ئافغانىستاندا پاھىشىخانا ئېچىش ۋە پاھىشىۋازلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئەۋج ئالغان
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.05.19
2008.05.19
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئارقا كوچىلاردىكى پاھىشىخانىلاردا ئىشلەيدىغان بىر خىتاي پاھىشە، ھازىر كابۇلنىڭ ئۆزىدىلا 200 نەپەر خىتاي پاھىشە ئايال بارلىقىنى، گەرچە كابۇل ئانچە بىخەتەر بولمىسىمۇ ، پۇلنى ئوبدان تاپقىلى بولغاچقا بۇ يەردە تۇرۇشقا رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، كابۇل ساقچىلىرى بىرنەچچە پاھىشىخانىغا باستۇرۇپ كىرىپ ئۇلارنى تاقىۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما خوجايىنلار ساقچىلارغا پارا بېرىپ تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرىۋىرىدىكەن .
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايلار ئىگىدارچىلىقىدىكى بۇ پاھىشىخانىلارنىڭ خېرىدارى چەتئەللىكلەر بولۇپ، ئافغانلار ئاساسەن كىرگۈزۈلمەيدىكەن.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە يەنە، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىكلەر ھازىر ئافغانىستاندىكى بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان بىر ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن كېلىپ چىققان ئىكەن.