1-ئاينىڭ 29-كۈنى بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن بېلگىيە ئەركىن تىبەت جەمئىيىتى، بېلگىيە تىبەت جەمئىيىتى، خەلقئارا ئەركىنلىكنى قوغداش ئىتتىپاقى بىرلىكتە بېلگىيەنىڭ دىكىسمېيدى شەھىرىگە جايلاشقان، بېلگىيەنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا نەچچە ئونمىڭلىغان ئەسكەرلەر كۆمۈلگەن خاتىرە مەيدانىدا خىتاينىڭ 2022-يىللىق قىشىلىق ئولىمپىكىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلغان.
مەزكۇر نامايىشتا نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئاۋازلىرىنى ياڭرىتىپ، قەھرىمانلار مۇنارىنىڭ ئۈستىگە ئۆزلىرىنىڭ بايراقلىرىنى ئېسىش ئارقىلىق خىتاي ئولىمپىكىگە قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلمۇتەللىپ ئىمىر ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشنى ئۆتكۈزۈشىدىكى مەقسەت ۋە ئۆزلىرىنىڭ دىكىسمېيدتىكى مەزكۇر خاتىرە مەيدانىدا نامايىش ئۆتكۈزۈشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالدى.
بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى ئەكبەر تۇرسۇن ئەپەندىم بۈگۈنكى نامايىشنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغانلىقىنى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆز قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى دۆلەتلەرنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىش ئۈچۈن داۋاملىق ھەرخىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن.