نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇيغۇرئاي
2021-06-24
Share
نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 23-ئىيۇن.
RFA/Uyghur'ay

6-ئاينىڭ 23-كۈنى نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىشنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەشكىللىگە.

نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر نامايىشقا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىدىن باشقا نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتى ۋە نورۋېگىيە خوڭكوڭ كومىتېتى قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، نامايىش جەريانىدا ھەرقايسىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلغان.

بۇ نامايىش ئوسلودىكى نورۋېگىيە ئولىمپىك بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، جىددىي شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشقا نورۋېگىيەنىڭ يەرلىك خەلقلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان.

نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 23-ئىيۇن.

نامايىش باشلىنىش ئالدىدا نەق مەيداندىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى سەمەت ئابلا ئەپەندى نامايىش توغرىلىق تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

مەلۇم بولغىنىدەك، 1894-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى قۇرۇلغان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 1987-يىلىغا كەلگەندە 23-ئىيۇن كۈنىنى «خەلقئارا ئولىمپىك كۈنى» دەپ بېكىتكەن. شۇنىڭدىن بۇيان ھەر قايسى ئەللەردە ئولىمپىك كومىتېتلىرى بۇ كۈننى تۈرلۈك شەكىلدىكى پائالىيەتلەر ئارقىلىق خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

نامايىش جەريانىدا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بىلەن پەرھات ياقۇپ ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

بېيجىڭ دائىرىلىرى ساھىبخانلىق قىلماقچى بولغان 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى» دەپ ئاتىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنى بايقۇت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھەر قايسى ئەللەردە بىر تۇتاش ۋە كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت