شاھىتلارنىڭ 1988-يىلى يۈز بەرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشى توغرىسىدىكى ئەسلىمىلىرى
2021.06.15
بۇندىن 33 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىنى خىتاي ھاكىمىيىتى «15-ئىيۇن جېدەل چىقىرىش ۋەقەسى» دەپ ئاتىغانىدى.
بۈگۈن «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 1988-يىلى ئۈرۈمچىدە «مىللىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش» شوئارى ئاستىدا ئېلىپ بارغان نامايىشىغا دەل 33 يىل بولدى. بۇ نامايىش ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى لەرزىگە سېلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى قاتتىق چۆچۈتكەن ۋە تەسىرى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىغا يامرىغان بىر نامايىش بولغانىدى. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆز ۋاقتىدا بۇ نامايىشنى «15-ئىيۇن جېدەل چىقىرىش ۋەقەسى» دەپ ئاتىغان ھەمدە 3 ئاي داۋام قىلغان سوراق-سوئاللاردىن كېيىن بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىگەن دولقۇن ئەيسا، ۋارىس ئابابەكرى قاتارلىقلارنى مەكتەپتىن قوغلىۋەتكەنىدى.
دولقۇن ئەيسا ھازىر د ئۇ ق نىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. ۋارىس ئابابەكرىنىڭ 2019-يىلى 11-ئايدا خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىن قويۇپ بېرىلىپ، شۇ يىلى 24-نويابىر كۈنى نامەلۇم كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىدە قازا قىلغانلىقى مەلۇم بولدى.
«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ 1988-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى چىقارغان 148-نومۇرلۇق قارارىدا دولقۇن ئەيسانىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللەش جەريانى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان ۋە «شىنجاڭ داشۆنىڭ 15-ئىيۇن ۋەقەسىنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى» نىڭ «دولقۇن ئەيسانىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى بىكار قىلىش تەلىبى» گە بىنائەن ئۇنى مەكتەپتىن ھەيدەپ چىقارغانلىقى بايان قىلىنغان.
«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» تارقاتقان «شىنجاڭ داشۆنىڭ دولقۇن ئەيسانىڭ 15-ئىيۇن جېدەل چىقىرىش ۋەقەسىدە ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى قارارى» ناملىق ھۆججەتتە مۇنداق يېزىلىدۇ: «1988-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېچىلغان كېڭەيتىلگەن مۇدىرىيەت يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ داشۆ 15-ئىيۇن ۋەقەسىنى ئېنىقلاش ئىشخانىسىنىڭ ‹دولقۇن ئەيسانىڭ 15-ئىيۇن جېدەل چىقىرىش ۋەقەسىدە ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى پىكرى›گە قوشۇلۇپ، دولقۇن ئەيسانى ئوقۇش تەۋەلىكىدىن چىقىرىش قارار قىلىندى».
مەزكۇر قارارغا ئەينى زاماندىكى مەكتەپ مۇدىرى ھاكىم جاپپار ئىمزا قويغان، ھۆججەتكە ئۇنىڭ شەخسىي تامغىسى بىلەن مەكتەپ تامغىسى تەڭ بېسىلغانىدى.
1988-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىنى تەشكىللىگەن ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان شاھىتلارنىڭ بىر بۆلۈكى ھازىرمۇ مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ ئالدىنقى سېپىدا خىزمەت قىلماقتا. ئاتالمىش «15-ئىيۇن جېدەل چىقىرىش ۋەقەسى» نىڭ تەشكىللىگۈچىسى، ھازىرقى د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن بۇ ھەقتە توختالغاندا، 1985-يىلى يۈز بەرگەن «12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ تەسىرىدە 1987-يىلى ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ستۇدېنتلار پەن-مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» نى قۇرۇپ چىقىپ ئاقارتىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ۋە 1988-يىلى 15-ئىيۇن «مىللىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش» شوئارى ئاستىدا كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىنى باشلىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، بۇندىن 30 يىللار ئىلگىرى يۈز بەرگەن بۇ خىلدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە بۇ ئارقىلىق كېيىنكى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشنىڭ زۆرۈرىيەتلىرى توغرىلىقمۇ توختىلىپ ئۆتتى.
1985-يىلىدىكى «12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» ۋە 1988-يىلىدىكى ئاتالمىش «15-ئىيۇن جېدەل چىقىرىش ۋەقەسى» نىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىمدۇر. ئۇ بۈگۈن بۇ خۇسۇستا توختالغاندا: «بىز شۇ قېتىمقى نامايىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە، مۇستەقىللىققا بولغان ئىنتىلىشىنى، خىتاي مۇستەملىكىسىنى قوبۇل قىلمايدىغان ھۆر ئىرادىسىنى جاكارلىغان ئىدۇق» دېگەنلەرنى بايان قىلدى.
1987-يىلى قۇرۇلغان «ستۇدېنتلار پەن-مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» نىڭ ئەزاسى، 15-ئىيۇندىكى نامايىشنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى ھازىر نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرېشىت ئەپەندىدۇر. ئۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، 15-ئىيۇندىكى نامايىشنىڭ قوزغىلىشىغا ئوت پىلتىسى بولغان مىللىي كەمسىتىش ھادىسىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، «شىنجاڭ داشۆ 15-ئىيۇن ۋەقەسىنى ئېنىقلاش ئىشخانىسىنىڭ دولقۇن ئەيسانىڭ 15-ئىيۇن جېدەل چىقىرىش ۋەقەسىدە ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى پىكىرى» ناملىق بۇ ھۆججەت 10 بەتلىك خۇلاسە دوكلاتى بولۇپ، مەزكۇر «ئىشخانا» شۇ قېتىمقى نامايىشتىن كېيىن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى بىلەن بىرلىشىپ نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنى سوراق قىلىپ، 15-ئىيۇن نامايىشى توغرۇلۇق 200 بەتكە يېقىن ماتېرىيال تۇرغۇزۇپ چىققان. دولقۇن ئەيسا بىلەن ۋارىس ئابابەكرىلەرنى مەكتەپتىن قوغلىۋەتكەندىن سىرت، يەنە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى خىزمەت تەقسىماتىدا جازالىغان.