مايىك پومپىيو: ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىدىكى سۈركىلىش مۇستەبىتلىك بىلەن ئەركىنلىكنىڭ چىقىشالماسلىقى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.11.10
pompeo-speech.jpg ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەپەندى «نىكسون پرېزىدېنت كۇتۇپخانىسىدا» سۆزدە. 2020-يىلى 23 ئىيۇل.
AP

10-نويابىر رونالد رېگان ئىنستىتۇتى، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە مەركىزى ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسەتلىرى ئۈستىدە مەخسۇس يىغىن ئۇيۇشتۇرغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مايىك پومپىيو ئامېركانىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئامېرىكانىڭ قىممەت قارىشىغا تەھدىت بولۇۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسى ھەققىدە مەخسۇس توختالغان.

پومپىيو سۆزىدە، ئامېرىكانىڭ ھەر ۋاقىت ئەركىنلىك تەرىپىدە تۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ ئامېرىكانىڭ داۋاملىق ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ «خىتاي خىرىسى» ئالدىدا تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «كۈچلۈك بولۇش ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى ئەركىنلىكنىڭ بىرىنچى تەھدىتى بولغان خىتاي كومپارتىيەسىگە تاقابىل تۇرۇشىنىڭ ئاساسى. خۇشاللىنارلىق يېرى شۇكى، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولاللايدىغان ئەركىن دۆلەتلەر بىز تەرەپتە تۇرۇۋاتىدۇ. 40 يىلدىن بۇيان بىز نىشانىمىزنى يوقىتىپ قويدۇق. بېيجىڭ يۈرگۈزگەن سىياسەتلەرنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتتۇق، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ماھىيىتىنى بىلەلمىدۇق. ئۇلار نومۇسسىزلارچە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنى ئاياق ئاستى قىلدى. بىز ئىزچىل شۇنى تەكىتلەپ كەلدۇق، ئامېرىكا خىتايغا ئوخشاش خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە ھەرگىزمۇ بىر پارتىيىنىڭ قائىدىلىرىگە ئاساسلانمايدۇ. ئامېرىكا ئاددىي بولسىمۇ كۈچلۈك ئەركىنلىك خاراكتېرى بولغان، خەلقئارا سەھنىدە رول ئويناشنى خالايدىغان ھەر قانداق دۆلەتنى قوللايدۇ. بىز خىتاي ھاكىمىيىتىدىن خاتالىقىغا مەسئۇل بولۇش، ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇق. يەنە ئەمدى ئامېرىكانىڭ سودا-سانائىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ھەر قايسى ئورۇنلارغا ‹جاسۇس› كىرگۈزۈش، ئەقلى ھوقۇقنى ئوغىرلاش قاتارلىق قىلىمىشلارنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ قويدۇق.»

مايىك پومپىيو ئۆزى قاتناشقان ھەر قانداق يىغىن ۋە سۆھبەتلەردە ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ مەسىلىسىنى دائىم تىلغا ئالىدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ نۇقتىنى بۇ قېتىممۇ ئۇنتۇپ قالمغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سەل قارالماسلىقى كېرەك. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭ، تىبەت ۋە باشقا يەرلەردىكى باستۇرۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»

ئۇ يەنە ئۇرغۇلۇق قىلىپ مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلدى: «تىنچلىقنى قوغداش ئۈچۈن، بۇ خىرىسلار پەقەت دىپلوماتىك تىرىشچانلىقنىلا ئەمەس بەلكى ھەربىي كۈچنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ».

پومپىيو نۇتقى داۋامىدا ئۆزىنىڭ 30 ئايدىن بېرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولغانلىقىنى، زىيارەتلەردە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ماھىيىتى، ئاساسى نىيىتىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغانلىقى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ غالىب كېلىدىغانلىقى، ھەقىقەتنىڭ ھامىنى ئاشكارىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پومپىيو: «نۆۋەتتە خەلقئارا سىياسەتتە تارتىشىلىۋاتقىنى ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى پېتىشالماسلىق بولماستىن، بەلكى مۇستەبىتلىك بىلەن ئەركىنلىكنىڭ چىقىشالماسلىقى» ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

پومپىيو نۇتقى داۋامىدا رېگاننىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇشى بىلەن ھازىرقى تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھىيلە-مىكىرلىك سىياسەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشىنى سېلىشتۇرغان.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خىتاي كومپارتىيەسىگە تېخىمۇ كۈچلۈك تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن

ئۇ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: «بىز بارلىق خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىز ۋە بۇ خىرىسلانى يېڭىشىمىز كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ نىشانىغا ئىشىنىمىز كېرەك. قىممەت قارىشىمىزغا ئىگە چىقىشىمىز، ۋە ھايات ئۇسۇلىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك. چۈنكى بىز ئامېرىكالىقلارنىڭ ۋەدىسىگە شەكسىز ئىشىمىز. ئامېرىكانىڭ قۇرۇلۇش پىرىنسىپى ئۆزگىچە، كەلگۈسىگە بولغان ۋەدىسىمۇ ئالاھىدە. ئامېرىكانىڭ ئىچىدىلا ئەمەس ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارىسىدىمۇ ئامېرىكا يول باشلاپ ماڭالايدۇ. بىز بىرلەشسەك تېخىمۇ كۈچلىنىمىز. تېخىمۇ ئەركىن بولىمىز، ئىشەنچىمىز ئاشىدۇ. بىرلىكتە خىتاي خىرىسىغا تاقابىل تۇرالايمىز».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.