خىتاي، ئۇچتۇرپاندا دېھقانلارغا مەجبۇرىي پەمىدۇر تېرىتقان ۋە مەھسۇلاتىنى سىرتقا سېتىشنى چەكلىگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2025.02.04
ئۇيغۇر رايونىدا شوخلا (پەمىدۇر) ھوسۇللىرىنىڭ يىغىۋېلىنغان كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 12-سېنتەبىر، بورتالا.
XINHUA/Gou Lifeng

ئاقسۇ ئۇچتۇرپانغا قىلغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، تېلېفونىمىزنى تاسادىپىي قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىم نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، ئۇچتۇرپاندا دېھقانلارنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئاشلىقنى كۆپ تېرىمايدىغان، ئۇنىڭ ئورنىغا كۆكتاتنى، بولۇپمۇ پەمىدۇرنى كۆپلەپ تېرىيدىغان بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. دېھقانلارنىڭ كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشتىن پايدا ئالالمايۋاتقانلىقى ۋە داۋاملىق قاقشايدىغانلىقىنى ئېيتقان بۇ خادىم، دېھقانلارنىڭ قاقشاپ تۇرۇپ يەنە نېمە ئۈچۈن تەكرار پەمىدۇر تېرىيدىغانلىقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ئۇچتۇرپاندا تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن كۆكتاتقا مەركەزلەشكەنلىكى ھەققىدە ئالاقىدار خادىملاردىن مەلۇمات سورىدۇق. بەزى خادىملار، كۆكتات تېرىلسا، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىر قىسىم چىقىملىرى، جۈملىدىن پارنىك، ئۇرۇق ۋە ئوغۇت چىقىملىرى ئۈچۈن بانكىدىن قەرز بېرىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالسا؛ يەنە بەزىلەر، مەھسۇلاتلارنىڭ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تارمىقىدىكى شىركەتلەر تەرىپىدىن بىر تۇتاش سېتىۋېلىنىدىغانلىقى، بۇنىڭ يېزىدىكى دېھقانلار ئۈچۈن قولايلىق بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئۇچتۇرپاننىڭ ئاقتوقاي يېزىسىدىكى بىر كەنت ساقچىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يېزىلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئەمما «بىر ئوچۇم كىشىلەر» نىڭ بۇ ئەۋزەللىكنى بىلمەستىن، بەزىدە كەنت كادىرلىرى ۋە بەزىدە شىركەت خادىملىرى بىلەن جېدەل قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ بۇ جېدەللەرنىڭ سەۋەبلىرىگە ئىزاھات بېرىش داۋامىدا، ئۇچتۇرپاندا ئاھالىلەرنىڭ 5-6 يىلدىن بۇيان پەمىدۇر تېرىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە مەزكۇر جېدەللەرنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدىكى ئىزاھاتىدا، دېھقانلار بىلەن ناھىيەدىكى مەلۇم بىر شوخلا زاۋۇتى ئارىسىدا سېتىش-سېتىۋېلىش توختامى بارلىقى، بەزىدە پەمىدۇرلارنىڭ ۋاقتىدا سېتىۋېلىنمايدىغانلىقى، نەتىجىدە پەمىدۇرلارنىڭ ئېتىزدا ياكى ۋە ئامباردا سېسىپ كېتىدىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ جىددىيلىشىپ جېدەل چىقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دېھقانلار پەمىدۇرلىرىنى بەزىدە بۈگۈر قاتارلىق جايلاردىكى بازارلارغا ئاپىرىپ سېتىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ئەمما ئۇچتۇرپاندىكى دائىرىلەر بۇنىڭغا رۇخسەت بەرمەيدىكەن.

مەزكۇر خادىم، ئۇچتۇرپاندىكى ئۇ زاۋۇتنىڭ ئېنىق ۋە تولۇق نامىنى دەپ بېرەلمىدى. توردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇچتۇرپاننىڭ ئاقتوقاي يېزىسىدا «ئۇچتۇرپان مېۋە ۋە كۆكتات مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتى» نامىدا بىر زاۋۇت بار بولۇپ، بۇ زاۋۇت خىتايدىكى جۇڭلياڭ مېۋە ۋە كۆكتات مەھسۇلاتلىرى نامىدىكى چوڭ بىر خەلقئارالىق شىركەتكە تەۋە ئىكەن. ئاقتوقاي يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىم، ئاقتوقاي يېزىسىدا بىرلا شوخلا زاۋۇتى بارلىقى، ئۇنىڭ رەسمىي نامىنىڭ «ئۇچتۇرپان مېۋە ۋە كۆكتات مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتى» ئىكەنلىكى، بۇ زاۋۇتنىڭ ئاساسلىقى پەمىدۇر قىيامى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئامېرىكىدىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىۋاتقان خەلقئارادىكى ماركىلىق يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى ئارىسىدا پەمىدۇر قىيامىنىڭمۇ بارلىقى تىلغا ئېلىنغانىدى. 2024-يىل 12-ئايدا، ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى (BBC) ئەنگىلىيە ۋە گېرمانىيە بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان ئىتالىيە پەمىدۇر قىيامىنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىغان پەمىدۇرلاردىن كەلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانىدى. يېڭى زېلاندىيەدىكى ‹ستۇف› (Stuff) گېزىتىمۇ يېڭى زېلاندىيەدىكى داڭلىق پەمىدۇر قىيامى ھېنز ۋاتتې (Heinz Wattie) نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.