نورۋېگىيە ۋە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى
2024.09.30
28-29-سېنتەبىر كۈنلىرى نورۋېگىيە، گوللاندىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى خىتاينىڭ 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى دۆلەت بايرىمىغا لەنەت ئوقۇش يۈزىسىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزگەن.
نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئېلىپ بارغان نامايىش 28-سېنتەبىر (شەنبە) كۈنى نورۋېگىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ نامايىشقا 50 دىن كۆپ كىشى قاتناشقان. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى خەلچەم مەمتىمىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىش ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلانغان. نامايىشچىلار خىتايغا قارشى جاراڭلىق شوئارلارنى توۋلاپ، ئەتراپنى لەرزىگە كەلتۈرگەن.
تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى خەلچەم مەمتىمىن، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتى ۋە نامايىشنىڭ جەريانى توغرىلىق مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.
29-سېنتەبىر (يەكشەنبە) كۈنى گوللاندىيە پايتەختى ئامستېردامدىكى دام مەيدانىدا سىياسىي پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ تەشكىللىشىدە خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ نامايىشقا گوللاندىيەدىكى خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرىمۇ قاتناشقان.
«خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ماتەم كۈنىدۇر» دېدى ئابدۇرېھىم غېنى تېلېفون ئارقىلىق رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا نامايىشنىڭ جەريانى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
بۇ نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گوللاندىيەدىكى ۋەكىللىرى، گوللاندىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى ۋە گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق قاتارلىقلار قاتناشقان. شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم، گوللاندىيەدە گەرچە ئون مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق بىلەن ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىمقى نامايىشقا كەلگەن ئادەملەرنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى؛ خىتاينىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا يەڭ ئىچىدە قاراتمىلىق سىياسەت قوللىنىپ، ئۇلارنى ۋەتەنگە قايتىپ تۇغقان يوقلاشقا ياكى ساياھەت قىلىشقا يول قۇيۇشى نەتىجىسىدە، چەت ئەللەردە خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىدا كۆرۈنەرلىك ئازىيىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش ۋە ئىنكار قىلىش پىلانىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۆز دەۋرىدە خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قېچىپ كەلگەن ۋە ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمدىلىكتە ئۆز ۋىجدانىغا خىلاپ ھالدا خىتاينىڭ بۇ پىلانىغا يانتاياق بولۇپ بېرىشىنىڭ تارىخ ھەرگىز كەچۈرمەيدىغان بىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق نامايىش جەريانىدا «شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق! » ، «شەرقىي تۈركىستانغا ھۆرىيەت!»، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توختىتىلسۇن!»، «شى جىنپىڭ تېررورىست!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان.