26-ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى چۈش ۋاقتىدا پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدىكى كاراچى ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرى ماشىنا بىلەن يۈرۈپ كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا يېقىنلاپ كېلىۋاتقاندا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. نەتىجىدە ماشىنا ئىچىدىكى ئۈچ نەپەر خىتاي ئوقۇتقۇچى ۋە پاكىستانلىق شوپۇر قاتارلىق تۆت كىشى ئۆلگەن، ۋەقەدە بىر خىتاي ئوقۇتقۇچى، پاكىستانلىق قوغدىغۇچىلار قاتارلىق تۆت كىشى يارىلانغان.
ئاخباراتلاردا، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور خۇاڭ گەيپىڭ قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ رەسىملىرى تارقىتىلغان.
كاراچى ساقچى باشلىقى ئابدۇرېھىم شىيرازى ئاخباراتلارغا بەرگەن باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىغا قارشى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى ئېلىپ بارغۇچى شارى بالوچ ئىسىملىك بىر ئايال كىشى بولۇپ، ئۇ بالوچىستان ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە ساھەسىدە ماگىستىرلىق ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ۋە دۆلەتكە تەۋە بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقانىكەن. شارى بالوچ بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ بىر قىز، بىر ئوغۇل ئىككى پەرزەنتنىڭ ئانىسى ئىكەن.
ھىندىستاننىڭ India Today ( بۈگۈنكى ھىندىستان) تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆزىنى «بالوچىستان ئازادلىق ئارمىيەسى» دەپ ئاتىغان تەشكىلات سىنتلىق بايانات ئېلان قىلىپ بۇ ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بالوچىستان ئازادلىق ئارمىيەسى تەشكىلاتىدىن ماجىد براگادىس ئېلان قىلغان مەزكۇر سىنتلىق باياناتتا، «ئۆز ۋەتىنى ۋە زېمىنىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن ۋە «خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ ئۇنىڭ گۇۋادار پورتى قاتارلىق بالوچىستان زېمىنىدىن دەرھال چىقىپ كېتىش» نى بىلدۈرگەن.
پاكىستاننىڭ «ئاج ت ۋ» قانىلى ئۆز تور بېتىدە تارقاتقان باياناتتا ماجىيد براگادىسنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن: «مەن يەنە شۇ تەكرارلايمەنكى، گوۋادار پورتى ۋە پۈتۈن بالوچىستان بالوچلارغا تەۋە، زېمىنىمىزنى قوغداش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز، ھەرىكەتلىرىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ، بىز ئۆز ساھىللىرىمىزنى قوغدايمىز، خىتاي بىزنىڭ روخسىتىمىزنى ئالماستىن بۇ يەرگە كەلگەن ۋە دۈشمىنىمىزگە ياردەم قىلغان».
ئۇ باياناتتا يەنە مۇنداق دېگەن: «ئەگەر خىتايلار پاكىستاننى تاشلاپ چىقىپ كەتمەيدىكەن، ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى يەنە داۋاملىشىدۇ، خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانى بالوچىستان زېمىنىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ».
ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىكى كۆزىتىش كامېراسىدىن ئېلىنغان كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئېلىپ ماڭغان ماشىنا يولدىن ئايلىنىپ ئۆتۈۋاتقاندا بىر ئايالنىڭ يول ياقىسىدىن ماشىنىغا يېقىنلاپ كېلىپ ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىۋاتقان سىن كۆرۈنۈشلەر ئاخباراتلاردا تارقىتىلغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 27-ئاپرېل كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كاراچى ساقچى ئىدارىسى تېررورلۇققا قارشى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى راجا ئۆمەر خەتتاب ئاخباراتلارغا بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىر ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسى ئىدى، بۇ ۋەقەدە ئىككى ئايال قاتارلىق ئۈچ چەتئەللىك ۋە بىر پاكىستانلىق ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ ۋەقە بىر ئايال كىشى تەرىپىدىن سادىر قىلىندى ۋە بىر بۆلگۈنچى تەشكىلات بۇ ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى، تەكشۈرۈش داۋام قىلىۋاتىدۇ، پات يېقىندا يىپ ئۇچى ئارقىلىق ئىز قوغلاپ ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلارنى قولغا چۈشۈرىمىز».
ساقچى باشلىقىنىڭ ئاخباراتلارغا بىلدۈرۈشىچە بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ قارالغان گۇمانلىق بىر كىشى تۇتقۇن قىلىنغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ھازىرچە مەخپىي تۇتۇلغان.
پاكىستان «ئارى نېۋىز» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستان ساقچىلىرى ھوجۇمچى شارى بالوچنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ ئۇنىڭ يولدىشى بەشىر بالۇچنى تۇتقۇن قىلغان.
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رانا سانائۇللاھ خان ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا بۇ ۋەقە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «بۇ ۋەقەنى پاكىستان-خىتاي دوستلۇقىغا ھۇجۇم قىلىندى» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ۋە «پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ تېررورچىلارنى يوقىتىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
بى بى س ئوردۇچە بۆلۈمنىڭ 27-ئاپىرىلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شىرىف بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلىپ، كاراچىدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن، ئۇ بۇ ۋەقەدە خىتاي پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانلارنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە، «بۇ قورقۇنچلۇق تېررورلۇق ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى»، «جاۋابكارلارنى تېپىپ چىقىپ جازاغا تارتىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
پاكىستان دۇنيا خەۋەر (Dunya News) تېلىۋېزىيە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف خىتاينىڭ ئىسلام ئابادتىكى باش ئەلچىخانىسىغا بېرىپ باش ئەلچى بىلەن ئۇچراشقان ۋە بۇ ۋەقەدىن قايغۇرغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
پاكىستاندا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەر تۈرلۈك كۆز قاراشلاردا بولدى.
پاكىستاننىڭ «مەشرىق تى ۋى» نامدىكى تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ تور بېتىدە، كاراچىدا يۈز بەرگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك 29-ئاپرېل كۈنى پاكىستانلىق تەتقىقاتچى ھەيدەر جاۋىد سەيىد ئەپەندىنىڭ «كاراچى پاجىئەسى-دۆلەت ئۈچۈن ئويلىنىش پەيتى» دېگەن تېمىدىكى ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ماقالىدە مۇنداق دېگەن: «شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، كىشىلەرنىڭ دۆلەتكە بولغان نارازىلىقى بار، ئەمما سىياسىي كۈرەش ياكى قوراللىق ھەرىكەت شىكايەت ۋە مەھرۇملۇقنى تۈگىتىشنىڭ توغرا يولىمۇ؟ بىزنىڭچە، سىياسىي كۈرەش توغرا يول. قوراللىق ھەرىكەتتىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەر پەقەت ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ، زۇلۇم ۋە مەھرۇملۇقنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن زوراۋانلىققا مۇراجىئەت قىلىش توغرا ئەمەس».
ئۇ ماقالىدە يەنە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياشلارنىڭ ئاشقۇن تەشكىلاتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مائارىپنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق يازغان: «زامانىۋى مائارىپ ئاپپاراتلىرىدا تەربىيەلەنگەن يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشىلەر نېمە ئۈچۈن ئاشقۇن تەشكىلاتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ۋە توغرا بولمىغان يولنى تاللايدۇ؟ بۇ ۋەقە يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشىنىڭ تۇنجى قېتىم تېررورلۇققا ئارىلىشىشى ئەمەس. ئىلگىرى، ‹سافورا گوت پاجىئەسى›گە ئالىي مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن ياشلارمۇ قاتناشقانىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز ۋە دۆلەت ئۈچۈن مائارىپنى قايتىدىن ئويلىنىش پەيتى كەلدى».
پاكىستاندىكى ۋەزىيىتى، جۈملىدىن پاكىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى يېقىدىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ھەم ئۇزۇن يىل پاكىستاندا ئوقۇغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ ھەقتە پىكىر-قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، مەزكۇر ۋەقەنى خىتاينىڭ پاكىستاندىكى كۈنسايىن ئېشىۋاتقان تەسىرى بىلەن باغلاپ تەھلىل قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، پاكىستاننىڭ بەزى سىياسىيونلىرى، تەتقىقاتچىلىرى ۋە ژۇرنالىستلىرىنىڭ پاكىستاننىڭ خىتاينىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئاساس قىلغان مۇناسىۋەتلىرىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى يېزىۋاتقانلىقىنى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا خىتايغا قارشى نارازىلىق ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى تەسىرلىرى مەسىلىسىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بالوچىستان خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بالوچىستاننى پاكىستاندىن مۇستەقىل قىلىش ئۈچۈن ھەم قوراللىق ھەم سىياسىي ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنىڭ بالوچىستان خەلقىگە ھېچ قانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، بەلكى پاكىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى ئارقىلىق پاكىستان تېخىمۇ كۈچلىنىپ كەتسە بالوچىستان خەلقى ئۈچۈن بىر چوڭ تەھدىت بولىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن بالوچىستانلىقلارنىڭ ھەم خىتايغا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن پاكىستاندىكى پارتىيە-گۇرۇھلار ئىچىدە پاكىستان ئىسلام پارتىيەسى ئۆز ئىنكاسىنى بىلدۈردى. پاكىستان ئىسلام پارتىيەسى رەئىسى سىراجىل ھەق، تەزىيە بىلدۈرۈپ خىتاي ئەلچىسىگە ئوچۇق خەت يازغان بولۇپ، ئۇ خەتتە ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقەگە نىسبەتەن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي بىلەن پاكىستان مۇناسىۋىتىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بىر كۈشكۈرتۈش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل ۋەقەلەرگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن، پاكىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سىراجۇل ھەقنىڭ تىۋىتتېردىكى باياناتىنىڭ ئاستىغا نۇرغۇن نارازىلىق ئىنكاسلىرىمۇ يېزىلغان بولۇپ، بەزى پاكىستانلىقلار، پاكىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەكلىكىنى بايان قىلغان.
«دۇنيا بۈگۈن» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «پاكىستان ۋەقە ئۈستىدىن تىزدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنى دەرھال قولغا ئېلىشى كېرەك، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قېنىنى بىكارغا تۆكمەسلىك كېرەك، ھۇجۇمنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى كىشىلەر چوقۇم بەدەل تۈلەيدۇ».
پاكىستان «ئېكىسپرىس» تاراتقۇسىنىڭ 29-ئاپرېل كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كاراچىدا خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىغا قارشى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئوقۇغۇچىلار قوللىرىدا پاكىستان ۋە خىتاي بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا، پاكىستان-خىتاي دوستلۇقى ياشىسۇن دېگەندەك شوئار توۋلىغان.