نۇرسىمانگۈل ئابدۇرېشىت: «تاشقىي دۇنيا ئۇيغۇرلار توغرىلىق تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان مىنۇتلاردا بىزنىڭ يىلتىزىمىز قىرقىلماقتا»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.09.13
نۇرسىمانگۈل ئابدۇرېشىت: «تاشقىي دۇنيا ئۇيغۇرلار توغرىلىق تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان مىنۇتلاردا بىزنىڭ يىلتىزىمىز قىرقىلماقتا» نۇرسىمانگۈل ئابدۇرېشىت «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا لاگېرغا قامالغان ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2021-يىلى 7-ئىيۇن.
Social Media

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئەنگىلىيەدە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» 2-قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئېچىلىپ، لاگىر شاھىتلىرى ۋە تونۇلغان مۇتەخەسسسىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى تەرەپتىن-تەرەپتىن پاش قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، مەركىزى ئەنگىلىيەدىكى «ITV» قانىلىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بىر سىن خەۋىرىنى تارقاتتى. مەزكۇر سىن خەۋىرى خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنى «ئارتىستلار»، «يالغانچىلار» دەپ ئەيىبلەۋاتقان، خىتاي ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرىدىغان تەشۋىقاتىنى كېڭەيتىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنىپ، زور ئىنكاس قوزغىدى.

مەزكۇر سىن خەۋىرىدە «ITV» قانىلىنىڭ مۇخبىرى دەبى ئېدۋاردنىڭ قەشقەر توققۇزاققىچە بېرىپ، نۇرسىمانگۈل ئابدۇرېشىتنىڭ لاگېرغا قامالغان ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش جەريانى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن.

Nursiman-Abdureshit-202109-02.png
«ITV» قانىلىنىڭ مۇخبىرى دەبى ئېدۋارد

نۇرسىمانگۈلنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش جەريانىدا تاكى قەشقەرگىچە بېرىپ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلالايدىغان بىر مۇخبىر ئىزدىگەن. ئاخىرى ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى «ITV» قانىلى مۇخبىرلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئىشقا ئاشقان.

Nursiman-Abdureshit-202109-03.png 

«ITV» قانىلىنىڭ مۇخبىرلىرى نۇرسىمانگۈل تەمىنلىگەن ئادرېسقا ئاساسەن ئۇلارنىڭ توققۇزاقتىكى ئۆيىنى تېپىپ بارغان. سىنلىق خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، نۇرسىمانگۈلنىڭ توققۇزاقتىكى ئۆيىنى تېپىش قېيىنغا توختىمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئۆينى تېپىپ بارغاندا سىرتىدىن قۇلۇپلانغان بۇ قورانىڭ ئاللىقاچان تاشلىنىپ قالغان خارابىلىققا ئايلانغانلىقىنى كۆرگەن. مۇخبىرلار نەق مەيداندا تۇرۇپ نۇرسىمانگۈلگە تېلېفون قىلىپ، ئۆيىنى كۆرسەتكەن.

  Nursiman-Abdureshit-202109-04.png

نۇرسىمانگۈل «ئۇلار ئۆيىمىزنىڭ دەرۋازىسىنىڭ رەسىمىنى ماڭا ئەۋەتكەندە يۈرىكىم ھاياجاندىن يېرىلىپ كېتەيلا دەپ قالدى،» دېدى.

بىراق ئۇ مۇخبىرلارنىڭ ياردىمى بىلەن تاشلاندۇق خارابىلىققا ئايلانغان قوراسىنى كۆرگىنىدە، قوبۇل قىلغۇسى كەلمەيۋاتقان ئاچچىق رېياللىق بىلەن يۈزلەشكەن.

Nursiman-Abdureshit-202109-09.png

خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى قىلمىشلىرىنى مەيلى قانداق شەكىلدە ئىنكار قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، مەزكۇر سىن خەۋىرى مىليونلىغان ئۇيغۇر ئائىلىرىنىڭ قانداق ۋەيران قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ، ئۇلارنىڭ ئىزلىرىنىڭ قانداق ئۆچۈرۈلىۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق بىر پاكىتى سۈپىتىدە زور ئىنكاس قوزغىدى.

Nursiman-Abdureshit-202109-05.png

نۇرسىمانگۈل 2020-يىلىغا كەلگەندە، تۇتقۇندىكى ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىغا 2017‏-يىلى 13‏-دېكابىر كۈنى جازا ھۆكۈمى كېسىلگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13 يىل، 16 يىل ۋە 19 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئىدى. نۇرسىمانگۈل رادىيومىز ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىگە خىتاب قىلىپ: «ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان بۇ ۋەزىيەتكە قانداق ئىسىم قويۇشنى تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردا، بىزنىڭ ئائىلىلىرىمىز، يىلتىزىمىز، كىملىكىمىز خانىۋەيران قىلىنىۋاتىدۇ، ئىزى يوقىتىلىۋاتىدۇ، ئەمدى بىز ھەرىكەتكە ئۆتمىسەك تولىمۇ كېچىككەن بولىمىز،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.