىياز ناسىرنىڭ لاگېردىن جەسىتى چىققان ۋاتىكان شەھىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بىلەن تەڭ، 10،000 جىنايەتچى سىغىدىغان ئۈرۈمچى 3-تۈرمىسىنىڭ ئالدى كۆرۈنۈشى. 2021-يىلى 23-ئاپرېل.
AP

ئائىلىسىدە 3 پەرزەنتى دۆلەت خىزمەتچىسى بولغان، ئۆزىمۇ ئاشلىق ئىدارىسىدىن پېنسىيەگە چىققان 78 ياشلىق نىياز ناسىر، لاگېردا ئېغىر كېسەل ھالىتىدىمۇ قويۇپ بېرىلمىگەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ دادىسىنى كاپالەتكە قويۇپ بېرىش تەلىپى كەسكىن رەت قىلغان. نەتىجىدە 2018‏-يىلى تۇتۇپ كېتىلگەن نىياز ناسىرنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى لاگېردىن جەسىتى چىققان.

توققۇزاقلىق بىر مۇھاجىرنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، توققۇزاق ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ پېنسىيونېرى نىياز ناسىر دېگەن كىشى 2018-يىلى 76 يېشىدا لاگېرغا ئېلىپ كىتىلگەن. خېلى بىر مەزگىلگىچە ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرلمىگەن نىياز ناسىر 2018-يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئائىلىسى بىلەن ئېكراندا كۆرۈشتۈرۈلگەن. دىيىلىشىچە، نىياز ناسىرنىڭ ئۈچ پەرزەنتى دۆلەت خىزمەتچىسى بولۇپ، ئۇلار دادىسىنىڭ ئېكراندىكى ھالىتىنىڭ بەكمۇ ئاجىز ۋە ناچار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ سالامەتلىكدىن ئەندىشىە قىلغان. ئۇلار دادىسىنىڭ ئائىلىدە تەربىيەلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ كاپالەتكە قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئالاقىدار ئورگانلارغا ئىلتىماس سۇنغان. دائىرىلەر نىياز ناسىرنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە يوقلۇقى ۋە باشقىلاردىن ئالاھىدە ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلىشىنى رەت قىلغان. توققۇزاقتىكى بۇ نەپەر ئۈچ دۆلەت خىزمەتچىسىنىڭ ئىككىسى كومپارتىيە ئەزاسى تۇرۇقلۇق، كۆزلىرى بارغانسېرى چوڭقۇرلاپ، ئىڭەكلىرى چوقچىيىپ ۋە چىرايى تاتىرىپ كېتىۋاتقان دادىسىنى لاگېردىن ئېلىپ چىقىشقا قۇربى يەتمىگەن. ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، نىياز ناسىرنىڭ جەسىتى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلغان.

بىز بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن، توققۇزاقتىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق.

توققۇزاق ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى، نىياز ناسىرنىڭ ئۈچ پەرزەنتىنىڭ ئۇنى كاپالەتكە ئېلىپ چىقىرىۋېلىش ھەققىدە تەلەپ سۇنغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ تۈردىكى ئىشلارنىڭ، جۈملىدىن لاگېردىكى ئۆلۈم خەۋەرلىرىنىڭ ئەدلىيە خادىمى تۇرۇقلۇق ئۈزلىرىگە ئۇقتۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە بۇلاقسۇ ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بولسىمۇ، نىياز ناسىر دېگەن كىشىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ھېچقانداق گەپ ئاڭلىمىغانغلىقى تىلغا ئالدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، پېنسىيونېر نىياز ناسىرنىڭ لاگېر دوختۇرخانىسىدا جان ئۈزگەنلىكى ۋە جەسىتى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلغاندا، ئۇنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق ئىزاھات بېرىلمىگەنلىكى، شۇنداقلا تېزلىكتە يەرلىكىگە قويۇۋېتىشكە بۇيرۇلغانلىقى قەيت قىلىنغان. توققۇزاق بۇلاقسۇدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئامانلىق مۇدىرى، پېنسىيونېر نىياز ناسىرنىڭ2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېردا جان ئۈزگەنلىكىنى دەلىللىدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا دېيىلىشىچە، نىياز ناسىر دېگەن كىشىنىڭ بۇلاقسۇ يېزا 6-كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكى، ئۈچ پەرزەنتىنىڭ ئىسملىرىنىڭ ئابدۇلناسىر، ئابدۇلئەھەت ۋە ئامانگۈل ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. بۇلاقسۇدىكى مەزكۇر ئامانلىقى مۇدىرى نىياز ناسىرنىڭ مەزكۇر ئۈچ پەرزەنتىنىڭ ناھىيىلىك ئاشلىق ئىدارىسى، يېزا-ئىگىلىك بانكىسى ۋە سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ دادىسىنى لاگېردىن ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

توققۇزاقلىق مۇھاجىرنىڭ ئىنكاسىدا دېيىلىشىچە، نىياز ناسىر جان ئۈزۈشتىن بىر ئايچە ئاۋۋال پەرزەنتلىرى بىلەن ئېكراندا كۆرۈشكەن بولسىمۇ، ئۇ سالامەتلىكىدە كۆرۈلىۋاتقان مەسىلە ھەققىدە ھېچقانداق ئېغىز ئاچمىغان، پەرزەنتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىنى جاۋابسىز قالدۇرغان. ئىلگىرى رادىيومىز زىيارتىنى قوبۇل قىلغان بىر لاگېر ساقچىسى لاگېر تۇتقۇنلىرى ئائىلىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە، ئۆز ئەھۋالىدىن شىكايەت قىلىشقا بولمايدىغالىقى، چوقۇم ئەھۋالىنى ياخشى دەپ مەلۇمات بېرىشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.