لاگېردا ئۆلگەن قاھارجاننىڭ ئاچىسى: خىتايغا قارىتا ئېھتىياتچانلىقىمىز كارغا كەلمىدى، يۈرەك پارىمىزدىن ئايرىلدۇق

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.07.10
Qaharjan-qawul-tughqanliri.jpg قاھارجان قاۋۇلنىڭ ئاچىسى گۈلجامال خانىم(ئوتتۇرىدا ئاق كۆڭلەكلىك) ئانىسى تاجىگۈل خانىم(گۈلجامالنىڭ ئوڭ تەرىپىدە) تۈركىيەدىكى تۇغقانلىرى بىلەن بىللە.
RFA/Shöhret Hoshur

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى ئاقسۇدا لاگېردا جان ئۈزگەن قاھارجان قاۋۇلنىڭ تۈركىيەدىكى ئانىسى ۋە ئاچىسى، ئاقسۇدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، 20 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە تەشكىلاتلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇپ كەلگەن. مانا بۇ ئېھتىياتچانلىقنىڭ ھېچقانداق كارغا كەلمىگەنلىكى، ئەكسىچە بۇ ئائىلىنىڭ بۇ دەرىجىدە ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئانا-بالا بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىدا، زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىققا ھەرگىز سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيەدە 4 رېستوراننىڭ ساھىبى بولغان ۋە يولدىشى تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان گۈلجامال خانىم بۇ چاغقا قەدەر خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەردىن ئۇزاق تۇرسا ۋەتەندىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىمايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ كەلگەن. شۇڭا ئۇلار، ئۆتكەن 20 يىلدا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا يېقىن يولىمىغان؛ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەردىن يىراق جايلاردىن ماكان تۇتقان. ئىش-تىجارەتتىن باشقا، ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ھېچقانداق بىر ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمىغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق گۈلجامالنىڭ قېرىندىشى قاھارجان قاۋۇل لاگېردا جان ئۈزگەن. ئۇنىڭ ئايالى، ئىككى بالىسى ۋە باشقا بىۋاسىتە تۇغقانلىرىدىن 10 غا يېقىن كىشىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان.

بۇ ئاقىۋەتكە ئاساسەن ئۆزىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىن ئىبارەت يوللۇق ۋە زۆرۈرىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشمىغانلىقىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى تونۇغان گۈلجامال خانىم خىتاينىڭ پەيلىنى تولۇق چۈشەنمەي قالغانلىقىنى ئۆكۈنۈش بىلەن تىلغا ئالدى ۋە ئۆز ۋىجدانى بۇرچى ھەم قالغان تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىدا جىم تۇرمايدىغانلىقى، چەتئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە تەشكىلاتلار بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە ئۆتكەن ھەپتە گۈلجامال ۋە ئانىسى تۈركىيەدىكى ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا بېرىپ، قاھارجان قاۋۇلنىڭ تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئۆزلىرىگە خەۋەر قىلغىنىدەك كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۆيىدە جان ئۈزگەن ئەمەس، بەلكى لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ۋە قاھارجان قاۋۇلنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەم باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئالاقىدار خادىملار بۇ ئەھۋالنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارقىلىق قايتىدىن سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قاھارجان قاۋۇلنىڭ ئانىسى ۋە ئاچىسى قاھارجاننىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئەڭ دەسلەپ تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئۆزلىرىگە يەتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلغانىدى. ئۆتكەن ھەپتە تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغا خىتايدىكى تۈركىيە ئەلچىخانا خادىمى قاھارجان قاۋۇل ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى ئېنىقلاش ئېلىپ بارغانلىقى ۋە ئېرىشكەن ئۇچۇرىنى ئەينەن مەزكۇر ئائىلىگە يەتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى. بۇ خادىم بىزنىڭ قاھارجاننىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرىنى نەدىن ئالغانلىقىمىزنى سورىدى. بىز ئۇنىڭغا مەزكۇر ئائىلىدىن ۋە ئاقسۇدىكى ئالاقىدار خادىملاردىن ئىگىلىگەنلىكىمىزنى بايان قىلدۇق. بىز ئۇنىڭدىن خىتاي تەرەپ ئۆزلىرىگە يەتكۈزگەن ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېيەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.