ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق «خەلقئارا سېكۇلار (دىندىن خالىي) ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى» 15-ئۆكتەبىر ئاخىرلاشتى. 10-ئۆكتەبىر باشلانغان بۇ پائالىيەتتە ھەر خىل تېمىلاردا لېكسىيە ۋە كۇرسلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەتكە قاتناشقان ياشلارنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، «ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە مۇستەملىكىچىلىك» تېمىسىدىكى لېكسىيە ياشلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان.
جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتى ۋە پارىژ ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوكتورانتى، ئۇيغۇر ناۋايلىقى ھەققىدىكى تەتقىقات بىلەن تونۇلغان لېئو مايلېت (Leo Maillet) ئەپەندى بىلەن ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دىلنۇر رەيھان خانىم تەرىپىدىن بېرىلگەن بۇ لېكسىيە پائالىيەتنىڭ ئىككىنچى كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ،
لېئو مايلېت ئەپەندى دۇنيا مۇستەملىكە تارىخى ۋە ئۇيغۇر مۇستەملىكە تارىخىنى بايان قىلغان بولسا، دىلنۇر رەيھان خانىم بولسا مۇستەملىكىچىلىك بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرگەن.
لېئو مايلېت ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن لېكسىيەمنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا مۇستەملىكىچىلىك ۋە مۇستەملىكىچىلىكنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا قانداق قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە توختالدىم. مۇستەملىكىچىلىك بىلەن ئىشغالىيەتنىڭ پەرقى بار. يەنى ئىشغال قىلىۋېلىش جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەمما مۇستەملىكىچىلىك ھەمىشە مۇستەملىكە قىلىنغان جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىدۇ. مەن مۇشۇ ئۇقۇمنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تىرىشتىم. مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى ئالىملارنى ئىشلىتىش ئارقىلىقمۇ قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسەتتىم. ئۇيغۇرلارغا كەلسەك، ئۇ يەردە ئالىملارنى مۇستەملىكە قىلىنغان جەمئىيەتكە قارشى ئىشلىتىش ئەھۋالى يۈز بەردى. يەنە بىرسى، مۇستەملىكىچىلەر مۇستەملىكە قىلىنغان مىللەتنى تۆۋەن كۆرسىتىدۇ، جەمئىيەت ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى جار سالىدۇ. مەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تارىخىغا تەتبىقلىشى ئۈچۈن بۇ ئۇقۇملار ھەققىدە ئالاھىدە توختالدىم».
دىلنۇر رەيھان خانىم ئۆزىنىڭ لېكسىيەسىدە توختالغان مۇستەملىكىچىلىك بىلەن ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى بايانلارنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
لېئو مايلېت ئەپەندى ئۇيغۇر ناۋايلىقى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى لېكسىيەسىدە يەنە ئۇيغۇر ناۋايلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نانغا ئامراقلىقىنى خىتاينىڭ سىياسىي جەھەتتە قانداق سۇيىئىستېمال قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن ياشلارغا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نان مەدەنىيىتىنى ئىگىلىۋالغانلىقى، مەدەنىيەت ۋە سىمۋوللۇق مەنىدىلا ئەمەس، بەلكى ناھايىتى كونكرېت ۋە ماددىي جەھەتتىن قانداق شەكىلدە ئۆزىنىڭ قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتىم. يەنى نان زاۋۇتى قۇرۇش ۋە ناۋايلارنى مەركەزلەشتۈرۈشكە ئوخشاش ئۇسۇللارنىڭ نان مەدەنىيىتىگە بولغان تەسىرىنىڭ قانچىلىك ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتىم. بۇ يېڭى زاۋۇتلار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن تېخىمۇ كۆپ بايلىق ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردىم. شۇڭلاشقا مەن بۇنى ئاتالمىش نان مەدەنىيىتى سانائەت باغچىسىنى مىسال كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر مۇستەملىكىسى، ھەم بايلىق قېزىش مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقنى كۆرسىتىپ ئۆتتۈم.»
دىلنۇر رەيھان ئاخىرىدا نېمىشقا مۇستەملىكىچىلىك تېمىسىنى ياشلارغا بىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دىلنۇر رەيھاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، «خەلقئارا سېكۇلار (دىندىن خالىي) ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى» پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى پارىژ شەھىرى 19-رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، قالغان كۈنلىرىدىكى بارلىق پائالىيەتلەر 20-رايونلۇق ھۆكۈمەت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن پارىژغا جەم بولغان 70 كە يېقىن ئۇيغۇر ياش بەش كۈن جەريانىدا ئىككى چوڭ لېكسىيە ۋە ئوندىن ئارتۇق كۇرسقا قاتناشقان.