لاگېردا ۋەزىپە ئۆتىگەن ساقچى نۇرمەمەت يۈسۈپنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.10.06
لاگېردا ۋەزىپە ئۆتىگەن ساقچى نۇرمەمەت يۈسۈپنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى ئاشكارىلاندى قوراللىق ساقچىلار ئاتالمىش «كەسپىي مائارىپ مەركىزى» نىڭ تەكشۈرۈش پونكىتىنى كونترول قىلغان كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 4-سېنتەبىر، غۇلجا.
REUTERS

ئۈرۈمچىدە لاگېر تۇتقۇنىنى قانات ئاستىغا ئېلىش گۇمانى بىلەن سوراق قىلىنغان ساقچى نۇرمەمەت يۈسۈپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

رادىومزىغا ئىنكاس قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى ئات بەيگىسى مەيدانى ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى نۇرمەمەت يۈسۈپ، لاگېردا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش داۋامىدا، بىر تۇتقۇنغا جىددىي بىر ئەھۋالدا ئىنسانىي نۇقتىدىن يېقىنچىلىق قىلغان. ئۇنىڭ بۇ قىلغىنى ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ قېلىپ، ئۈستىدىن تەكشۈرۈلۈش ئېلىپ بېرىلغان. تەكشۈرۈلۈش داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلىدە، ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. بۇنىڭدىن ئىككى ئايچە ئاۋۋال يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە مۇخبىرىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ساقچى ئورگانلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى نەتىجىسىدە دەلىللەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېر ۋە تۈرمىلەردە داۋام قىلىۋاتقان غەيرىي ئىنسانىي ئىجرائاتلار، تۇتقۇنلارنىلا ئەمەس، بىر قىسىم ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خادىملارنىمۇ ئازابقا سالماقتا. بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان، ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئۈرۈمچى ئات بەيگىسى مەيدانى ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى نۇرمەمەت يۈسۈپ دەل ئەنە شۇ ئازابنىڭ ۋاسىتىلىك بىر تۈرتكىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ساقچى نۇرمەمەت يۈسۈپنىڭ ئۆلۈمى بىر مەزگىل جەمئىيەت ۋە ساقچى خادىملىرىدىنمۇ سىر تۇتۇلغان، ئەمما يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ساقچى خادىملىرىنىڭ ئېغىزلىرىدا تارقىلىشقا باشلىغان ۋە بۇ ھەقتە ئالاقىدار ساقچى ئورگانلىرىدا يىغىنلار ئېچىلغان؛ ئەمما بۇ يىغىنلاردا، نۇرمەمەت يۈسۈپنىڭ ئۆلۈمىنىڭ تەپسىلاتى ۋە ياكى بۇ ئۆلۈم خەۋىرىنى سىر تۇتۇش ھەققىدە سۆز بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، نۇرمەمەت يۈسۈپىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە مۇنۇلار قەيت قىلىنغان: نۇرمەمەت يۈسۈپ ئىككى يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچى مىدوڭ رايونىدىكى لاگېردا بىر يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، ئۇ ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا ياتىقىدا قان قۇسۇۋاتقان بىر تۇتقۇنغا، ياردەم قىلىپ ئۇنىڭ ئېغىز بۇرۇنلىرىنى سۈرتكەن ۋە كارىۋىتىغا ياتقۇزغان. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىكى سىلىق-سىپايىلىق ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي ساقچىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە ئۇ بۇ ئەھۋالنى ساقچى باشلىقلىرىغا مەلۇم قىلغان. دېيىلىشىچە، نۇرمەمەت يۈسۈپ شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش خادىملىرى تەرىپىدىن سۆھبەتكە چاقىرتىلغان، نۇرمەمەت شۇ كۈنلۈك سۆھبەتتە ئۆز قىلمىشىنىڭ نورمال بىر ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئىكەنلىكىنى دوكلات قىلغان.

ئالاقىدار بىر ساقچى خادىمى نۇرمەمەت يۈسۈپنىڭ بىر مەزگىل لاگېردا ۋەزىپە ئۆتىگەن-ياكى ئۆتىمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئەمما نۇرمەمەتنىڭ ئۆزىنى ئېتىۋالغانلىقىدىن خىزمەتداشلىرى ئارقىلىق خەۋەر تاپقانلىقىنى، ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا، بۇ ھەقتە ساقچىخانىدا بىر يىغىنمۇ ئېچىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، نۇرمەمەت يۈسۈپ، لاگېردىكى شۇ تۇتقۇنغا ياردەم قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە، يەنى بۇ يىل 8 ‏-ئايدا قايتىدىن تەكشۈرۈلگەن؛ تەكشۈرۈش بۇ قېتىم، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. بىر دۆلەت ئامانلىق خادىمى ئۆزىنىڭ نۇرمەمەت يۈسۈپنى سوراق قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. ئۇ نۇرمەمەت يۈسۈپ ئۆزىنى ئېتىۋالغاندىن كېيىن، نۇرمەمەت يۈسۈپ ھەققىدىكى دېلونىڭ ماتېرىياللىرىنى ئالاقىدار بۆلۈملەرگە تاپشۇرىۋەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. بىز ئۇنىڭدىن نۇرمەمەتنىڭ ئۆزىنى ئېتىۋېلىش سەۋەبىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن، نۇرمەمەت يۈسۈپنىڭ قانداق بىر گۇمان بىلەن سوراق قىلىنغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇنىڭ «جىنايەتچىنى قانات ئاستىغا ئېلىش» گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئىنكاستا دېيىلىشىچە، نۇرمەمەت يۈسۈپ ئىككى قېتىملىق سوراقتىن كېيىن، 3 ‏-قېتىملىق سوراققا يەنى تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلۈش باسقۇچىغا كەلگەندە، ئات بەيگىسى مەيدانى ساقچىخانىسىدىكى ئىشخانىسىدا ئۆزىنى ئېتىۋالغان.

نۇرمەمەت يۈسۈپنڭ جەسىتىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىلىپ بېرىلمىگەنلىكى ۋە ئۆلۈم تەپسىلاتىنىڭ ئائىلىسىگە بىلدۈرۈلۈپ-بىلدۈرۈلمىگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.