ئۆتكەن ئايدا ئۆرۈمچى ئات بەيگە مەيدانى ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى نۇرمەمەت يۈسۈپنىڭ ئىككى ئاي ئاۋۋال «ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقى» ھەققىدە ئۇچۇر كەلگەن ئىدى.
ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئالاقىدار ساقچى خادىملىرى بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. ساقچى نۇرمەمەتنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، نۇرمەمەت يۈسۈپنىڭ «ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان» ئەمەس، بەلكى قېيىن-قىستاقتىن ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولدى.
ئۆتكەن ئايدا رادىيومىزغا كەلگەن بىر ئىنكاستا، ئۈرۈمچى ئات بەيگە مەيدانى ساقچىخانىسنىڭ خادىمى نۇرمەمەت يۈسۈپنىڭ «جىنايەتچىنى قانات ئاستىغا ئېلىش» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە سوراق داۋامىدا «ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقى» ھەققىدە ئۇچۇر كەلگەن ئىدى. شۇ چاغدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، نۇرمەمەت يۈسۈپنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆلۈم سەۋەبى ئېنىق ئايدىڭلاشمىغان ئىدى.
بۇ ھەقتە يېقىندا رادىيومىزغا كەلگەن بىر يازما ئىنكاستىمۇ نۇرمەمەت يۈسۈپ سوراق قىلىنىىش جەريانىدا قېيىن-قىستاق ئەسۋابى خاتا تەڭشىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئەسۋەپنىڭ زەخمىسى كۈتۈلگەندىن چوڭ بولۇپ كەتكەنلىكى ۋە شۇ زەخمىدىن ئۆلگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئەمما ئىنكاستا بۇ قېيىن-قىستاق ئەسۋابىنىڭ قانداق بىر ئەسۋاپ ئىكەنلىكنى ۋە نۇرمەمەتنىڭ بەدىنىنىڭ قايسى قىسمىنى زەخمىلەندۈرگەنلىكى قەيت قىلىنمىغان.
بىز ئۈرۈمچى ئۇلانبايدىكى ساقچىخانا ۋە قاماقخانا خادىملىرىغا تېلېفون قىلىپ، نۇرمەمەت يۈسۈپنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. ساقچىلاردىن بىرى نۇرمەمەت يۈسۈپنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» ئىكەنلىكى، بۇنى ئاشكارىلىماسلىق ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. رادىيومىزغا كەلگەن يېىقىنقى ئىنكاستا يەنە نۇرمەمەتنىڭ ئۇلانبايدىكى قاماقخانىدا جان ئۈزگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
ئىنكاستا يەنە نۇرمەمەتنى سوراق قىلغان ساقچىلاردىن بىرى خەمىت ئىسلىك دۆلەت ئامانلىق ساقچىسى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا مەزكۇر سوراقتا قېيىن-قىستاقنى ئاشۇرۇپ قوللانغانلىقى ئۈچۈن ساقچى ئىدارىسى ئىچىدە ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. بىز ئۇلانباي، قارلىغاچلىق ۋە ئات بەيگە مەيدانى ساقچىخانىلىرىغا تېلېفون قىلىپ، خەمىت ئىسىملىك بۇ ساقچى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. خادىملاردىن بىرى نۇرمەمەت يۈسۈپ قاماقخانىدا جان ئۈزگەن كۈنى كېچىدە ساقچى ئىدارىسىغا چاقىرتىلغانلىقى ۋە نۆۋەتتە تۇرغۇزۇلغانلىقى ۋە ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن ئۆيلىرىگە قايتىشقا بۇيرۇلغانغلىقى، يەنى نۇرمەمەت يۈسۈپنىڭ نەق مەيداندىكى ھالىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ خادىم يەنە نۇرمەمەتنى سوراق قىلغۇچىلار ئارسىدا خەمىت ئىسىملىكى بىر ساقچىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، خەمىتنىڭ يېقىنقى 4 يىلدا ئاكتىپ خىزمەت قىلغان بىر خادىم ئىكەنلىكى، ئەمما يېقىندا ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان بىر مۇكاپاتنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بۇ بايانلىرى ئارقىلىق، رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستىكى ئۇنىڭ قېيىن-قىستاقنى ئاشۇرۇپ قوللىنىپ نۇرمەمەت يۈسۈپنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى ۋە بۇ سەۋەبتىن ئىنتىزام جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ۋاستىلىق ھالدا دەلىللىدى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ساقچى نۇرمەمەت يۈسۇپنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئۇنىڭ لاگېردا ۋەزپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە «بىر تۇتقۇنغا ھېسسىداشلىق قىلغانلىقى»، يەنى كامىردا قان قۇسۇۋاتقان تۇتقۇننىڭ ئېغىز-بۇرنىنى سۈرتۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن «جىنايەتچىنى قانات ئاستىغا ئېلىش» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.