نۇرى تۈركەل: «ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەگە چېتىلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى»

0:00 / 0:00

د ئۇ ق چاقىرغان يىغىندا ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەگە چېتىلىدىغان مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا يامراپ 320 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، 4 مىليون 730 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم يۇقۇملىنىپلا قالماستىن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان سېلىۋاتقان، دۇنيا تەڭپۇڭلۇقىغا زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقان پەيتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزمەكتە. 15-ماي كۈنى باشلانغان سىن ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى يەنى 17-ماي كۈنى «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى.

ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مەسئۇلى ئۆمەر قانات ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىندا ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەلىسە ئاندېرسون خانىم قاتارلىقلار سۆزلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ھازىر ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، تىجارەت ۋە تېخنولوگىيە جەھەتتىكى سۈركىلىشنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق سۈركىلىش جەريانىدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ خىتاينى ھاۋا، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىن قورشىۋالغانلىقىنى، لېكىن ئۇيغۇر ئېلى تەرەپنىڭ تېخى قورشالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بەرگەن دوكلاتىدا ئەگەر ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خىتاينى ئوتتۇرا ئاسىيا تەرەپتىنمۇ مۇھاسىرە ئاستىغا ئېلىۋالسا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى، كېلەچەك 20 يىلدا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىستراتېگىيە بەلگىلەپ چىقىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى دوكلاتىدا ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى پەقەتلا كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى بولۇپ تۇرۇۋەرسە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە زور ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيۇشتۇرغان «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدىكى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن، يىغىن رىياسەتچىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆزلەپ ئامېرىكادىكى سىياسەتچى، دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن ياخشى خەۋەردار بولۇپ بولغانلىقىنى، قانداق قىلغاندا ئامېرىكا خەلقىگىمۇ بۇ مەسىلىنى ياخشى چۈشەندۈرگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالنى ئەلىسە ئاندېرسون خانىمدىن سورىدى. ئۇ، بىر ئامېرىكا پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار 14-ماي كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن. بۇنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى دېموكراتىيە پارتىيەسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق قوللىغان، بۇ كېڭەش پالاتاسىدا ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال ئىكەن. ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى دوكلاتىدا بۇنىڭدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەگە چېتىلىدىغان مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

15-ماي كۈنىدىن 21-ماي كۈنىگىچە 7 كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق 9 دۆلەتتىن 21 پائالىيەتچى ۋە مۇتەخەسسىس دوكلات بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇندىن كېيىنكى ئۈچ كۈندە ئۇلار ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان، تۈرك-ئىسلام دۇنياسى ۋە شەرقىي تۈركىستان، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ياشلار ھەرىكىتىنىڭ رولى قاتارلىق تېمىلاردا دوكلات بەرمەكچى. مەزكۇر يىغىنغا خالىغان كىشىلەر تور ئارقىلىق قاتنىشالايدۇ.