ئوبۇلقاسىم داۋۇت، دائىرىلەرنىڭ ھامىلدار ئايالىغا قارىتا بالا چۈشۈرۈش بۇيرۇقىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئېغىرلىتىپ كېسىلگەن

0:00 / 0:00

قەشقەردە مەشرەپ ئويناپ تۇتۇلغان 14 كىشىدىن بىرسى بولغان، ۋىلايەتلىك پوچتا-تېلېگراف ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنېرى ئوبۇلقاسىم داۋۇت، پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بىللە تۇتۇلغان دوستلىرىغا نىسبەتەن ئېغىرلىتىپ كېسىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئوبۇلقاسىم داۋۇت، ئون يىلنىڭ ئالدىدا دائىرىلەرنىڭ ئايالىغا قاراتقان بالا چۈشۈرۈش بۇيرۇقىنى رەت قىلىپ، پلاندوئىن سىرت ئۈچىنچى پەرزەنتىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە يول ئاچقانلىقى ئۈچۈن، 17 يىللىق كېسىلگەن.

قەشقەرگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، كۆپىنچە خادىملار، شەھەردىكى ئالاقىدار ئاھالىلەر كومتېتىنىڭ ئامانلىق خادىمى ئوبۇلقاسىم داۋۇتنىڭ 2017 ‏-يىلدىن بۇيان قاماقتا ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقى، ئەمما كېسىلگەن-كېسىلمىگەنلىكىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. يەنە بىر خادىم، ئوبۇلقاسىم داۋۇت ۋە دوستلىرىنىڭ مەشرەپ ئوينىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى دەلىللىدى. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوبۇلقاسىم داۋۇت سوراقتىكى مەزگىلىدە، ئۆزىنىڭ مەشرەپ ئوينىغاندىن باشقا خاتالىق سادىر قىلمىغانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سوراقچىلار ئۇنىڭدىن يەنىمۇ كۆپ مەسىلە تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان ۋە سوراقنى ئالتە ئايغا قەدەر ئاخىرلاشتۇرمىغان. ئۇ ئاخىرى 10 يىل ئاۋۋال ئۆتكۈزگەن ۋە جازاسىنى ئۆتەپ بولغان بىر ئاتالمىش خاتالىقىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئوبۇلقاسىم داۋۇت ۋە ئايالى، 3 ‏-پەرزەنتى تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن دائىرىلەر تەرىپىدىن ھامىلىنى چۈشۈرىۋېتىش ھەققىدە بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالغان. ئوبۇلقاسىم بالا چۈشۈرۈشنى رەت قىلغان. بۇ سەۋەبتىن ئۇ ئەينى چاغدا بېرىلگەن ئىقتىسادىي جازانى تولۇق تۆلىگەن. بۇ قېتىمقى سوراقتا، ئۇ 10 يىل ئاۋۋالقى بالا چۈشۈرۈش بۇيرۇقىنى رەت قىلغانلىقىنى ئۆزىدىكى دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى دەپ ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

بىز ئوبۇلقاسىم داۋۇتنىڭ دېلوسىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، قەشقەر شەھەرلىك پىلانلىق تۇغۇت ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بۇ بۆلۈم خادىمى سۆزلىشىشىمىزنى تەۋسىيە قىلغان ئالاقىدار بىر خادىمدىن مەلۇمات سورىدۇق. ئۇ، ئوبۇلقاسىم داۋۇتنىڭ دېلوسىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت بىلەنمۇ ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوبۇلقاسىم داۋۇت ئەسلىدە پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بالىسى ئۈچۈن 10 يىلى ئاۋۋال جەرىمانە تۆلەپ بولغانىكەن، بۇ قېتىم ئوبۇلقاسىم مەزكۇر قىلمىشىنى دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى دەپ دەپ ئېتىراپ قىلغىنى ئۈچۈن، دائىرىلەر ئۇنىڭغا قايتىدىن 90 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغان. ئوبۇلقاسىم داۋۇتنىڭ ئايالى، بۇ جەرىمانىنى تۆلەش بىلەن جورىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى كۈتۈپ مەزكۇر جەرىمانىنى تولۇق تۆلىگەن بولسىمۇ، ئۇنى يەنىلا تۈرمىگە يوللىنىشتىن ساقلاپ قالالمىغان.

ئوبۇلقاسىم داۋۇت كېيىنكى ئىقرارىنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ «مەشرەپ ئويناپ جامائەت تەرتىپىنى بۇزۇش جىنايىتى» گە، «دىنىي ئەسەبىيلىك جىنايىتى» مۇ قېتىلىپ 17 يىللىق كېسىلگەن.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشى ئوبۇلقاسىم داۋۇتنىڭ نۆۋەتتە، قورغاس ناھىيەسىنىڭ قوشئېرىق تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى، ئەمما بۇ ئۇچۇر ساقچىلار تەرىپىدىن تېخى دەلىللەنمىدى.