ئۇيغۇرلار مەسىلىدە سۈكۈتتىكى پاكىستاننىڭ كەشمىر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىشى تەئەججۈپ پەيدا قىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-08-09
Share
Imran-Khan-Xijinping.jpg پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان شى جىنپىڭ بىلەن بىرگە.
Social Media

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە يىللاردىن بېرى لام-جىم دېمىگەن پاكىستاننىڭ ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققانلىقى تەئەججۈپ پەيدا قىلدى.

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ھىندىستاننىڭ كەشمىردىكى «قانۇنسىز ھەرىكەتلىرى» نى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ھىندىستان ھۆكۈمىتى كەشمىرنىڭ ئالاھىدە ئاپتونومىيەسىنى بىكار قىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىغا توغرا كەلدى. 

ئۇ، بۇ ھەپتە يەنە پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرنىڭ پايتەختى مۇزاففاراباد شەھىرىدە بىر مارش تەشكىللەپ نامايىش قىلغان بولۇپ، يۈرۈشكە مىڭلىغان يەرلىكلەر قاتناشقان. 

ھالبۇكى، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە سۈكۈت قىلغان ئىمران خان كەشمىر مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىناۋىتىنى يوقاتقان. 

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىدا مۇنداق يېزىلغان: «خىتاينىڭ پاكىستانغا چېگرىلىنىدىغان شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتتىق باستۇرۇشقا ئائىت دۆۋە-دۆۋە ئىسپاتلار بار تۇرۇقلۇقمۇ ئىمران خان پاكىستاننىڭ ئۇزاق يىللىق ئىتتىپاقدىشىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى رەت قىلىپ كەلدى.»

خەۋەردە پاكىستاندىكى «سۈبھى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى ھۇما يۈسۈفنىڭ يازغانلىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سۈكۈت پاكىستاننىڭ كەشمىر مەسىلىسىگە ئارىلىشىش ئىناۋىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى.»

خەۋەردە يەنە ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ، ئىمران خاننىڭ ئىلگىرى بۇ ئىككى مەسىلىنىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، ئەمما بۇ خىلدىكى زېھنىيەتنىڭ ئۆزىنى «مۇسۇلمانلار ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ چېمپىيونى» دەپ كۆرسىتىش ئىستىكىدىكى پاكىستانغا مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 

بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكا ۋىلسون مەركىزى ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى مايكىل گۇگېلمان مۇنداق دېگەن: «پاكىستان تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمدە تۇتۇلۇشى كېرەك، چۈنكى ئۇ كەشمىر مۇسۇلمانلىرى، شۇنداقلا ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىغا شۇنچە جىق كۆڭۈل بولىدۇ ۋە سىياسىي بوشلۇقى بېرىدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە ھېچنېمە دېمەيدۇ.»

خىتاي پاكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقدىشى. خىتاي پاكىستانغا خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى تۇرى بويىچە 2012-يىلىدىن بۇيان جەمئىي 50 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان. 

نۆۋەتتە ھۇدسون ئىنستىتۇتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پاكىستاننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق سابىق ئەلچىسى ھۈسەيىن ھاققانىنىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستان خىتاينى ھىندىستانغا قارىشى ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچى، دەپ قارايدىكەن. شۇڭلاشقا پاكىستان بېيجىڭ دائىرىلىرىنى بىئارام قىلىدىغان ھېچقانداق سۆز-ھەرىكەتلەردە بولمايدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت