پىلانلىق تۇغۇت قۇربانى: «پىلاندىن سىرت» تۇغۇلغان بوۋاق تىرىك بولسىمۇ ئۆلتۈرۈلگەن

0:00 / 0:00

«قۇسۇقۇمدىن چۈشۈرۈۋەتكەن بالام تۇغۇلغان بولسا، 15 ياشقا كىرىپ قالغان بولاتتى. . .» دەپ سۆزىنى باشلىدى، 2016-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن بۇمەريەم خانىم.

53 ياشلىق بۇمەريەم قەشقەر توققۇزاقتىن بولۇپ، 2003-يىلىنىڭ ئاخىرى 2004-يىلنىڭ باشلىرى 4-بالىسىغا ئېغىر ئاياغ بولۇپ قالغىنىدا قانچە يوشۇرۇپمۇ، پىلانلىق تۇغۇت كادىرلىرىنىڭ نەزىرىدىن قۇتۇلالمىغان. ئۇلارنىڭ ھەر خىل تەھدىتلىرى سەۋەبلىك، 5 ئايدىن ئاشقان ھامىلىسىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە مەجبۇر بولغان.

يېزا كادىرلىرى ۋە پىلانلىق تۇغۇت كادىرلىرى بىرلىكتە ئۇنى قەشقەر شەھەرلىك «ئانا-بالىلار ساقلىق ساقلاش دوختۇرخانىسى» دەپ ۋىۋىسكا ئېسىلغان ئورۇنغا ئاپىرىپ، كىندىكىگە ئوكۇل ئۇرۇپ سۈنئىي ئۇسۇلدا بالىسىنى چۈشۈرۈۋەتكەن ھەمدە دوختۇرخانىغا 200 يۈەن تۆلەتكەن.

بۇمەريەم خانىم بۇ ئېچىنىشلىق كۈننىڭ ئۆزىدە، باشقا يېزا، ناھىيەلەردىن ئېلىپ كېلىنگەن، 7-8 ئايلىق ئېغىر ئاياغ ھەتتا تۇغۇشقا بىر قانچە كۈنىلا قالغان ئۇيغۇر ئاياللار بىلەن بىر ياتاقتا ياتقانلىقىنى ئەسلەپ، «ئۇلارنىڭ ھالى مەندىنمۇ يامان ئىدى، ئۆزۈمنىڭ تارتقانلىرى بىر ياقتا قېلىپ، بالىسى تولۇق ۋاقتى توشۇپ تۇغۇلغان بولسىمۇ ئوخشاشلا ئۆلتۈرۈپ قولىغا بەرگەنلەرگە قاراپ چىدىماي يىغلاپ كەتتىم. . .» دەيدۇ

ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ تراگېدىيە ئۆمۈرلۈك ۋىجدان ئازابىدىن باشقا ئۇنى نۇرغۇن ئەگەشمە كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا قىلغان.

تۇغۇت دوختۇرى: دوختۇرخانىلاردا پىلاندىن سىرت بالىلارنى تىرىك قويماسلىق بۇيرۇقى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ

ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي شىپاخانىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمى ۋە باشقا دوختۇرخانىلاردا 15 يىل خىزمەت قىلغان تۇغۇت دوختۇرى خاسىيەت ئابدۇللا خانىمنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقىدىنمۇ پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەتتا تىرىك تۇغۇلغان ھالەتتىمۇ ئۆلتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.

خاسىيەت خانىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە ھەر قانداق دوختۇرخانىنىڭ مەخسۇس پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى بار بولۇپ، ئۇلار دوختۇرخانىغا كۆرۈنگىلى كەلگەن ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارخىپلىرىنى باشقۇرىدۇ ۋە پىلاندىن سىرت ياكى بەلگىلەنگەن ئارىلىقتىن قىسقا ۋاقىتتا ھامىلىدار بولغانلىرى بولسا، پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانا خادىملىرى ئوپېراتسىيە ئۈستىدە تۇرۇپ، ئۇ ئايالنىڭ ھامىلىسى قانچە چوڭ بولۇپ كەتكەن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر چۈشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، كېيىن دەرھال ئۈزۈك سېلىشتەك بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلدۇرىدۇ.

ئۈرۈمچىدىن تارقىتىلىدىغان «شىنجاڭ تورى» نىڭ 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سەككىز مىليوندىن ئوشۇق سۈنئىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىنىدىكەن، قايتىدىن بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش نىسبىتى% 55. 9 كە يەتكەن، سۈنئىي بالا چۈشۈرۈش بارغانسېرى نورماللىققا، ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. ئىككىلەمچى ھامىلىدار بولالمىغان بىمارلارنىڭ ئىچىدە% 88. 2 نىڭ ئىلگىرى سۈنئىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش تارىخى بار ئىكەن. ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق سۈنئىي بالا چۈشۈرگەن تۇنجى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ يەڭگىگەن ۋاقتىدا بالا ھەمراھى نورمالسىز بولۇشنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى %44. 2 كە يەتكەن.

ئۈرۈمچى تور خەۋەرلىرىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت بۆلۈمىدىكى مۇئاۋىن مەسئۇل ۋراچ چېن يەنچۈن، مەزكۇر تۇغۇت بۆلۈمىدە 25 يىل خىزمەت قىلغان بولۇپ ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھەر كۈنى بۇ دوختۇرخانىدا سۈنئىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرىدىغانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 30 ئەتراپىدا بولۇپ، كۆپ بولغان ۋاقىتلىرىدا 60 قا يېتىدىكەن. بۇلتۇر 11-ئاينى مىسال ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ بۆلۈم شۇ ئايدا جەمئىي 533 قېتىم بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلغان.

سابىق پىلانلىق تۇغۇت كادىرى: ھەر قايسى مەمۇرى رايون ۋە ئاساسىي قاتلاملارغىچە ئوخشاش مېخانىزم ئىجرا قىلىنىدۇ

گوللاندىيەگە كۆچۈپ كېلىشتىن ئىلگىرى يەنى، 1996-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېڭى شەھەر رايونلۇق ھۆكۈمەت، پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلغان شەھىدە يارمۇھەممەت خانىم شۇ ۋاقىتلاردىلا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ شىددەتلىك يولغا قويۇلغان مەزگىلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش تەرتىپىنى چۈشەندۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىشتا، شەھەر نوپۇسىغا 2، يېزا نوپۇسىغا 3 بالىدىن ئارتۇق ھامىلە بولغانلار ۋە ھەر بىر بالىسىنىڭ ئارىلىقى 3 يىلغا توشمىغانلارنىڭ ھەممىسى بىردەك پىلاندىن سىرت دېگەن سىياسەت بويىچە مەجبۇرىي چۈشۈرۈش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان.

ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئاساسىي قاتلام پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىلىرىنىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىدىغان مېخانىزم ئورنىتىلغان. ئاساسىي قاتلامدا ھەر بىر يېزا، كەنتلەرگىچە، شەھەرلەردە ھەر بىر ئولتۇراق رايون ھەتتا ھەر بىر بىنانىڭ پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرى بېكىتىلگەن، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى تۇغۇت يېشىدىكى ئۇيغۇر ئاياللارنى نازارەت قىلىش ۋە قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ئۆزىدىن يۇغۇرى پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرىغا دوكلات قىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىجرا قىلىنىشى داۋامىدا، ئاساسىي قاتلاملاردىكى پىلانلىق تۇغۇت ئىشىنى بېجىرگۈچى خادىملارنىڭمۇ ھامىلىدار ئۇيغۇر ئاياللىرىغا پەقەتلا باشقا تاللاش قويماي، ئۇلارنىڭ بالىسىنى چۈشۈرۈۋېتىشتەك ئەجەللىك ئۇسۇلنى رەھىمسىزلەرچە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى، رادىيومىزدا 2005-يىلى تارقىتىلغان خەۋىرىمىزدە، قەشقەردىكى بىر كەنت پىلانلىق تۇغۇت كادىرنىڭ بايانلىرىدىن ئاشكارىلانغانىدى.

ھامىلىدار ئايالى ۋە تۇغۇلۇش ئالدىدىكى بالىسىنى پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ساقلاش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن قېتىملىق نارازىلىق ۋە قارشىلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم ئىدى. بۇ مەريەم خانىم يۇرتى توققۇزاقتىمۇ ئاتىلارنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكەنلىرىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇلۇپ، بوۋاقلارنى قەتلىئام قىلىشنىڭ قاتتىق رەۋىشتە داۋام قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سوفېي رچاردسون: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قەبىھ جىنايىتىنى توختىتىشتا جازا يۈرگۈزۈشتىن باشقا تاللاش قالمىدى

«ئادرىيان زېنزنىڭ دوكلاتى ۋە يۇقىرىقىدەك ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىدىنمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە تەدبىرلىرىنىڭ بارغانچە غالجىرلىشىپ كىشىنى چۈچۈتىدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ» دەيدۇ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى مۇدىرى سوفېي رىچاردسون خانىم.

خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئارقىلىق خىتاي ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كەلگەن سوفېي خانىم، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھامىلىسىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈشتەك بۇ خىل رەھىمسىز سىياسەتنى توختىتىشتا جازالاش تەدبىرى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بىز شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇغۇش ۋە كۆپىيىشىنى چەكلەپ بالا چۈشۈرۈشنى مەجبۇرىي يولغا قويغانلىق جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلماي كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، مىليونلاپ ئۇيغۇرلارنى قامىغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىمۇ ئىنكار قىلىپ، شىنجاڭدا ھەممە ئادەم بەختلىك ياشاۋاتىدۇ دېگەن ھۆكۈمەتنىڭ دەل ئۆزى شۇ. ئەگەر ئۇلار ئېيتقاندەك ئۇ جايدا مەسىلە بولمىسا، نېمە ئۈچۈن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت بەرمەيدۇ؟ يېقىنقى كۈنلەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىق ۋە تەۋسىيەلەرگە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدىكى خىتاي ئەلچىلىرىنىڭ يېقىنقى جاۋابىمۇ ئوخشاش ئىنكار قىلىش بولدى. دېمەك ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ پاجىئەنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۇنىڭ پىلانلىق تۇغۇت كادىر ۋە دوختۇرلارغىچە ماگنىتسكي قانۇنى بىلەن جازالاشتىن باشقا تاللاش قويمىدى دەپ قارايمەن».