«خىتاينىڭ قارا تىزىملىكى» نورۋېگىيەدە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان
2020.09.17

2 مىليون ياۋروپالىق، 700 نەپەر نورۋېگىيەلىك «خىتاينىڭ قارا تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن.
نورۋېگىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «داگبلادېت» (كۈندىلىك خەۋەرلەر) گېزىتى 15-سېنتەبىر كۈنى «خىتاينىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلەر» ناملىق بىر دوكلاتنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، نورۋېگىيەدە ياشايدىغان، خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىسى بار دەپ قارالغان بىر نەپەر خىتاي «تىجارەتچى» نىڭ «جېنخۇا شىركىتى» 2 مىليون ياۋروپالىق، 700 نەپەر نورۋېگىيەلىكنىڭ خۇسۇسىي ئارخىپلىرىنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزگەن.
«داگبلادېت» گېزىتى «خىتاينىڭ قارا تىزىملىكى» نى قانداق قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتمىغان. نورۋېگىيە دۆلەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى بۇ «قارا تىزىملىك» كە نىسبەتەن ھازىرچە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. «خىتاينىڭ قارا تىزىملىكى» گە ئىسمى كىرگۈزۈلگەن بەزى شەخسلەر مەزكۇر گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ ھەيرانلىقىنى ئىپادە قىلغان بولسا، بەزىلىرى ئەزەلدىن «خىتاي قارا كۈچلىرى» بىلەن ئالاقىدە بولۇپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنە بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ نامەلۇم تېلېفونلارنى، ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئەمما پەرۋا قىلمىغانلىقىنى، جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىشقان.
«خىتاينىڭ قارا تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن 700 نەپەر نورۋېگىيەلىكنىڭ بىر قىسمى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ياكى خىزمىتىدىن ئايرىلىپ پېنسىيەگە چىققان داڭلىق كىشىلەر بولۇپ، يەنە بىر قىسمى جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىرى بولغان شەخسلەر ۋە چوڭ شىركەتلەرنىڭ خوجايىنلىرى ئىكەن.
ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، بۇ «قارا تىزىملىك» كە 29 نەپەر سابىق جىنايەتچىنىڭ خۇسۇسىي ئارخىپلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن. خىروئېن چېكىش، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش ياكى زوراۋانلىق گۇرۇھلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشتەك جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنىپ قاماق جازالىرىغا مەھكۇم بولغان، ھازىر جازا مۇددىتىنى تاماملاپ نورمال ھايات كۆچۈرۈۋاتقان نورۋېگىيەلىكلەرمۇ بۇ «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزۈلگەن. خىتاينىڭ ۋاقتى كەلگەندە پۇلنىڭ كۈچىگە تايىنىپ بۇلاردىن مەلۇم بىر مەقسەتتە پايدىلىنىشنى كۆزلىگەن بولۇش ئېھتىمالى بارمۇ-يوق؟ بۇنىسى نامەلۇم ئىكەن.
«نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» نىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەس´ئۇلى بەھتىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، «داگبلادەت» گېزىتىدا ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەرنىڭ نورۋېگىيەنى زىل زىلىگە سالغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەھدىتىگە ئۇچراش مەسىلىسىنىڭ نورۋېگىيە بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە مەلۇم ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خۇسۇسىي ئاخرىپلىرىنى ساقلاشتا ئېھتىياتچان بۆلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاينىڭ نورۋېگىيەدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان مەتبۇاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن بىر تېما بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر بۇنداق كونكرېت بىر «قارا تىزىملىك» قولغا چۈشۈرۈلۈپ ئېلان قىلىنىپ باقمىغان بولغاچ، «داگبلادېت» گېزىتىنىڭ «خىتاينىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلەر» ناملىق دوكلاتى نورۋېگىيەدە زور تەسىر قوزغىغان.
نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى سەمەت ئابلا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۆزىنىڭ بۇ «قارا تىزىملىك» كە ھەقىقەتەن ھەيران قالغانلىقىنى ئىپادە قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزۈلگەن بەزى نورۋېگىيەلىكلەر خىتايغا تەنقىدىي پوزىتسىيە بولۇپ كەلگەن مەشھۇر سىياسىي شەخسلەر ئىكەن.
نورۋېگىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇخەتتەر خانىم بۇ توغرىسىدا توختالغاندا، خىتاينىڭ «جېنخۇا شىركىتى» توپلىغان 700 نەپەر نورۋېگىيەلىكنىڭ خۇسۇسىي ئارخىپلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ «قارا تىزىملىك» مەسىلىسىنىڭ نورۋېگىيەدە جىددىي بىر قىزىق تېمىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.