خىتاي ئىزدەۋاتقان «قاچقۇن جىنايەتچى» ماخمۇت مويدىننىڭ تۈرمىدىن قاچقانلىقى ئايدىڭلاشتى

0:00 / 0:00

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان خىتاينىڭ كورلا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا ئائىت بولغان بىر تۇتۇش بۇيرۇقىدا، ماخمۇت مويدىن ئىسىملىك بىر جىنايەتچىنىڭ قېچىپ يۈرىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ھەقتە ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەرگە 200 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بىرقانچە كۈندىن بېرى ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ماخمۇت مويدىننىڭ 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەن بىر مەھبۇس ئىكەنلىكى ۋە كورلادىكى بىڭتۇەننىڭ 29‏-تۈەن تۈرمىسىدىن قاچقانلىقى دەلىللەندى.

كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن 3‏-نويابىر كۈنى تارقىتىلغان مەزكۇر تۇتۇش بۇيرۇقىدا بۇ يىل 54 ياشقا كىرگەن «قاچقۇن جىنايەتچى» ماخمۇت مويدىننىڭ ئەسلىدە كورلانىڭ قارا يۇلغۇن يېزىسىغا نوپۇسلۇق ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئۇقتۇرۇشتا ئۇنىڭ «خەتەرلىك جىنايەتچى» ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قانداق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى بايان قىلىنمىغان؛ ئۇنىڭ قېچىپ يۈرىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغانۇ، قەيەردىن قاچقانلىقى بايان قىلىنمىغان. ئۇقتۇرۇشتا يەنە ئۇنىڭ ئۈستى-بېشى تەسۋىرلەنگەندە ئىچىگە مەھبۇس كىيىمى كىيگەنلىكى بايان قىلىنغان. شۇڭا بىز تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، ماخمۇت مويدىننىڭ قايسى تۈرمىدىن قاچقانلىقىنى نۇقتىلىق سورىدۇق.

كورلا تۆمۈريول ساقچىخانىنىڭ بىر خادىمى، كورلادا بىر قاچقۇن جىنايەتچىنى ئىزدەش ئوپېراتسىيەسىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارلىدى. مەزكۇر ساقچىخانىدىكى يەنە بىر خادىممۇ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر دېلودىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى.

كورلا بازارلىق ساقچىخانا خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر دېلو سادىر بولغىلى 10 كۈندىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما «جىنايەتچى» تېخىچە تۇتۇلمىغان.

يوقۇرىقى خادىملارنىڭ بايانلىرىدىن ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، دائىرىلەر مەزكۇر دېلو سادىر بولغاندىن كېيىن، دېلونى يەڭ ئىچىدە يىغىشتۇرۇشقا تىرىشقان، ئەمما مۇۋەپپەق بولالمىغان. شۇندىن كېيىن ئۇلار بۇ دېلونىڭ بىر قىسىم ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇر بولغان؛ ئاشكارىلىغاندىمۇ «جىنايەتچى» نىڭ نەدىن قاچقانلىقى قاتارلىق ھالقىلىق ئۇچۇرلارنى يەنىلا «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» قاتارىدا سىر تۇتقان.

ماخمۇت مويدىنغا چىقىرىلغان تۇتۇش بۇيرۇقى، 2022-يىلى 3-نويابىر
ماخمۇت مويدىنغا چىقىرىلغان تۇتۇش بۇيرۇقى، 2022-يىلى 3-نويابىر (Social Media)

تۇتۇش بۇيرۇقىدا، ماخمۇت مويدىننىڭ كورلانىڭ قارايۇلغۇن يېزا باغجىگدە كەنتىگە نوپۇسلۇق ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. بىز ماخمۇت مويدىننىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قارايۇلغۇندىكى ئالاقىدار خادىملارغا تېلېفون قىلدۇق.

قارا يۇلغۇندىكى بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ماخمۇت مويدىن «توپلىشىپ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەن ئىكەن. مەزكۇر خادىم، ماخمۇت مويدىننىڭ كورلادىكى 29 ‏-تۇەن تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى ۋە شۇ يەردىن قاچقانلىقىنى تىلغا ئالدى. دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە كورلادا 3 تۈرمە بار بولۇپ، بۇلاردىن ئىككىسى خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ 1‏-دىۋىزىيە 28‏- ۋە 29‏-تۇەنلىرىگە، يەنە بىرى بولسا، كورلانىڭ سانائەت تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان ئىكەن.

نۆۋەتتە ماخمۇت مويدىننى تۇتۇش ئوپېراتسىيەسىگە ھەمكارلىشىۋاتقان قارايۇلغۇندىكى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ بىر خادىمىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ توختىماي چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، ماخمۇت مويدىننىڭ ئەسلىدە 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەن بىر مەھبۇس ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ 29‏-تۇەن تۈرمىسىدىن قاچقانلىقىنى تەكىتلىدى. خىتاينىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىدا ماخمۇت مويدىننىڭ ئائىلە ئەھۋالى ھەققىدە ھېچنىمە دېيىلمىگەن.

يوقۇرىقى ئۇچۇرلاردىن ماخمۇت مويدىننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا 2017‏-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا تۇتۇلغانلىقى ۋە ئېغىر كېسىۋېتىلگەن ھەم تۈرمە ئىچىدىكى قاباھەتلىك ھاياتنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇشقا ئۇرۇنغان بىر مەھبۇس ئىكەنلىكى مەلۇم. ھالبۇكى، ئۇنىڭ تۈرمىدىن ئۆزى يالغۇز ياكى باشقىلار بىلەن بىللە قاچقانلىقى، شۇنداقلا قانداق قاچقانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.