سابىق كارخانىچى نۇرمەمەت ئالدۇللا: «تۇتقۇندىكى مەزگىلىمدە كۆرگەنلىرىمدىن ئۈچ ۋەقە»

0:00 / 0:00

سابىق كارخانىچى نۇرمەمەت ئابدۇللا 2010‏-يىلى يەكەندىكى قاماقخانىدىن ۋە سىياسىي تەربىيە ئورنىدىن قويۇپ بېرىلگەندە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن باشتىن كەچۈرگەنلىرى ۋە كۆرگەنلىرىنى ھېچكىمگە تىنماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىكەن. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ساقچىلار تەرىپىدىن ئەگەر بىرەر ئىشنى ئاشكارىلاپ قويسا، بارىدىغان جايىنىڭ قايتىدىن قاماقخانا بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. ئۇ بۇ تەھدىت سەۋەبىدىن كۆپ ئىشلارنى ئىچىگە يۇتۇۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنى ئىچىگە زادىلا پاتتۇرالمىغان ۋە يېقىن بىر دوستىغا بۇ ھەقتە دەرد تۆكۈپ ئىچىنى بوشاتقان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن مەزكۇر پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.