ياۋروپا ئەللىرىدە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2022-01-04
Share

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە دەل بىر ئاي قالغان بۈگۈنكى كۈندە، يەنى 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى 40 دۆلەتتە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ھەم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشتىراكىدا بىرلەشمە نامايىشى ئېلىپ بېرىلغان. مەزكۇر نامايىشنى د ئۇ ق نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 200 گە يېقىن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇپ چىقىلغان «ئولىمپىككە قارشى كومىتېت» تەشكىللىگەن.

«ئولىمپىككە قارشى كومىتېت» نىڭ ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئېلان قىلغان چاقىرىقىغا بىنائەن، گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلار كېچىلەپ يول يۈرۈپ، پايتەخت بېرلىنغا يېتىپ كېلىپ 4-يانۋار سەھەر مەشھۇر براندېنبۇرگ دەرۋازىسى ئالدىغا توپلانغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەست´ئۇللىرى بۇ يەردە نۇتۇقلار سۆزلەپ، خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن.

نامايىشچىلار براندېنبۇرگ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۇزۇن سەپ ھاسىل قىلىپ، تاكى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسى ئالدىغىچە شوئار توۋلاپ يۈرۈش قىلغان. نامايىشچىلار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسى ئالدىدا كەلگەندە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە بۇ مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن توپلانغان 70 مىڭ كىشىلىك ئىمزانى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرىغا تاپشۇرغان. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى نامايىشچىلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ۋە بۇنى مىنىستىر ئاننالېنا بايېربوكغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربوك بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەنسىي فېسېر 29-دېكابىر ئۆزلىرىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقارغان شەخسىي قارارى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. نامايىشچىلار ئاننالېنا بايېربوكقا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۈگۈنكى نامايىشتا ئۇنىڭ رەسىمىنى لوزۇنكىلارغا بېسىپ كۆتۈرۈۋالغان ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئومۇميۈزلۈك دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلىشقان. د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۈگۈنكى بۇ نامايىش ھەققىدە بىزنى قىسقىچە مەلۇمات بىلەن تەمىنلىدى.

4-يانۋار كۈنى ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار كۆپرەك بولغان بەزى دۆلەتلەردىمۇ نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغان. نورۋېگىيەدىكى نامايىش توغرىسىدا د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى ئوسلودىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىش ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت