ئۆمەر بېكئالى ۋە ئايالى روشەنگۈل: «ئىشەنچ ۋە مۇھەببەت ئائىلىمىزنى جەم قىلدى»

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان جازا لاگېرلىرىنىڭ ئىچكى سىرىنى تۇنجى بولۇپ دۇنياغا پاش قىلغان لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكئالى 3 يىلدىن بۇيان ئائىلىسى بىلەن تەكرار-تەكرار ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، جۇدالىق ۋە خاتىرجەمسىزلىك ئىچىدە ياشاپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۆمەر بېكئالى گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن بۈگۈن، يەنى 24-فېۋرال كۈنى ئاخىرى ئايالى روشەنگۈل ۋە 3 پەرزەنتى بىلەن جەم بولغان.

ئۆمەر بېكئالى 3 يىلدىن بۇيان ئائىلىسى بىلەن تەكرار-تەكرار ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇ خوتۇن-بالىلىرىنى ئۆزى تۈركىيەگە بېرىپ گوللاندىيەگە ئەكەۋالغان. 2021-يىلى 24-فەۋرال، گوللاندىيە.

ئۇلارنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۆمەر بېكئالىنىڭ ئائىلىسى ساق-سالامەت ھالدا تۈركىيەدىن گوللاندىيەگە يېتىپ كەلگەن.

ئەمدىلا ئايروپىلاندىن چۈشكەن ئۆمەر بېكئالى بىلەن ئايالى روشەنگۈل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «ئىشەنچ ۋە مۇھەببەت ئائىلىمىزنى جەم قىلدى» دېدى.

ئۇلار يەنە جۇدالىق ۋە ئايرىلىش ئازابلىرىدا ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئائىلىسى ھەمدە مىللىتىنى خىتاينىڭ زۇلۇملىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ئۈمىدىنى يوقاتماي ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.