فرىدىرك فولمان: «پەرھات تۇرسۇن ئەدەبىيات ئەركىنلىكى ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن كۈچلۈك بىر ئاۋاز»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2022.10.06
فرىدىرك فولمان: «پەرھات تۇرسۇن ئەدەبىيات ئەركىنلىكى ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن كۈچلۈك بىر ئاۋاز» شېۋىتسىيە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تۈرمىدىكى يازغۇچىلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىرىدىرك فولمان(Fredrik Fällman) پەرھات تۇرسۇننىڭ «تۇخولىسكي ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىماقتا. 2022-يىلى 30-سېنتەبىر.
RFA/Azigh

خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن شىۋېتسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ «تۇخولىسكي ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

پەرھات تۇرسۇن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، پەرھات تۇرسۇننىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 16 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغانىدى.

شىۋېتسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى 30-سېنتەبىر بايانات ئېلان قېلىپ، «ئەدەبىيات ئەركىنلىكىنىڭ كۈچلۈك ئاۋازى» بولغان پەرھات تۇرسۇننىڭ بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا پەرھات تۇرسۇنغا: «1990-يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يېڭى بىر ئەدەبىيات-سەنئەت ئېقىمى ياراتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم مودېرنىست يازغۇچىسى» دەپ باھا بېرىلگەن.

شىۋېتسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تۈرمىدىكى يازغۇچىلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىرىدىرك فولمان(Fredrık Fällman) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ پەرھات تۇرسۇننىڭ بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈنۈشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«تۇخولىسكي مۇكاپاتى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، تەھدىتكە ئۇچرىغان ياكى سۈرگۈن قىلىنغان ئاپتور ياكى نەشرىياتچىلارغا بېرىلىدۇ. پەرھات تۇرسۇن 16 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. پەرھات تۇرسۇن ئەدەبىيات ئەركىنلىكى ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن كۈچلۈك بىر ئاۋاز. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرھات تۇرسۇن بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشقا ھەقلىق».

شېۋىتسىيە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تۈرمىدىكى يازغۇچىلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىرىدىرك فولمان(Fredrik Fällman) پەرھات تۇرسۇننىڭ «تۇخولىسكي ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىماقتا. 2022-يىلى 30-سېنتەبىر.

پەرھات تۇرسۇننىڭ «چوڭ شەھەر» ناملىق رومانى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنغاندىن كىيىن، خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغان بولۇپ، «ۋول-سىترېت ژۇرنىلى»، «نيۇ-يورك ۋاقتى»، «ئىقتىسادشۇناس» قاتارلىق دۇنيانىڭ ئەڭ داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە مەخسۇس خەۋەرلەر ۋە ئوبزورلار ئېلان قىلىنغانىدى.

فىرىدىرك فولمان زىيارىتىمىز داۋامىدا پەرھات تۇرسۇن ھەققىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «پەرھات تۇرسۇن تىل بىلەن ئەدەبىي تەجرىبە ئېلىپ بارغان مۇھىم مودېرنىست يازغۇچىلارنىڭ بىرى.

ئىجتىمائىي ئۆلچەم ۋە ئەنئەنىۋى چەكلىمىلەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلغانلىقى، ھەق ۋە ھوقۇقلىرىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكى مۇھىم بىر ئامىل. ئۇنىڭ شېئىرلىرى، ھېكايىلىرى، رومانلىرى، قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبىلىرى پەۋقۇلئاددە ۋە كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. ئۇ، ئىنسانلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنىڭ رەسىمىنى سىزغان».

شىۋېتسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پەرھات تۇرسۇننىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش جەريانى ۋە مۇكاپاتنىڭ پەرھات تۇرسۇنغا بېرىلگەنلىكىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.

«تۇخولىسكي» مۇكاپاتى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ياكى سۈرگۈنگە مەجبۇرلانغان يازغۇچى ياكى نەشرىياتچىلارغا بېرىلىدىغان بىر مۇكاپات بولۇپ، ئەدەبىيات ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىش ۋە سىياسىي زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش جەھەتتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى بۇ يىل 15-نويابىر كۈنى سىتوكھولمدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.