پەيزىۋاتنىڭ ئالمىباغ دېگەن يېرىدە بىر «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ ھېلىھەم بارلىقى ئاشكارىلاندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2023.08.09
19 ياشلىق ئىبراھىم قاسىمنىڭ ئۆلۈۋېلىشتىن بۇرۇن بىر مەزگىل چەتئەلگە قېچىشقا ئۇرۇنۇپ باققانلىقى ئاشكارىلاندى لوپ ناھىيەسىدىكى 4-يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى تۇتقۇنلار سىياسىي ئۆگىنىشتە. 2017-يىلى مارت، خوتەن.
bitterwinter.org

  ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى شۆھرەت زاكىر، 2019‏-يىلى دېكابىردا بېيجىڭدا ئېچىلغان بىر ئاخبارات يىغىنىدا «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىكى «ئوقۇغۇچىلار» نىڭ ئاساسەن دېگۈدەك مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۈستىدىن جازا ھۆكۈمى چىقىرىلغانلىقى ۋە ئۇلار تۇرۇۋاتقان لاگېرلارنىڭ ۋىۋىسكىسىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇپ تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقى، ئەمما بىر قىسىم لاگېرلارنىڭ يەنىلا تەربىيەلەش مەركىزى نامىدا ماڭدۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. بىرقانچە ئاي ئاۋۋال ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىر مۇخبىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھېچبىر يېرىدە لاگېر ئۇچراتمىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا لاگېرلارنىڭ ئورنى ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات سۈرۈشتە قىلدۇق.

 ئۆتكەن ھەپتە چەتئەلدە ياشايدىغان، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان پەيزىۋاتلىق مۇھاجىرلاردىن بىرى يۇرتىدىكى بىر لاگېردا تاماق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكى ۋە لاگېر خادىملىرىنىڭ ئاھالىلەردىن يېمەكلىك توپلىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. پەيزىۋاتقا قارىتا تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، مەزكۇر ئاچلىق ۋەقەسى دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، لېكىن پەيزىۋاتنىڭ ئالمىباغ دېگەن يېرىدە بىر لاگېرنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇتلۇقى ئاشكارىلاندى. پەيزىۋات بازارلىق ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ يېقىندا بىر تۇتقۇن ئائىلە تاۋابىئاتىنى مەزكۇر لاگېرغا ئاپىرىپ لاگېردىكى ئائىلە ئەزاسى بىلەن ئۇچراشتۇرغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئالمىباغدىكى لاگېر پەيزىۋات ناھىيە ئىچىدىن10-12 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا ئىكەن.

 خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 8 ‏-ئاۋغۇستتىكى بىر خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىرغا قەدەر 1 مىليون 932 مىڭ ئادەم قېتىم كەسپىي تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە 1 مىليون 500 مىڭدىن ئىبارەت يىللىق پىلاننىڭ %128 ئورۇندىلىپ بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە يەنە ھازىرغا قەدەر 300 مىڭ 800 ئەمگەك كۈچى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ %65 ئورۇندىلىپ بولۇنغانلىقى بايان قىلىنغان.

 مەزكۇر خادىم ئالمىباغدىكى لاگېردا قانچىلىك كىشى بارلىقى ۋە قانداق باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىگەن بولسىمۇ، بۇ مەركەزدىكى «ئوقۇغۇچىلار» نىڭ ئۆيىگە قايتالمايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا بىرقانچە ئىشىكتىن ئۆتۈپ كىرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، بۇ مەركەزنىڭ خىتاينىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە پەردازلانغاندەك، كەسىپ-ھۈنەر ئۆگىتىدىغان جاي ئەمەسلىكى، ئەكسىچە بىر جازا لاگېرى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

 ئۇ يەنە بۇ لاگېردا خىتاي تىلى ۋە سىياسىي ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر خادىم ئىلگىرى بۇ لاگېرغا تۇتقۇنلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە لاگېرنىڭ ئىچىدىكى كونكرېت ئەھۋاللار ھەققىدە ئۆزلىرىگە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئۆزلىرىدىنمۇ سىر تۇتۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

 ئىلگىرىكى ئېنىقىلاشلىرىمىزدا، تۈرمە ۋە لاگېردىكىلەرنىڭ ئائىلىسى بىلەن كەنت ئىشخانىسى ياكى ئەدلىيە ئىدارىسىدە ئېكران ئارقىلىقلا كۆرۈشتۈرۈلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان. مەزكۇر خادىم قانداق بىر زۆرۈرىيەت بىلەن تۇتقۇن ئائىلە تاۋابىئاتىنى لاگېردا يۈز كۆرۈشتۈرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

 ئۆتكەن ئايدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىمۇ مارالبېشىنىڭ ناھىيە بازىرى ئىچىدە ۋە كورلا شەھىرىنىڭ كونا بازار دېگەن يېرىدە بىردىن لاگېر بارلىقى دەلىللەنگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.