ئورخۇن توربېتىنىڭ ساھىبى، تارىخچى تۇرسۇنجان ھېزىم قايتىدىن مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەن
2025.01.21
ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كەڭرى تونۇلغان ئورخۇن تور بېتىنىڭ ساھىبى، تارىخچى تۇرسۇنجان ھېزىم 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر توربەتلىرىگە قارشى زەربە دولقۇنىدا 7 يىللىق كېسىۋېتىلگەن ۋە جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەنىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن داۋام قىلغان مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ساھەسىدىكىلەرگە قارىتا نۇقتىلىق زەربە دولقۇندا يەنە چەتتە قالمىغان. ئۇ، 2022-يىلىنىڭ ئاخىرى قايتىدىن كېسىلىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تارىخچى تۇرسۇنجان ھېزىم، 1973-يىلى ئاقسۇدا تۇغۇلغان، 1996-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەتكە چۈشكەن. تۇرسۇنجان ھېزىمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى دوستلىرىدىن بىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە تارىختىن ئىبارەت بۇ سەزگۈر ساھەنىڭ تېخىمۇ سەزگۈر تېمىلىرى ئۈستىدە كۆپ ئىزدەنگەن، ئىزدەنگەنلىرىنى جامائەت سورۇنلىرىدا ئورتاقلاشقان تۇرسۇنجان ھېزىم ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىن باشلاپلا، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۇنىڭ پېيىغا چۈشكەن. ئۇ شۇ ئوقۇغۇچى مەزگىلىدە بىرقانچە نۆۋەت قىسقا مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇلۇپ سوراق قىلىنغان. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى مەزگىلىدە ئۇيغۇر تارىخىي ھەققىدىكى پەرقلىق قاراشلىرى، ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسلۇبلىرى سەۋەبلىك يەنە دائىرىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ، دەرس مۇنبىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلغان ۋە مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتىقىنىڭ قوغداش خىزمىتىگە قويۇلغان. تۇرسۇنجان ھېزىم بىلەن ئىلگىرى ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدە تونۇشلۇقى بولغان، نۆۋەتتە ئامېرىكادىكى ئالەم تېخنىكىسى ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تۇرسۇنجان ھېزىم، ئىلمىي تەتقىقاتتىكى راستچىللىقى ۋە ھەقىقەتچىلىكى سەۋەبىدىن، كۆپ قېتىملاپ خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتا چەتكە قېقىلغان، ئەمما ئۇ بۇ چەتكە قېقىلىش ۋە ئۇزاقلاشتۇرۇشنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، تارىخ ئىلمىنى ئاساس قىلغان مول مەزمۇنلۇق «ئورخۇن» تور بېتىنى قۇرۇپ چىققان. 2005-يىلى قۇرۇلغان بۇ تور بەتتە ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت مەۋجۇت كىتاب ماتېرىياللارنىڭ كۆپىنچىسى ئارخىپلاشتۇرۇلغان. تور بەتتە تارىخىي يازمىلاردىن باشقا تەرجىمىلەر، مۇھاكىمىلەر ۋە مۇنازىرىلەرگىمۇ كەڭرى ئورۇن بېرىلگەن. ھۆكۈمەت تەتقىقات تورلىرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر ئورخۇن تور بېتىنى تارىخ ئىلمىنىڭ بىر سۈزۈك بۇلىقى سۈپىتىدە ياقتۇرغان. توربەتنىڭ مول مەزمۇنىدىن باشقا، مۇشتەرىلىرىنىڭ كۆپ بولۇشىمۇ، ئۇنىڭ 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر توربەتچىلىكىگە قارشى زەربە دولقۇنىدا، تور بەتنىڭ تاقىلىشى ۋە تۇرسۇنجان ھېزىمنىڭ 7 يىللىق كېسىلىشىگە سەۋەب بولغان.
تۇرسۇنجاننىڭ مۇھاجىرەتتىكى دوستلىرىدىن، ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇ جازا مۇددىتى توشۇپ بىر مەزگىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن؛ 2022-يىلى قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، يىل ئاخىرىدا مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى خادىمى، تۇرسۇنجان ھېزىم ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. ئاقسۇ شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ مەمۇرى خادىمى تۇرسۇنجان ھېزىم ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەردى. ئاخىرىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەكتەپ قوغداش بۆلۈمى خادىمى تۇرسۇنجان ھېزىمنىڭ مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەنلىكىنى ۋە نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە 3-تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مۇددەتسىز قاماق ئارقىلىق تۇرسۇنجان ھېزىمنى ئىللىق ئائىلىسىدىن، ئۇ سۆيگەن ئۇيغۇر ئەل-جامائەتتىن ئايرىۋېتەلىگەن، ئەمما ئۇ قۇرغان ئورخۇن تور بېتىنى تاقاش ئارقىلىق ئۇ ئارخىپلاشتۇرغان، ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئونمىڭلارچە، ئەڭگۈشتەر قىممىتىدىكى ماقالە ۋە كىتابلارنى يوق قىلىۋېتەلمىگەن. ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئالدىنقى يىلى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرى كۆپلىگەن تور بەتلەر قاتارىدا ئورخۇن تور بېتىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن زور بىر تۈركۈم ماتېرىياللارنىمۇ تاشلانغان ئەخلەت ئامبىرىدىن تېپىپ قۇتۇلدۇرۇپ قالغان. مەلۇم بولۇشىچە تۇرسۇنجان ھېزىم يەنە «ھونلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى» قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلغان ۋە بىر قىسىم ئىلمىي ماقالىلەرنىمۇ يازغان.
يۇقىرىدا ئورخۇن تور بېتىنىڭ ساھىبى، تارىخچى تۇرسۇنجان ھېزىمنىڭ ئىككىنچى قېتىم قايتىدىن كېسىلىپ مۇددەتسىز قاماققا تاشلانغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.