غۇلجا بايانداي ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، باياندايدا ئاشخانا ئېچىۋاتقان سۇلتانجان ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئائىلىسى بويىچە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ ئاكىسى ساۋۇرجاننىڭ مىسىردا ئاشخانا ئاچقان ئىككى ئوغلىنىڭمۇ «تەربىيەلەش» تە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، مەزكۇر ئائىلىنىڭ ئەھۋالى ئايدىڭلاشمىغان بولسىمۇ، بايانداي يېزىسىدىن بۇلتۇر يىل ئوتتۇرىدىن باشلاپ «ھىجرەتكە تەييارلىق قىلغان» دېگەن گۇمان بىلەن 3 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى.
ئىلگىرى رايوندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن ئاشكارىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى مىڭلىغان كىشىلەر ھەر خىل يوللار بىلەن چېگرا ئاتلاپ چىقىپ كېتەلىگەن بولسىمۇ، يەنە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ سەپەر ئۈستىدە، ھەتتا ئۆيىدىن قوزغالماي تۇرۇپ تۇتۇلغانلىقى ۋە ئۇلارغا «ھىجرەتچى» دېگەن بىر ئاتالمىش جىنايەت ئارتىلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
سابىق مەھبۇسلاردىن بىرى ئۆزىنىڭ پاكىستاندىن قايتۇرۇۋېتىلگەن 40 نەچچە كىشى بىلەن بىر قاماقخانىدا ياتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، يەنە بەزى كەنت ئامانلىق مۇدىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن «ھىجرەتكە ئاتلانغان» ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئۆز ئېغىزى بىلەن ئاشكارىلىغان ئىدى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ھىجرەتكە تەييارلانغانلارنى پاش قىلىش يېقىنى يىللاردىن بېرى يېزىلاردىكى بەزى ئامانلىق مۇدىرلىرى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىش يوللىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.
باياندايدىكى يۇقىرىقى ئامانلىق مۇدىرى چەتئەلگە چىقىش كويىدىكى3 كىشىنى تۇتۇپ بەرگىنى ۋە 30 كىشىنىڭ تۇتۇلۇشىغا يول ئېچىپ بەرگىنى ئۈچۈن ئىككى قېتىم مۇكاپاتلانغان. ئەمما «يېپىق تەربىيە» دولقۇنىدا ئۇنىڭ بۇ كۆرسەتكەن خىزمىتى ئېتىبارغا ئېلىنمىغان. ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ۋە ئايالىنىڭ قېرىنداشلىرىڭ پەرزەنتلىرىدىن بولۇپ 5 كىشى «تەربىيەلەش» كە ئەكېتىلگەن.
0:00 / 0:00