ئاقسۇ ئايكۆل ساقچى خادىمى: ھېيت نامىزىغا قانۇنسىز قاتناشقان 170 نەچچە كىشى سوراقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.07.28
xitay-saqchi-meschit-charlash.jpg خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى جۈمە نامىزىدىن بۇرۇن مەسچىت ئەتراپىنى چارلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2009-يىلى 10-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ شەھەر ۋە ناھىيە مەركەزلىرىدىكى ئاز بىرقىسىم نۇقتىلىق مەسچىتلەرنىڭ ھېيت مەزگىلىدە جامائەتكە ئېچىلغانلىقى، كۆپىنچىسىنىڭ تاقاق ھالىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. بۇ ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئاقسۇنىڭ ئايكۆل بازىرىدا 50 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭلا ھېيت نامىزىغا قاتنىشىشىغا يول قويۇلغانلىقى، بۇ قائىدىنى بۇزغان 170 نەچچە كىشىنىڭ ساقچىخانىدا سوراق قىلىنىۋاتقانلىقى ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلاندى.

بىز ئوتكەن ھەپتە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ناھىيە ۋە شەھەر مەركەزلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھېيت نامىزىغا قاتنىشىش ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ بارغانىدۇق. بۈگۈن يېزا-بازارلاردىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلىپ، ھېيتلىق قائىدە-تۈزۈملەر ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. كۇچا ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ ساقچىخانىسى، بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ يىلقى ئىككى قېتىملىق ھېيت مەزگىلىدە، شەھەر ۋە ناھىيە مەركەزلىرىدە دىنىي چەكلىمىلەر، بەلگىلىك دەرىجىدە يۇمشىغان بولسىمۇ، ئەمما يېزا-بازارلاردا يەنىلا ئالدىنقى يىللاردىكىدەك قاتتىق ھالەتتە داۋاملاشقان. كۆپىنچە يېزا-بازارلاردا، بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا، ھەربىر ئائىلىدىن بىر ۋە بىرقانچە كىشى تۇتقۇندا بولغاچقا، ھېيت كەيپىياتى ۋە ھېيت ئۆتكۈزۈش زۆرۈرىيىتىنىمۇ ھېس قىلمىغان.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ھەرقايسى ۋىلايەتلەر، ۋە ھەتتا يېزا بازارلار، بۇ ھېيت مەزگىلىدە ئۆز شارائىتىغا قاراپ بىرقىسىم ئالاھىدە تۈزۈملەرنىمۇ چىقارغان. بۇ تۈزۈملەردە مۇقىملىقنى چىڭ ساقلاش، ئاتالمىش ئالدىنقى 4 يىللىق ۋەقە چىقماسلىق ھالىتىگە كېپىللىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇندا تەكىتلەنگەن بولسا، بۇ تەدبىرلەرنىڭ جەمئىيەتتە تالمىش سەلبىي سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسكەرتىلگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يېزا بازار ساقچى خادىملىرى، ۋەزىيەت ھەققىدە ھەرقانداق بىر ئۇچۇر بېرىشنى ئىزچىل ھالدا رەت قىلدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئاقسۇنىڭ ئايكۆل بازارلىق ساقچى خادىمى، بۇ بازاردا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن، ھېيتلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ، كوچا چارلاش، دۇكان ئارىلاش، ئۆي ئاختۇرۇش شەكلىدە داۋام قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، بۇ يىللىق قۇربان ھېيتتا 50 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ھېيت نامىزىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت بېرىلگەنلىكى، ئەمما 50 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ بولسا چەكلەنگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئايكۆلدىكى ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ساقچىلار ھېيت نامىزىدىن كېيىن، شۇ ھېيت نامىزىغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆي ۋە كىملىك رەسمىيەتلىرىنى ئاختۇرۇپ، ئۇنىڭ يېشىىنىڭ راستىنىلا 50 ياشتىن يۇقىرى ياكى ئەمەسلىكىنى سۈرۈشتە قىلغان. كىملىكلىرىدە ئىككى خىل يېزىلىپ قالغان، ياكى 50 ياشتىن يۇقىرى دەپ يېزىلغان بولسىمۇ، توغرىلىقى گۇمانلىق دەپ قارالغان بىرقىسىم كىشىلەر سوراق ۋە تەكشۈرۈش ئۈچۈن ساقچىخانىغا ئەكېتىلگەن.

يەنە بەزى ئاھالىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ساقچىلار، مەھەللىلەردىكى ئون ئائىلە باشلىقى نامىدىكى پايلاقچىلىرى ئارقىلىق مەسچىتكە بارماي، ئۆيلىرىدە خۇپىيانە ھېيت نامىزى ئوقۇغانلارنى سۈرۈشتە قىلغان ۋە بۇ خىل گۇمان بىلەنمۇ مەھەللىدىن بىرقىسىم كىشىلەر بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ ئېلىپ كېتىلگەن. ئايكۆل بازارلىق ساقچىخانىنىڭ يۇقىرىقى خادىمى، ئايكۆلدە 50 ياشتىن تۆۋەنلەر ھېيت نامىزى ئوقۇماسلىقتەك، بۇ قائىدىنى بۇزغان 170 نەچچە كىشىنىڭ نۆۋەتتە قاماقتا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

مەزكۇر خادىم، نۆۋەتتە ئۈستىدىن سوراق ۋە تەكشۈرۈش داۋام قىلىۋاتقان بۇ 170 نەچچە كىشىنىڭ نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، يەنى قاماقخانا ياكى لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئاتۇشتا، ياشتا 65 ياشتىن ئاشقانلارنىڭلا ناماز ئوقۇشىغا رۇخسەت ئىكەنلىكى ۋە بۇ قائىدىنى بۇزغانلارنىڭ لاگېرغا ئەكېتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.