ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت تەدبىرلىرى يېقىنقى ھەپتىلەردىن بېرى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى.
بەزى ئورگانلار بۇ تەدبىرلەرنى تىپىك بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋاسىتىسى دەپ ئەيىبلىسە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ تەدبىرلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ياكى زىيىنىنى ئىنكار قىلماقتا.
بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونى ئۇلانغان ئۇيغۇر رايوندىكى بىر ئون ئائىلە باشلىقى، ئۆزىنىڭ ئاكتىپ بىر پىلانلىق بىر تۇغۇت تەشۋىقاتچىسى بولۇش بىلەن بىرلىكتە، پىلانلىق تۇغۇت تەدبىرلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى پاكىتلىرى بىلەن ئاشكارىلىدى.
ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېقىنقى 3 يىللىق نوپۇس ستاتىستىكىسىدا ئۇيغۇر نوپۇسىدا تىك سىزىقلىق چۈشۈش كۆرۈلگەنلىكى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى ۋە مۇتەخەسسىسلەر بۇ چۈشۈشكە، ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى 3 يىلدا قۇرۇلغان لاگېرلاردىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بېرى تېخىمۇ كۈچەيتىپ قوللىنىپ كېلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت تەدبىرلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاي تەرەپ بولسا، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ يېقىنقى 40 يىلدا 4-5مىليوندىن 11 مىليونغا يۈكسەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پىلانلىق تۇغۇت تەدبىرلىرىنىڭ زىيانكەشلىك رولىنى ئىنكار قىلماقتا. قورغاس ناھىيەلىك پىلانلىق تۇغۇت ئىدارىسى، پىلانلىق تۇغۇت تەدبىرلىرى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، ئۆزىنىڭ بۇ ئىدارىگە يېڭى كەلگەنلىكى؛ ئەمەلىي ئىجرائاتلاردىن تولۇق خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن، بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ۋە جاۋاب بېرىش سالاھىيىتى بار كىشىلەرنى سورىغىنىمىزدا، سۈيدۈڭ بازىرىدىكى بىر ئون ئائىلە باشلىقىنىڭ ئالاقە ئۇچۇرىنى تەمىنلىدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئون ئائىلە باشلىقى، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق بىر تەشۋىقات نەمۇنىچىسى ئىكەنلىكى، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى سەۋەبلىك كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغانلىقىنى بايان قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ئۆتكەن 30 يىلدا ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ، پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلغانلاردىن جەرىمانە توپلاشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان.
بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 57 ياشقا كىرگەن بۇ نەمۇنىچى، پىلانلىق تۇغۇتنىڭ ئاكتىپ ئىجراچىلىرىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بۇ ئىجرائاتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلاردىن ئىكەن. دېيىلىشىچە، ئۇ، پىلانلىق تۇغۇت دورىسىنى ئۇدا 10 يىل ئىچكەن. 4 پەرزەنتىدىن ئىككىسىنىڭ ھايات ئىكەنلىكى، ئىككىسىنىڭ جان ئۈزگەنلىكىنى بايان قىلغان بۇ خادىم ئىككى پەرزەنتىنىڭ ئۆلۈشىدە ئىچكەن پىلانلىق تۇغۇت دورىلىرىنىڭ تەسىرى بار-يوقلۇقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. ئۆزىنىڭ ھېچقانچە زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بۇ خادىم «پەقەت» دورا ئىچىپ بىر يىلدىن كېيىن چېچى چۈشۈشكە باشلىغانلىقى ۋە ئاخىرىدا بېشىدا بىر تۇتامغا يەتمەيدىغان چاچ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە يېگەن پىلانلىق تۇغۇت دورىلىرىنىڭ تەسىرىدە ھېيىز ئادىتىنىڭ 40 ياشتىلا توختاپ كەتكەنلىكى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىدە پەۋقۇلئاددە چېكىنىش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
پىلانلىق تۇغۇت دورىسىنىڭ تەسىرىدە چېچى تۆكۈلگەنلەردىن 40-50 چە كىشىنى بىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بۇ خادىم؛ ئوخشاش قىسمەتنىڭ قىزىنىڭ بېشىغىمۇ كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، قىزىنى 3 پەرزەنتلىك بولۇپ بولغاندىن كېيىن، پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراسىيەسى قىلغۇزىۋەتكەنلىكنى تىلغا ئالدى.
بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خادىم ئۆزىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت تەدبىرى سەۋەبىدىن چېچى چۈشۈپ كېتىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ كېتىش ۋە ئادىتى بالدۇر توختاپ كېتىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ زىيان-زەخمەتلەرنىڭ ھېچ بىرىگە نارازىلىق بىلدۈرمىگەن؛ ھەتتا پىلانلىق تۇغۇت دورىسىنى بۇيرۇغان دوختۇرلارغا دورىلىرىنىڭ سەلبىي تەسىرلىرى ھەققىدە مەلۇماتمۇ سۇنمىغان.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى بايانلاردىن مەزكۇر خادىمنىڭ، ھاياتى بويى ھېچ بىر ئىشتىن، ئۆزى ئۇچرىغان پىلانلىق تۇغۇت تەدبىرلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ھېچقاچان ۋە ھېچكىمگە شىكايەت قىلىپ باقمىغانلىقى مەلۇم؛ ئەمما بۇ شەرتسىز ئىتائەتنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ساداقەتتىن ياكى ئىشەنچسىزلىكتىن ئىكەنلىكى ۋە ياكى مەلۇماتسىزلىقتىن ئىكەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
0:00 / 0:00