قاغىلىقتىكى 25-ماي قانلىق توقۇنۇشى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ «ئائىلە زىيارىتى» داۋامىدا كېلىپ چىققان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.05.28
Qaghiliq-nahiyisidiki-Meschit-305.jpg قاغىلىق ناھىيىسىدىكى مەسچىت. 2011-يىلى نويابىر.
RFA/Mehriban

بىز تۈنۈگۈنكى ئاڭلىتىشىمىزدا، شەنبە كۈنى قاغىلىق ناھىيە بازىرىدا يۈز بەرگەن 25-ماي قانلىق ۋەقەسى ھەققىدە ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈن بۇ ھەقتە ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىگىلەنگەن يەنە بىر قىسىم مەلۇماتلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ۋەقەمۇ خۇددى مارالبېشى ۋە يېڭىساردىكىگە ئوخشاشلا ئاھالىلەر رايونى خادىملىرىنىڭ «ئائىلە زىيارىتى» دەپ ئاتىلىدىغان ئۆي ئاختۇرۇشى داۋامىدا يۈز بەرگەن. تەكشۈرگۈچىلەر قاغىلىق بازارلىق ھۆكۈمىتىنىڭ 3-ئاھالىلەر رايونىدىكى ئۆي تەكشۈرۈش داۋامىدا مەلۇم بىر ئۆيگە كەلگەندە بىر گۇرۇپپا گۇمانلىق كىشىلەرنى بايقىغان ۋە ئەھۋالنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان. بۇنىڭ بىلەن گۇماندارلار ھەرىكەتكە ئۆتۈپ خادىملاردىن 3 نەپىرىنى ئۆلتۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ۋەقە ھەققىكى ئۇچۇرنى كونترول قىلىش ناھىيەدە يولغا قويۇلۇۋاتقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرماقتا.

  1. سوئال: قاغىلىق ناھىيىلىك تەشۋىقات ئىدارىسىمۇ؟
    جاۋاب: شۇنداق.
    سوئال: سىلەرنىڭ ئاخبارات باياناتچىڭلار بارمۇ؟ بولسا چاقىرىپ قويسىڭىز؟
    جاۋاب: ئىشخانىدا يوقكەن، قول تېلېفونىنى دەپ بېرەيمۇ؟
    سوئال: شۇنداق قىلىڭ، ئىسمى نېمە بۇ كىشىنىڭ؟
    جاۋاب: سىدىق تۇردى، ئىشخانا مۇدىرىمىز. تېلېفونى 159........
  2. سوئال: ۋەي بۇ، سىدىق تۇردىمۇ؟
    جاۋاب: شۇنداق. سىز كىم؟
    سوئال: مەن بىر رادىئو ئىستانسىسى مۇخبىرى، قاغىلىقتا شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ باش-ئاخىرىنى قىسقىچە دەپ بېرەلەمسىز؟
    جاۋاب: ياق، ياق، دەپ بېرەلمەيمەن، بۇ قاتتىق مەخپىي.
    سوئال: ئۇنداقتا، سىزگە ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ھوقۇقى بېرىلمىدىمۇ؟
    جاۋاب: ياق، بۇ ئىشنى تېلېۋىزوردىمۇ بەرمىدۇق. بۇ ئىشنى ناھىيىلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتى، ج خ ئورگانلىرى مەخپىي بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ.
    سوئال: بۇ ۋەقەدىن بىزنىڭ خەۋىرىمىز بار، بىر قىسىم ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىپ بولدى، ئۆزەڭلارمۇ تېلېۋىزوردا ئۇقتۇرۇش شەكلىدە بەردىڭلارغۇ؟
    جاۋاب: ئۇنداق بولسا، بىزنىڭ بۆلۈمدىكى ما جۇرىنغا تېلېفون قىلىڭ.
    سوئال: ياق، ناھىيىلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتىغا تېلېفون قىلاي، ئىدارىنىڭ باشلىقى كىمۇ؟
    جاۋاب: ئادىل مامۇت، ناھىيىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى.
    سوئال: ئەمىسە شۇ كىشىنىڭ تېلېفونىنى دەپ بېرىڭ؟
    جاۋاب: مەندە يوق، مەن ئىشخانىدا ئەمەس.
  3. سوئال: سىز قاغىلىقتىنغۇ دەيمەن؟
    جاۋاب: ھەئە، شۇنداق، ئاھالىلەر رايونىدا ئىشلەيمەن.
    سوئال: ۋەقەدىن كېيىنكى چارلاش ئىشىغا قاتنىشىۋاتامسىز؟
    جاۋاب: سۇ ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى دەيسىزغۇ دەيمەن؟
    سوئال: شۇنداق.
    جاۋاب : ئۈچ كۈن بولدى، كېچە-كېچىلەپ تەكشۈرۈۋاتىمىز، نۇقتىلىق ئائىلىلەرنى، دىنىي كەيپىياتى قويۇق ئائىلىلەرنى زۇفاڭ (ئائىلە زىيارىتى) قىلىۋاتىمىز.
    سوئال: ۋەقەدە قانچە كىشى ئۆلگەن بولدى؟
    جاۋاب: ئىجتىمائىي ئاھالىلەر رايونى خادىملىرىدىن 3 كىشى زىيانكەشلىككە ئۇچراپتۇ؟
    سوئال: خەنزۇمۇ، ئۇيغۇرمۇ؟
    جاۋاب: ئۇنى بىلمىدىم.
    سوئال: ۋەقە سىزگە ئۇقتۇرۇلمىدىمۇ؟
    جاۋاب: مەن بىلمەيمەن، مەن مۇقىملىق خىزمىتىگە مەسئۇل.
    سوئال: ئۇنداقتا، سىز تېخىمۇ بىلىشكە تېگىشلىكقۇ؟ ئەمىسە سىز، باشلىقىڭىزنىڭ تېلېفونىنى دەپ بېرىڭ؟
    جاۋاب: بولىدۇ سېكرىتارىمىز، ئايال، ئىسمى ئايشەم تۇردى.....
  4. سوئال: بۇ ئايشەم تۇردىمۇ؟
    جاۋاب: ھە، مەن شۇ.
    سوئال: ئۆي تەكشۈرۈش داۋامىدا ئېگىز-پەسلىكلەرگە يولۇقمىغانسىلەر؟
    جاۋاب: ياق، رەھمەت. ساقچى ۋە ياردەمچى ساقچىلار بىلەن بىللە مېڭىۋاتىمىز.
    سوئال: قايسى ساقچىلار سىزگە ھەمراھ بولۇۋاتىدۇ؟
    جاۋاب : ئىككىنچى ساقچىخانىنىڭ خادىملىرى.
    سوئال: ۋەقە ھەققىدە سىلەرگە تولۇق خەۋەر بېرىلدىمۇ؟
    جاۋاب: بېرىلدى.
    سوئال: نېمە دەپ ئۇقتۇرۇلدى سىلەرگە؟
    جاۋاب: ئاھالىلەر رايونى خادىملىرى ئائىلە زىيارىتى قىلىۋاتقاندا، بىر ئۆيدە ئادەملەر كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى، گۇمانلىق كىشىلەر بارلىقىنى بايقاپ ساقچىغا مەلۇم قىلغاندا، بىزدىن 3 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
    سوئال: قايسى ئاھالىلەر رايونىنىڭ خادىملىرى ئىكەن؟
    جاۋاب: ئۈچىنچى ئاھالىلەر رايونىنىڭ.
    سوئال: ۋەقە سادىر قىلغان گۇماندارلارنى قەيەردىن دەپ ئۇقتۇردى؟
    جاۋاب: پەيزىۋاتتىن دەپ ئۇقتۇردى.
    سوئال: پەيزىۋاتنىڭ قەيىرىدىن دەپ ئۇقتۇردى؟
    جاۋاب: ئۇ ئېسىمدە قالماپتۇ.
    سوئال: قولۇڭلاردا بۇ ھەقتە تارقىتىلغان بىر يازما ئۇقتۇرۇش بارمۇ؟
    جاۋاب: بار.
    سوئال: شۇنى ماڭا بىر ئوقۇپ بېرەمسىز؟
    جاۋاب: بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقاتماڭلار، سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرمەڭلار دېگەن.

يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ۋەقە قاغىلىق بازىرىنىڭ 3-ئاھالىلەر رايونىدا ئاتالمىش ئائىلە زىيارىتى داۋامىدا يۈز بەرگەن. ۋەقە قاغىلىق بازاردىكى سۇ ئىدارىسى ۋە تەنتەربىيە كومىتېتى ۋە ساقچى ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا يېقىن بىر جايدا يۈز بەرگەن. بۈگۈن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلار، بىز بىز ئىلگىرى ئىگىلىگەن، ۋەقەدە جەمئىي ئاز دېگەندە 5 كىشى ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، گۇماندارلارنىڭ بىر قىسمى ياكى كۆپىنچىسى پەيزىۋات ناھىيىسىدىن. ئەمما گۇماندارلارنىڭ ئومۇمى سانى، توقۇنۇشتا ئىشلەتكەن قورالى ۋە قانچىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، قانچىسىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.