ئاشكارىلىنىشىچە، پىچاندا يۈز بەرگەن 7 ياشلىق ئۇيغۇر بالىنىڭ 52 ياشلىق خىتاي كۈچمەن تەرىپىدىن چاناپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدە، دائىرىلەر جەسەتنى ئەسلى قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، يەنى ۋەقەنىڭ ئېچىنىشلىق جەريانىنى يوشۇرغان ھالەتتە ئۆلگۈچى ئائىلىسىگە تاپشۇرغان.
تۆۋەندە ۋەقە ھەققىدىكى مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان يەنە بىر قىسىم تەپسىلاتلار ھەققىدە ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات ئابدۇللا نۇراجىنىڭ ئېغىزىدىن مەلۇمات ئالدۇق.
مەلۇم بولۇشىچە، جەسەت ۋەقە يۈز بېرىپ 9 سائەتتىن كېيىن ئۆلگۈچى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلغان. جەسەتنى كۆرۈپ غەزەپ-نەپرىتى پارتلىغان كىشىلەر ئارىسىدىكى ياشلار، بولقا ۋە توقماقلار بىلەن خۇمدان ئەتراپىدىكى خىتايلارنىڭ ئۆيلىرىگە ھۇجۇم قىلسا، چوڭلار، جەسەتنى كۆتۈرۈپ ئۈرۈمچىگە ئاپىرىش ۋە دۆڭبازا ئالدىدا نامايىش قىلىشقا ئۇرۇنغان. ياشلار ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، چوڭلار ئاتالمىش دىنىي زات ۋە خىتاي سېكرېتار تەرىپىدىن پەند-نەسىھەت ۋە ۋەدە بىلەن پەسكويغا چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، جامائەت مەسىلىنى قانۇنىي يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ كويىغا چۈشكەن. ئۇلار سوتتا ئىسپات كۆرسىتىش ۋە زۆرۈر تېپىلسا ۋەقەنى خەلقئاراغا ئاشكارىلاپ، دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن جەسەتنى ئەسلى قىياپىتى بويىچە رەسىمگە ئالغان يەنى جەسەتنىڭ تىكىلگەن قىسىملىرىنى سۈكۈپ، ئەسلى ھالىتى بويىچە ۋىدىئوغا ئالغان. ئائىلىنىڭ ۋەقەنى خەلقئاراغا ئاشكارىلاش نىيىتىدىن خەۋەر تاپقان خىتاي دائىرىلىرى، دەرھال دىغارنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ئىككى يېزىنىڭ تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىنى كېسىۋەتكەن. ئابدۇللا نۇراجىنىڭ يەنە ئاشكارىلىشىچە، بالا باش تەرىپىدىن چانالغان ۋە بىر قولىنىڭ 4 بارمىقى كېسىۋېتىلگەن. ئۆلگۈچى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى شۇ كېچىسى بالىنىڭ چانالغان بارماقلىرىنى ئايرىم خالتىدا كۆتۈرۈپ يۈرۈپ يىغلاپ ھاز ئاچقان ۋە «مۇشۇنداقمۇ ۋەھشىيلىك بولامدۇ» دەپ زارلىغان.
يەنە مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى قاتىل خىتاينىڭ نېرۋا كېسەل ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى بېسىشقا ۋە ئىسياننىڭ تەكرار باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا.
يۇقىرىدا 7 ياشلىق ئۇيغۇر بالىنىڭ 52 ياشلىق خىتاي كۆچمەن تەرىپىدىن چاناپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ھەققىدە ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات ئابدۇللا نۇراجى بەرگەن مەلۇماتلارنىڭ ئاخىرقى قىسمىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.